شەرقتىن كەلگەن شامال باھارنى يېڭى تۈسكە كىرگۈزدى

日期:2021年01月18日
来源:天山网
【字体:

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، تۈرتكە بولغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ياڭ يىجۈن، جېڭ مىڭدا، ۋېن شىن، ۋاڭ بىن

«سىياسىي پارتىيە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا، شۇنداقلا ئۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچ».

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سىياسىي پارتىيە. ئىنسانىيەت ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بوشاشماي كۈرەش قىلىدىغان يۈكسەك غايىسى.

پارتىيەنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتى ئەزەلدىن پارتىيەنىڭ بىر مۇھىم خىزمەت سېپى بولۇپ كەلگەن، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن دۆلەتنىڭ ئومۇمىي دىپلوماتىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا تېخىمۇ ئايلاندى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلاپ، ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆزى تۈرتكە بولۇپ، ئۆزى قاتنىشىپ، پارتىيەنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى مەنزىل ئېچىپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ يېڭى نەتىجە يارىتىپ، يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ ئۆزگىچە ھەم گۈزەل مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقتى.

(1) تاغ - ئېدىرلار بولدى كۆۋرۈك ئارزۇ - ئارمان بىلەن

«بىرمىنىڭ يېقىندا چوڭ سايلامنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئاڭلاپ خۇشال بولدۇم، سىز بىرما مەملىكەتلىك دېموكراتىيە ئىتتىپاقىغا رەھبەرلىك قىلىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردىڭىز، مەن چىن كۆڭلۈمدىن سىز ۋە بىرما خەلقىنى سەمىمىي تەبرىكلەيمەن».

2020 - يىلى 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەمدىلا سايلامدا غەلىبە قىلغان بىرما مەملىكەتلىك دېموكراتىيە ئىتتىپاقى (دېموكراتىيە ئىتتىپاقى)نىڭ رەئىسى ئاڭشەن سۇجىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

سەمىمىي تىلەك كىشىلەرگە ئىككىيلەننىڭ بەش يىل ئىلگىرى تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندىكى مەنزىرىنى ئەسلەتتى.

2015 - يىلى 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسىلىك سالاھىيىتى بىلەن بېيجىڭدا ئاڭشەن سۇجى باشچىلىقىدىكى بىرما دېموكراتىيە ئىتتىپاقى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

كىچىككىنە بىر تەپسىلات جۇڭگودا تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولغان ئاڭشەن سۇجىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى: كۆرۈشۈش خەلق سارىيىنىڭ فۇجيەن زالىدا ئۆتكۈزۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. فۇجيەن دەل ئۇنىڭ ئاتىسى ئاڭشەن جياڭجۈن زىيارەت قىلغان جاي ئىدى.

كۆرۈشۈشتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاڭشەن سۇجىغا مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق، سىزنىڭ جۇڭگو ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن، بۇ، ئارىمىزدىكى ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق».

شۇنىڭدىن كېيىنكى تۆت يىلدا، شى جىنپىڭ بىرما دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئاڭشەن سۇجى بىلەن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بەش قېتىم ئۇچراشتى. 2020 - يىلى 1 - ئايدا، جۇڭگو - بىرما دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، شى جىنپىڭ بىرمىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ جۇڭگو - بىرما تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش يېڭى دەۋرىگە كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئۇزاق يىللىق قېرىنداشلارچە دوستلۇقنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتتى.

دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنىڭ يۈزلىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك ھالقىلىق پەيتتە، ھۆكۈمەتلەر ئارا دىپلوماتىيەدىن پەرقلىنىدىغان يول بولۇش سۈپىتى بىلەن، سىياسىي پارتىيە دىپلوماتىيەسى كۆپ ھاللاردا ئالاھىدە ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان ئاچقۇچقا ئايلىنىدۇ.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، جاھانگىرلارنىڭ دۈشمەنلىك نەزەرى بىلەن يېتىم قالدۇرۇشىغا قارىتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمى قۇرۇشنى تەستىقلىدى، بۇ بۆلۈم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەرقايسى دۆلەت كوممۇنىستىك پارتىيەلىرى، ئىشچىلار پارتىيەلىرى ۋە باشقا ئىلغار كۈچلەر بىلەن كەڭ دائىرىدە دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا مەسئۇل بولۇپ، يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش، دىپلوماتىيە ۋەزىيىتىنى يارىتىش، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم رول ئوينىدى. پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش پىرىنسىپى بويىچە، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى سىياسىي پارتىيەلەر بىلەن كەڭ دائىرىدە دوست بولۇپ، دوستلار ئارا مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلقئارادىكى تەسىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەزەلدىن پارتىيەنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلدى ۋە ئەھمىيەت بەردى. يەرلىكتە خىزمەت قىلىۋاتقاندا، ئۇ پارتىيەنىڭ تاشقى ئالاقە خىزمىتىگە ئۆزى بىۋاسىتە قاتناشتى ۋە تۈرتكە بولدى. مەركەزگە كېلىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇ پارتىيەنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىنىڭ خاراكتېرى، ئورنى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم ھۆكۈملەرنى چىقىرىپ، پارتىيەنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ ئالغا ئىلگىرىلىشى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

