ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى توغرا تونۇيلى ۋە ئىگىلەيلى

日期:2021年01月16日
来源:天山网
【字体:

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى توغرا تونۇيلى ۋە ئىگىلەيلى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 15-كۈنى تېلېگراممىسى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 2-سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى توغرا تونۇيلى ۋە ئىگىلەيلى» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: «14-بەش يىل» مەزگىلى دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىققان، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىن، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايدىغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىدىغان بىرىنچى بەش يىل بولۇپ، دۆلىتىمىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى يېڭى پۇرسەت، يېڭى خىرىسقا دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر بىلەن قاراش كېرەك. پۇرسەت ئېڭى ۋە خەۋپ-خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۆزگىرىشنى توغرا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ماسلىشىپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىپ، شامالغا قارشى كېمە ھەيدەشكە جۈرئەت قىلىپ، خەتەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى، مۇھىتى، شارائىتىدىكى ئۆزگىرىشكە ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكىنى قايتا بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى. پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا تايىنىدىغان ماھىيەتلىك ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا تېزدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. جەزمەن تېخىمۇ زور جاسارەت، تېخىمۇ كۆپ تەدبىر ئارقىلىق، چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈلمە-مېخانىزم توسالغۇلىرىنى تۈگىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك. سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش ئارقىلىق جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى كېڭەيتىش كېرەك. تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تولۇق قاپلىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاممىۋى سەھىيە ۋە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نوپۇسنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتتىكى زىددىيەتلەرنى پەسەيتىپ-ھەل قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: بىز ماركسىزملىق سىياسىي ئىقتىساد ئىلمىنىڭ مېتودولوگىيەسىدىن پايدىلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. چىگىش-مۇرەككەپ دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ئالدىدا، خىلمۇخىل ئىقتىسادىي ھادىسىلەر ئالدىدا، ماركسىزملىق سىياسىي ئىقتىساد ئىلمىنىڭ ئاساسىي قائىدىسى ۋە مېتودولوگىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش بىزنىڭ ئىلمىي بولغان ئىقتىسادنى تەھلىل قىلىش ئۇسۇلىنى ئىگىلەپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەت جەريانىنى تونۇپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا دائىر نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرگە توغرا جاۋاب بېرىشىمىزگە پايدىلىق.