2015 - يىلى، گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى گابرېللا بىلەن كۆرۈشكەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىشتىن ئوخشاشلىقلارنى مۇجەسسەملەپ، پەرقلەرنى تۈگىتىشكە يۈكسىلىشنى كۆزلەپ، مەنپەئەت، مەسئۇلىيەت، خىرىستىكى ئوخشاشلىقلارنى مۇجەسسەملەپ، ئىدېئولوگىيە، سىياسىي تۈزۈم، تەرەققىيات باسقۇچى توغرىسىدىكى ئوخشاش بولمىغان قاراشلارنى تۈگىتىپ، دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭىچە پارتىيەلەر ئارا مۇناسىۋەتنى ئورنىتىش كېرەك.

2016 - يىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، پۈتۈنلەي باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، بىر - بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپى ئاساسىدا، ھەرقايسى دۆلەت، ھەرقايسى رايونلاردىكى سىياسىي پارتىيە ۋە سىياسىي تەشكىلاتلار بىلەن بولغان ئالاقە، ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

2017 - يىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلام سۆزلىشىش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېڭىچە سىياسىي پارتىيەلەر مۇناسىۋىتى دېگەن مۇھىم، زور تېمىنى شەرھلەپ، ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەردىكى سىياسىي پارتىيەلەر ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقىنى كۈچەيتىپ، قويۇق ھەمكارلىشىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىدا ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قالىدىغان، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئۆزئارا ئۆگىنىپ ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان يېڭىچە سىياسىي پارتىيەلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك... دەپ كۆرسەتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، تۈرتكە بولۇشى بىلەن پارتىيەنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىدە يېپيېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى.

سەككىز يىلدا، شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسىدىن ئىبارەت قوش سالاھىيەت بىلەن ئۈچ قېتىم چەت ئەلگە زىيارەتكە چىقتى، تەخمىنەن 40 قېتىم زىيارەتكە كەلگەنلەرنى كۈتۈۋالدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سوتسىيالىستىك دۆلەتلەردىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتى، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي پارتىيەلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى سىياسىي پارتىيەلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى تېخىمۇ بېيىدى، ئاساسلىق دۆلەتلەردىكى سىياسىي پارتىيەلەر بىلەن بولغان مېخانىزملاشقان ئالاقىسى تەدرىجىي پىشىپ يېتىلدى، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان سىياسىي پارتىيەلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىدە يېڭى بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

بىر خىل ئۇسلۇب بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان ئالاقىلىشىش شەكلى كەڭ تارقىلىپ تەرىپلەنگەن «دىپلوماتىيە نادىر كۆرۈنۈشلىرى»نى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى −

چاۋشيەن رەھبىرى جىن جېڭئېن بىلەن دېڭىز بويىدا سەيلە قىلدى، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۈەن فۇجۇڭ بىلەن «قىشتا چاي ئىچكەچ پاراڭلاشتى»، لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىنى ئۆتەۋاتقان بېنياڭ بىلەن «يىللىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى»، كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى رائۇل كاستروغا «دوستلۇق ئوردېنى» بەردى... ئەنئەنىۋى دوستلۇق داۋاملاشتى، پارتىيەلەر ئارا ئالاقە دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇردى.

كۈنسېرى پىشىپ يېتىلگەن سۆزلىشىش مېخانىزمى پارتىيەلەر ئارا ئالاقىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى، ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇردى −

جۇڭگو - رۇسىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەلەر سۆزلىشىشى قەرەللىك ئۆتكۈزۈلۈپ، دىققەت خەلقئارا، رايون ۋەزىيىتى، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى قاتارلىق ماكرولۇق، ئىستراتېگىيەلىك، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە تېمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈلدى، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئورتاق تونۇش ئۈستىدە كېڭىشىلىپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ سىجىل چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولۇندى؛

جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ سىياسىي پارتىيەلەر سۆزلىشىشى ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەيدىغان مۇھىم سۇپىغا ئايلاندى، ئىككى دۆلەت سىياسىيونلىرى ئارىسىدا كۆپ مىقداردا مۇناسىۋەت دائىرىسى توپلاندى، بۇنىڭغا قاتناشقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ھۆكۈمەتتە مىنىستىر - ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىدىكى قىممەتلىك بايلىققا ئايلاندى؛

جۇڭگو - ياپونىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەلەر ئالاقىلىشىش مېخانىزمى، جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى سىياسىي پارتىيەلەر سۆزلىشىش يىغىنى، جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى سىياسىي پارتىيەلەر مۇنبىرى، جۇڭگو - ئافرىقا سىياسىي پارتىيەلەر نەزەرىيە تەتقىقات - مۇھاكىمە يىغىنى، جۇڭگو - ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىي پارتىيەلەر مۇنبىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى سىياسىي پارتىيەلىرىنىڭ سۆزلىشىش يىغىنى... ياكى يىغىنغا قاتناشقان سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچراشتى، ياكى تېلېگرامما، خەت ئەۋەتىپ تەبرىكلىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەرقايسى دۆلەت سىياسىي پارتىيەلىرى بىلەن بولغان ئالاقە، ھەمكارلىقتا ئىلگىرىلەش ۋە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى.

2017 - يىلى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، بېيجىڭ، خەلق سارىيى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلام سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى «پۈتۈن يەر شارىدىكى سىياسىي پارتىيەلەرنى بىرلىكتە يىغىن ئېچىشقا تەكلىپ قىلدى»، تەكلىپنى تاپشۇرۇۋالغانلار توپلاندى. يىغىن مەيدانىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى، 120 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 300گە يېقىن سىياسىي پارتىيە ۋە سىياسىي تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى پۈتۈن دىققىتى بىلەن كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى...

بىر چەت ئەل تاراتقۇسىدا ھاياجان بىلەن مۇنداق دېيىلدى: نۇرغۇن سىياسىي پارتىيەلەر ئۆز دۆلىتى ئىچىدە ئوت بىلەن سۇدەك چىقىشالمىسىمۇ، ئەمما جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن بىر ئۈستەلدە بىللە ئولتۇرالىدى. بۇنىڭدىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەسىر كۈچى، چاقىرىق كۈچى، يېقىشچانلىق كۈچىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنيادا كەڭ دائىرىدە دوست تۇتۇشنى خالايدۇ». يېقىملىق، ئىللىقلىق بېغىشلايدىغان سۆزلەر تېلېگرامما، رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ئالاقە تورى ئارقىلىق دۇنيانىڭ جاي - جايلىرىغا تارقالدى.

ئىدېئولوگىيە ئارقىلىق چەك - چېگرا ئايرىماسلىق، چوڭ - كىچىكلىك، كۈچلۈك - ئاجىزلىق ئارقىلىق مۇناسىۋەتنىڭ يىراق - يېقىنلىقىغا باھا بەرمەسلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كەڭ كۆڭلى - كۆكسى ۋە ئالىيجاناب خىسلىتىنى نامايان قىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 160 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىكى 600دىن ئارتۇق سىياسىي پارتىيە ۋە سىياسىي تەشكىلات بىلەن ئوخشاش بولمىغان شەكىلدىكى ئالاقىنى ساقلاپ، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ يوللۇق، كەڭ ساھەلىك، چوڭقۇر قاتلاملىق بولغان يەر شارىۋى سىياسىي پارتىيەلەر ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى تورىنى بەرپا قىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە تۇتىشىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان داغدام يولدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ چۈشەنگۈچىلىرى، قوللىغۇچىلىرى، ھەمسەپەر بولغۇچىلىرى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە...

(2) ئالىيجانابلار ماختانمىسىمۇ كىشىلەرنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ

بىرلا چاقىرسا ھەممە جاۋاب قايتۇرىدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بۇنداق قىلالىشىدا تايانغىنى نېمە؟

تارىخ تېلېسكوپىدىن قارىغاندا، بۇنىڭ جاۋابىنى ئېنىق كۆرۈش تەس ئەمەس.

نامرات، قالاق، ھەممە ئىشنى قايتىدىن باشلايدىغان ھالەتتىن دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىشقىچە؛ ئۇزاق مۇددەت نامراتلىق چىرمىۋېلىش، نۇرغۇن يىللىق ئارزۇغا ئىنتىلىشتىن ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقىچە؛ يەر شارى مىقياسىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى باشلامچىلىق بىلەن تىزگىنلەشتىن يۇقۇمنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇپ، مۇسبەت ئېشىشنى تۇنجى بولۇپ ئىشقا ئاشۇرغان دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىشقىچە...

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يول باشلاپ رولچى بولۇشى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن يۈرۈش قىلماقتا.

«جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچى جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى ئاچقانلىقىدا.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى جۇڭگونىڭ كۈرەش قىلىش شىفىرىنى مۇشۇنداق يېشىپ بەرگەنىدى.

بىر چاغلاردا، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۆلچەم ھېسابلانغان، بەزىلەر ھەتتا ئاتالمىش «تارىخ ئاخىرلىشىش نەزەرىيەسى»نى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ھالبۇكى، بىر مەزگىلدىن بۇيان، «جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى» بىلەن «غەربتىكى مالىمانچىلىق» روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ شەكىللىنىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدىن ئىبارەت بۇ يەر شارىۋى ئاممىۋى سەھىيە كىرىزىسى ئالدىدا تېخىمۇ گەۋدىلەندى.

ئالىيجانابلار ماختانمىسىمۇ كىشىلەرنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ.

شەرققە بارايلى، جۇڭگوغا بارايلى! بارغانسېرى كۆپلىگەن سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ «ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شىفىرى»نى چۈشىنىشنى جىددىي ئۈمىد قىلماقتا، جۇڭگونىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشىدىن تەجرىبە ۋە ئىلھام ئېلىشنى ئارزۇ قىلماقتا.

چوڭنىڭ چوڭغا لايىق سالاپىتى بولۇشى كېرەك! باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئېچىۋېتىش نەزەرى، كەڭ كۆڭلى - كۆكسى ئارقىلىق، ھەرقايسى دۆلەت سىياسىي پارتىيەلىرى بىلەن باراۋەر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنياغا تۇتىشىدىغان يول ئۈستىدە ئورتاق ئىزدەندى.

ئۇلار ياكى سەمىمىي ئېھتىرام بىلەن ياكى ئازراق قىزىقىش بىلەن جۇڭگوغا «تەلىم ئالغىلى» كەلدى −

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە قانداق رەھبەرلىك قىلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى؟»

بۇ، ھەرقايسى دۆلەت سىياسىي پارتىيەلىرى ئەڭ كۆپ سورىغان، بىلىشكە ئەڭ تەقەززا بولغان مەسىلە. ئەينى چاغدىكى لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى بېنياڭ شۇنداق سورىغانلارنىڭ بىرى.

2017 - يىلى 11 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ لائوستا زىيارەتتە بولغاندا، جۇڭگو - لائوس رەھبەرلىرى ئارىسىدا مۇنداق سەمىمىي سۆھبەت بولۇپ ئۆتتى:

بېنياڭ مۇنداق دېدى: لائوسنىڭ يېزا ئىگىلىك تەبىئىي شارائىتى بىرقەدەر ياخشى بولسىمۇ، لېكىن مەبلەغ ۋە تېخنىكا جەھەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ.

شى جىنپىڭ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىك ساھەسىنى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىدىكى نۇقتىلىق ساھە قىلساق بولىدۇ، جۇڭگو لائوسنىڭ تەبىئىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە لائوس دېھقانلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بەرسە بولىدۇ.

شۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى يىلدا، بېنياڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خۇنەن شياڭشىنىڭ شىبادۇڭ كەنتى، فۇجيەن نىڭدېنىڭ شياچى كەنتىدە زىيارەتتە بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى بېسىپ ئۆتكەن ئىزلارنى بويلاپ، «نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش»تىن ئىبارەت جۇڭگو ئەمەلىيىتىنى ھېس قىلدى. «جۇڭگولۇق يولداشلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرى ئىنتايىن قىممەتلىك، بىز جۇڭگولۇق يولداشلارنىڭ ياخشى ئۇسۇللىرىنى لائوسقا ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك» دېدى بېنياڭ.

«جۇڭگو شۇنچە چوڭ تۇرسا، بىر تۈرلۈك تەدبىرنى قانداق قىلىپ مەركەزدىن يەرلىككىچە ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ؟»

2020 - يىلى 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، گۇيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ خۇيشۈي ناھىيەسىدە، شۇ جاينىڭ خاس مەھسۇلاتى بولغان فۇشوۋ كاۋىسىنى ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن بىر مەيدان ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنى قىزغىن ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى.

يەر شارىنىڭ يەنە بىر چېتىدە، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى 16 دۆلەت، 70تىن ئارتۇق سىياسىي پارتىيە ۋە سىياسىي پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ 200دىن ئارتۇق رەھبىرى ئالاقە تورىدىكى سىنلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق يىغىننى توردىن كۆردى.

«ئوخشاش بولمىغان ساھەلەرنىڭ مەسئۇللىرى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش، قايتا - قايتا مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا كوللېكتىپ تەدبىر بەلگىلەيدىكەن، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش جەريانىنى تولۇق نامايان قىلىپ، جۇڭگونىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرەلىگەنلىكىنى ناھايىتى ياخشى چۈشەندۈرۈپ بەردى» دېدى پاناما دېموكراتىك ئىنقىلاب پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى پېدرو گونزالېز.

2017 - يىلىدىن بۇيان، بۇنىڭغا ئوخشاش «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھېكايىسى − يەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ ئەمەلىيىتى» پائالىيىتى جۇڭگودىكى نۇرغۇن ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەردە 11 مەيدان مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، چەت ئەل سىياسىي پارتىيەلىرىنىڭ جۇڭگونى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى چۈشىنىشىدىكى ئۆزگىچە كۆزنەككە ئايلاندى.

بىر پارتىيەنى چۈشىنىشتە، ئالدى بىلەن بۇ پارتىيەنىڭ يول باشچىسىغا قاراش كېرەك −

دۇنيادىكى نۇرغۇن سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۈستىلىگە «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» دېگەن ئەسەر قويۇلغان، 2014 - يىلىدىن ھازىرغىچە، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق ئەسەر پۈتۈن يەر شارىغا يۈزلىنىپ نەچچە ئون خىل تىل ۋە نۇسخىدا نەشر قىلىنىپ، دۇنيادىكى 160 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننى قاپلىدى، سېتىلىش مىقدارىنى نەچچە 10 مىليون پارچە دەپ ھېسابلاشقا بولىدۇ.

چەت ئەل سىياسىي پارتىيەلىرىنىڭ رەھبەرلىرى مۇنداق باھا بەردى: «كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىدىن پارتىيەنىڭ باش شۇجىسى بولۇشقىچە بولغان نەچچە ئون يىللىق چېنىقىش شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت ئەھۋالى، خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي ۋە تولۇق ئىگىلىشىگە تۈرتكە بولغان، شۇڭا ئۇ پۈتۈنلەي خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى چۆرىدەپ تەدبىر بەلگىلىيەلىگەن»، «بۇ كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ چىقىپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ خەۋپ - خەتەر، يېتەرسىزلىك ۋە قىيىنچىلىقلاردىن ئۆزىنى چەتكە ئالماسلىقتەك روھىنى كۆردۈم».

«شى جىنپىڭ <بىر بەلباغ، بىر يول> توغرىسىدا» «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا»دىن «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش» «جىجياڭ يېڭى سۆزلىرى»گىچە، يەنە «جۇڭگودىكى ئاچقۇچلۇق سۆزلەر» «جۇڭگونى چۈشىنىش» «يىپەك يولىدىكى 100 شەھەر تەزكىرىسى» قاتارلىقلارغىچە بولغان بىر قاتار بازارلىق كىتابلار، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە يولداش شى جىنپىڭنىڭ يەرلىكتە خىزمەت قىلىش ئەمەلىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر قاتار ئەسەرلەر ھەرقايسى دۆلەت سىياسىي پارتىيەلىرىنىڭ جۇڭگونى چۈشىنىشى ئۈچۈن «ئىدىيە كۆزنىكى» ئېچىپ بەردى.

ھەرقايسى دۆلەت سىياسىي پارتىيەلىرىنىڭ جۇڭگونى چۈشىنىشكە ئىنتىزار بولۇش قىزغىنلىقىغا ماسلىشىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر قېتىم پارتىيەنىڭ مۇھىم يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلگەندە، مۇھىم سىياسەتلەر چىقىرىلغاندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەممىدە «چىقىرىش» بىلەن «كىرگۈزۈش»نى بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەرنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىش، سىرتقا تەشۋىق قىلىش - تونۇشتۇرۇش ئۆمىكى تەشكىللەش، چەت ئەل سىياسىي پارتىيەلىرى ۋە ئاقىللار ئامبىرىدىكى ئالىملارغا يۈزلەنگەن تەشۋىق قىلىش - تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئېچىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ھەرقايسى دۆلەت، ھەرقايسى رايون سىياسىي پارتىيەلىرىگە ئەھۋال تونۇشتۇردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەرقايسى دۆلەت سىياسىي پارتىيەلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلار ۋە ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى كۆڭلىگە پۈكتى. ھەر قېتىم باشقا دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھېكايىسىنى ئۆزى بىۋاسىتە سۆزلەپ، دۇنيادىكى بىر چوڭ پارتىيە رەھبىرىنىڭ سەمىمىيىتىنى نامايان قىلدى −

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرىدىغان پارتىيە، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان پارتىيە»؛

«بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك، بۇنىڭ ئۆزى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا قوشۇلغان تۆھپە. بىز يەنە جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىشىمىز، ئۆز ئەمەلىيىتىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز ھەم بۇنىڭدىن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇشىمىز كېرەك»؛

«بىز چەت ئەل ئەندىزىسىنى <كىرگۈزمەيمىز>، جۇڭگو ئەندىزىسىنىمۇ <چىقارمايمىز>، باشقا دۆلەتلەردىن جۇڭگونىڭ ئۇسۇلىنى ئۆرنەك قىلىشنى تەلەپ قىلمايمىز»؛

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، بارلىق جاپا - مۇشەققەت، توسالغۇ ۋە خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىپ، <ئىككى 100 يىل>لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە غەيرىتى ۋە ئىشەنچىسى بار»؛

...

سەمىمىي سۆزلىشىشكە چىن دوستلۇق مۇجەسسەملەندى؛ باراۋەر ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقتىكى مول نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈردى.

كېنىيە جۇبىلى پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى رافېل تۇجۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇسۇلىنى ئۆگىنىپ پارتىيە مەكتىپى قۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى ھەم پارتىيە ئەزالىرىنى جۇڭگوغا كېلىپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشكە ئەۋەتتى؛ جەنۇبىي قىسىم ئافرىقىدىكى ئالتە ھەمشىرە پارتىيە نىرېر رەھبەرلىك كۈچى شۆيۈەنىنى بىرلىشىپ قۇرۇپ، جۇڭگو - ئافرىقا سىياسىي پارتىيەلىرى ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە كۈچ چىقاردى...

«گەرچە بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىدا باشقا دۆلەتلەرنىڭ يولىنى پۈتۈنلەي تەقلىد قىلغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولى زامانىۋىلىشىشقا قاراپ مېڭىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە يېڭى ئۈمىد ئاتا قىلدى».

ماراكەش چىنلىق ۋە ھازىرقى زامان پارتىيەسىنىڭ ئەينى چاغدىكى باش شۇجىسى ئومالىنىڭ سۆزى دۇنيادىكى نۇرغۇن ئوخشاش بولمىغان ئىدىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسىنى يەتكۈزدى.

(3) دۇنيا خەلققە مەنسۇپ بولۇش داغدام يولىدا مېڭىش

«سىزنىڭ دانا رەھبەرلىكىڭىزدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يۇقۇمنى تۈگىتىشكە تامامەن ئىقتىدارى بار»؛

«بىز سىزنىڭ دانا ھۆكۈمىڭىزنى ھەمدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى غايەت زور جاسارىتىنى يۈكسەك ئالقىشلايمىز»؛

«بىز خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم قولىنى سۇنۇپ، ۋىرۇسنى يوقىتىشنىڭ ياخشى چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز»...

باش شۇجى شى جىنپىڭغا يېزىلغان خەتلەردە چىن ھېسسىيات ئىپادىلەنگەن.

2020 - يىلىنىڭ بېشىدا، جۇڭگو يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان پەيتتە، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت سىياسىي پارتىيەلىرىدىن كەلگەن ھال سوراش تېلېگراممىلىرى - خەتلىرى بېيجىڭ فۇشىڭ يولىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىگە كەينى - كەينىدىن يەتكۈزۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇنلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزىگە يېزىلغانىدى.

ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا، تۇيۇقسىز تارقالغان يۇقۇم، ئېنىقكى، بىر مەيدان چوڭ سىناق؛ 140قا يېقىن دۆلەتتىكى 330دىن ئارتۇق سىياسىي پارتىيە ۋە سىياسىي تەشكىلاتتىن جەمئىي 650 نەپەردىن ئارتۇق سىياسىي پارتىيە سىياسىي ئەربابىنىڭ ھال سورىغانلىقى ۋە مەدەت بەرگەنلىكى بۇ سىياسىي پارتىيەنىڭ دۇنيادا ئېرىشكەن «باھاسى» ۋە «ئىناۋىتى»نى نامايان قىلدى.

خەلق ھەممىدىن ئەلا، ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا − بۇ، ئاساسىي قاتلامدا ئۆسۈپ يېتىلگەن بىر سىياسىي پارتىيە رەھبىرىنىڭ پۇقرالارغا بولغان مېھىر - مۇھەببىتى، شۇنداقلا داۋالغۇش، ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان دۇنيادىكى بىر چوڭ پارتىيە، چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ دۇنيا ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىشى، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۆلىتىمىز خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت سىياسىي پارتىيەلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇردى، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يەڭدى −

يۇقۇمنىڭ پۈتۈن يەر شارىدا يامرىشى ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 60 نەچچە دۆلەتتىكى 110 نەچچە سىياسىي پارتىيەنىڭ رەھبەرلىرىگە خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تەجرىبە، ئۇسۇللىرىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلىدى؛ 400گە يېقىن سىياسىي پارتىيەنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە دىياگنوز قويۇش - داۋالاش لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى؛ ئېھتىياجى بار چەت ئەل سىياسىي پارتىيەلىرى، سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ خەلقئارا تەشكىلاتلىرىنى زۆرۈر بولغان داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى ۋە تېخنىكا ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى.

ئايرىم دۆلەتلەردىكى سىياسەتۋازلارنىڭ يۇقۇمدىن پايدىلىنىپ قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشى «سىياسىي ۋىرۇس»نى ھە دەپ تارقىتىشىغا قارىتا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 110 نەچچە دۆلەتتىكى 240 نەچچە سىياسىي پارتىيە بىلەن بىللە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئورتاق مۇراجىئەت چىقىرىپ، ئاممىۋى سەھىيە مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، يۇقۇمدىن پايدىلىنىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ نامىغا داغ تەگكۈزۈشنى قەتئىي توسۇدى...

«جۇڭگو رەھبەرلىرى بارلىق بايلىق ۋە ۋاسىتىلەرنى كەسكىن ئىشقا سېلىپ، يۇقۇمنىڭ يامرىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىدى.» سىرى لانكا كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەينى چاغدىكى باش شۇجىسى گۇناسېكلا چىن قەلبىدىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنسانىيەت ئىشلىرى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى چوڭقۇر ئالقىشلايمىز ۋە ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇيمىز».

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ پۈتۈن يەر شارىدا كەڭ تارقىلىشى بىلەن دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ چوڭقۇر گىرەلىشىشى نەتىجىسىدە، ئىنسانلار يەنە بىر قېتىم ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك تۆت كوچا ئېغىزىغا كېلىپ قالدى. ئىتتىپاقلىشىش كېرەكمۇ ياكى پارچىلىنىش كېرەكمۇ؟ قول تۇتۇشۇش كېرەكمۇ ياكى قولنى قويۇۋېتىش كېرەكمۇ؟ سىياسىي پارتىيەلەر قانداق مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك؟

«ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇپ چىقايلى: سىياسىي پارتىيەنىڭ مەسئۇلىيىتى» − 2017 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلام سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ باش تېمىسى بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت سىياسىي پارتىيەلىرىنىڭ «دەۋر سوئالى»غا جاۋاب بەردى.

«ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، بىز قەتئىي بوشاشماي، توختىماي ئىلگىرىلەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك، رېئاللىق مۇرەككەپ دەپلا ئارزۇيىمىزدىن ۋاز كەچسەك بولمايدۇ، غايىمىز يىراقتا دەپلا ئىنتىلىشىمىزدىن ۋاز كەچسەكمۇ بولمايدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يىغىندا قىلغان تەنتەنىلىك مۇراجىئىتى زامان - بوشلۇقتىن ھالقىپ، كىشىلەرنى چوڭقۇر ئويغا سالدى.

ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى روشەن مەدەنىيەت گېنىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، چوڭقۇر تارىخىي كېڭىيىشنى مەنبە قىلىپ، ئالىيجاناب نەزەرىيەۋى پەزىلەتنى يۈكسەلدۈردى. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا، جۇڭگو ھەرىكىتى ئارقىلىق سۆزىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى، دېگىنىنى قىلدى −

پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى دوكلاتى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى»دىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»غىچە، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش پۈتۈن پارتىيەنىڭ ھەرىكەت كۆرسەتمىسىگە يېزىپ كىرگۈزۈلدى، دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە ئايلاندۇرۇلدى. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى» ئارقىلىق تاشقى دۇنيا بىلەن چوڭقۇر باغلىنىدىغان، ھەمتۈرتكە بولىدىغان روشەن بەلگە سالدى.

كىشىلەر شۇنى ئۇنتۇپ قالمايدۇكى، خەلقئارا، رايونلاردىكى نۇرغۇن قىزىق نۇقتا، سەزگۈر مەسىلىلەردە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پائال تۈردە يارىشىشقا دەۋەت قىلىپ، سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەككە تەرەپچىللىك، زومىگەرلىك قىلمىشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغدىدى. جۇڭگوغا چېتىلىدىغان قارالمىلاردا، ھەرقايسى دۆلەت سىياسىي پارتىيەلىرىمۇ كەينى - كەينىدىن جۇڭگو ئۈچۈن كوللېكتىپ پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن بىرلىكتە قەتئىي ھالدا تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇردى...

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى ئازاب - ئوقۇبەتنى باشتىن كەچۈرگەچكە، تىنچلىقنىڭ قىممەتلىكلىكىنى، تەرەققىياتنىڭ قىممىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، دەپ قارايدۇ.

يەر شارىۋىزمنىڭ ئاساسلىق قوغدىغۇچىسى − چەت ئەل تاراتقۇلىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنيادىكى رولىغا شۇنداق باھا بەردى.

دۇنيا چوڭ ۋەزىيىتىگە نەزەر سالساق، 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز ئۆزگىرىپ تەرەققىي قىلدى. سىياسىي پارتىيە داھىيلىرىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى يىراقنى كۆرەرلىكى كۆپ ھاللاردا ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى يۈزلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

«ھەربىر مىللەت، ھەربىر دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنىڭ ھەممىسى بىر - بىرىگە زىچ باغلانغان، قىيىن كۈنلەردە بىللە بولۇپ، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈپ، تىرىشىپ بىز تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بۇ پىلانېتانى ئىناق چوڭ ئائىلە قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.»

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەشەببۇسى ۋە تۈرتكىسىدە، دۇنيادىكى بارغانسېرى كۆپ سىياسىي پارتىيەلەر ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىش ئۈچۈن بارلىق كۈچى بىلەن ئاتلانماقتا.

تۇنجى قېتىم پارتىيە نامىدا لائوس بىلەن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ئىمزالىدى؛ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىللە ئەتراپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان، جۇڭگو - ئافرىقا، جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى، جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى...

ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، يەتتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم ئەمەلىيەت سۇپىسىغا ئايلاندى. سىياسىي پارتىيەلەر ئورتاق كېڭىشىش مېخانىزمى قاتارلىق يوللارنىڭ تۈرتكىسىدە، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا بولغان سىياسىي يېتەكچىلىك ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇش ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ، ھەمكارلىق بوشلۇقى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ئورتاق پايدا ئېلىش ئىستىقبالى تېخىمۇ ئۈمىدكە تولدى...

ھەققانىيەت يولىدا ماڭغانلار يالغۇز قالمايدۇ، جاھاندىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى.

پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ۋاكالىتەن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت سىياسىي پارتىيەلىرىگە كەلگۈسى توغرىسىدا ۋەدە بەردى −

«ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلەر دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا ماسلىشىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئۆز تەرەققىياتىنى دۆلەت، مىللەت، ئىنسانىيەت تەرەققىياتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشى كېرەك»؛

«بىز تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، توغرا تاللاش چىقىرىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشىمىز كېرەك». 2021 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالىدۇ. جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى كۆزلەش كېرەك.

كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت سىياسىي پارتىيەلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇپ چىقىدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى)