ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق قالتىس جاۋاب قەغىزى پۈتۈش

日期:2021年01月14日
来源:天山网
【字体:

− 2020-يىلى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتقانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جۇ جىچەي، خۇاڭ يۆ، ۋاڭ زىمىڭ

«ئېگەر ئاتتىن ئايرىلمايدىغان، چۇلۋۇرنى قويۇپ بەرمەيدىغان ئىرادە، قايتا-قايتا تۇتۇش، قايتىلىنىشنى تۇتۇش چىدامچانلىقى، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، <تۆت خاھىش>نى تۈزەش، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك».

2020-يىلىنىڭ ئاخىرى، بېيجىڭ جۇڭنەنخەي، يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان پارتىيە ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىلدى.

يىغىندا دىققەت يەنە بىر قېتىم ئىستىل قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈلدى، «2020-يىلى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات» ۋە «شەكىلۋازلىق مەسىلىسىنى سىجىل ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كېڭەيتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات» قاراپ چىقىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئىستىل جەھەتتە داۋاملىق تىرىشىپ، پۈتۈن پارتىيەگە ياخشى باشلامچى بولۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىشى توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.

2020-يىلى يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى، جۇڭخۇا مىللىتى تارىخىدىكى، شۇنداقلا ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە بىر يىل بولدى.

خەلقئارا، دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىدىكى چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش، بولۇپمۇ تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھەرىكىتى ئارقىلىق بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئۆزى ئۈلگە بولۇپ ئۈلگە كۆرسىتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىدىغان، جان تىكىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، چوڭ جەڭ، چوڭ سىناقتا ئىستىل ماھىيىتىنى نامايان قىلىش

2020-يىلى، بۇ كۆرۈنۈش جۇڭگولۇقلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى −

«سىلەر مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ، ماسكا تاقىۋاپسىلەر، مەن سىلەرنىڭ چىرايىڭلارنى تولۇق كۆرەلمىگەن بولساممۇ، لېكىن سىلەر مېنىڭ قەلبىمدىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر!» 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، ۋۇخەن خوشېنشەن دوختۇرخانىسى قوماندانلىق مەركىزىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاغرىقلار رايونىدا خىزمەت قىلىۋاتقان تېببىي خادىملار ۋەكىللىرى بىلەن سىنلىق كۆرۈشتى.

«دوختۇر بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن، سىلەر ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىش، مېھىر-مۇھەببەتنىڭ چېكى بولماسلىقتەك روھنى نامايان قىلدىڭلار، پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن، سىلەر خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتەك شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاشنى نامايان قىلدىڭلار، ھەربىي بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن، سىلەر چاقىرغان ھامان كېلىدىغان، كەلگەن ھامان جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان ھەربىيلەرنىڭ خىسلىتىنى نامايان قىلدىڭلار. مەن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن!»

تەلەپپۇز جاراڭلىق بولۇپ، كىشىنى تەسىرلەندۈرەتتى.

ۋۇخەندىكى مەزگىلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ دوختۇرخانىنى تەكشۈرۈپ، مەھەللىلەرنى زىيارەت قىلىپ، تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، ئالدىنقى سەپتىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە، ۋۇخەن خەلقىگە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە ئىنتايىن زور ئىلھام بەردى.

«پارتىيە ئىستىلى پارتىيەنىڭ ئوبرازى.» ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە يىلدا، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىستىلىنىڭ قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغانلىقى تېخىمۇ روشەنلەشتى، ئوبرازى تېخىمۇ يارقىنلاشتى.

ئۇدا 21 قېتىم مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بەردى؛ غايەت زور سىياسىي جاسارەت بىلەن ۋۇخەن ۋە خۇبېيدىن چىقىدىغان يوللارنى تاقاش تەدبىرىنى چىقاردى، ۋاقىت ۋە ۋەزىيەتكە قاراپ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر تۈزدى؛ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا، ئۆزى بېيجىڭ، ۋۇخەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا قوماندانلىق قىلدى...

100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇ قېتىمقى ئېغىر، زور يۇقۇم ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پۈتۈن ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، پەۋقۇلئاددە ئىشقا پەۋقۇلئاددە تەدبىر ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇپ، خەلق داھىيسىنىڭ چوڭقۇر ھېسسىياتى ۋە چوڭ دۆلەت يولباشچىسىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارى، ھەرىكەت ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، پىداكارلىق كۆرسىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىدىغان، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، «قەيەردە ۋەزىپە خەتەرلىك، ئېغىر بولسا، شۇ يەردە پارتىيە تەشكىلاتلىرى خىزمەتلەرنى قەتئىي، كۈچلۈك ئىشلەش، شۇ يەردە پارتىيە ئەزالىرى ئاۋانگارت بولۇش، ئۈلگە بولۇش»نى تەكىتلىدى؛ مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇشنى تەلەپ قىلدى.

«مەن پارتىيە ئەزاسى، مەن ئالدى بىلەن باراي»، «يۇقۇم يوقىتىلمىغىچە مەن چېكىنمەيمەن»، «تەشكىل مېنى ئەڭ خەتەرلىك جايغا ئەۋەتسۇن»... قەسەملەر جاراڭلىدى، قىزىل قەلبلەر لاۋۇلدىدى، 9 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق زېمىندا، 4 مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى مۇستەھكەم قورغان بەرپا قىلدى، 25 مىڭدىن ئارتۇق مۇنەۋۋەر شەخس ئۇرۇش سېپىدە قەسەم بېرىپ پارتىيەگە كىردى، قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدى.

− لاۋبەي، بۇ يىل قانچە ياشقا كىردىڭىز؟

− 66 ياش.

− مۆچىلىڭىز نېمە؟

− مۆچىلىم ئات.

− ئۇنداقتا سىز مەندىن بىر ياش كىچىك ئىكەنسىز.

2020-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىن، سەنشى داتۇڭ شەھىرىنىڭ شىپىڭ بازىرى فاڭچېڭ يېڭى كەنتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ كەنت ئاھالىسى بەي گاۋشەننىڭ ئۆيىدىكى كاڭ لېۋىدە ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى، قىلغان گەپلىرى كىشىگە ئىنتايىن يېقىنلىق تۇيغۇسى بېرەتتى.

«كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن ئاساسلىقى نېمە ئىش قىلدىڭلار؟» «كىرىمىڭلار قانداقراق؟» باش شۇجى شى جىنپىڭ ناھايىتى تەپسىلىي سورىدى.

بۇ قېتىم داتۇڭغا تەكشۈرۈشكە بارغاندا، باش شۇجى ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپلا ئۇدۇل ئېتىز بېشىغا بېرىپ سېرىق جۇخارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئارقىدىن فاڭچېڭ يېڭى كەنتىگە بېرىپ، باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەندىن كېيىنكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

2020-يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدىغان يىل، شۇنداقلا «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل. بىر قاتار قىيىنچىلىق، خىرىسلارنى يېڭىپ، بېكىتىلگەن نىشان-ۋەزىپىلەرنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاز ئۇچرايدىغان زىچ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش رىتىمىنى باشلىدى.

جەنۇبتا جېجياڭغا بېرىپ، يامغۇرغا قارىماي پورتتا ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەكشۈردى؛ غەربتە شەنشىگە بېرىپ، چىنلىڭ تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى تەكشۈردى؛ شىمالدا جىلىنغا بېرىپ، قارا تۇپراقتا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى كۆزدىن كەچۈردى؛ تومۇز ئىسسىققا قارىماي ئەنخۈيگە بېرىپ، كەلكۈن سۈيى ساقلاش رايونىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى... باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 13 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرگە بېرىپ تەكشۈرۈپ، بىر قاتار مۇھىم يىغىن، مۇھىم، زور پائالىيەتلەرگە قاتناشتى، «يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش جېڭى»، «كەلكۈنگە قارشى تۇرۇش جېڭى»، «نامراتلىقنى تۈگىتىش جېڭى»گە ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ھېرىپ-چارچاشتىن باش تارتماي، پۈتۈن زېھنىنى سەرپ قىلدى.

«توغرا يول نەدىن كېلىدۇ؟ ئامما ئارىسىدىن كېلىدۇ.» «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان «تەكلىپى»نى ياخشى تۈزۈش ئۈچۈن، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەتتە مەيدان مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، ئىقتىساد، جەمئىيەت ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەردىن، مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ۋەكىللەرگىچە، يەرلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرىدىن، يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرى، ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىلىرى، يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى، تېز يەتكۈزگۈچىلەر، ئاشخانا ئىگىلىرىگىچە، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن يۈزتۇرا كۆرۈشۈپ، خەلقتىن ئەقىل-پاراسەت ئالدى.

ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ تەدبىر سوراش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالاقە تورى ئارقىلىق پۈتۈن جەمئىيەتتىن پىكىر ۋە تەكلىپ ئېلىشنى مەخسۇس تەلەپ قىلدى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ بەش يىللىق پىلان ۋە يىرىك پىلان تۈزۈش تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش. قىسقىغىنا ئىككى ھەپتىدە جەمئىي 1 مىليون 18 مىڭدىن ئارتۇق تەكلىپ تاپشۇرۇۋېلىندى، ئاساسىي قاتلامدىكى پۇقرالارنىڭ ئويلىغىنى، ئارزۇسى، تەقەززاسى، ئۈمىدى جۇڭنەنخەيگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈلدى.

2020-يىلى، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ تېزلىكتە ئۆزگىرىپ تەرەققىي قىلىشى ۋە تاشقى مۇھىتتا خەۋپ-خەتەرنىڭ كۆپىيىشى ئالدىدا، رەئىس شى جىنپىڭ 23 قېتىم سىن دىپلوماتىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن 81 قېتىم تېلېفونلاشتى، 11-ئايدىلا سىن شەكلىدە تۆت مەيدان كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە يىغىنىغا ئارقا-ئارقىدىن قاتنىشىپ، «بۇلۇت تېرمىنالى»دا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ قايتا جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن چوڭ پىلان ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىسى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى، دادىللىقىنى تولۇق نامايان قىلدى.

دەھشەتلىك دولقۇن ئوتتۇرا ئېقىمدا تۈۋرۈكتەك مەزمۇت تۇرۇشنى تېخىمۇ نامايان قىلدى، چوڭ جەڭ، چوڭ سىناقلار ماھارەت، ئىستىلنى تاۋلىدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئويناپ، پەۋقۇلئاددە يىلدا پەۋقۇلئاددە شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتتى.

يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇش، ئىستىل قۇرۇلۇشىدا ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭنى ياخشى قىلىش

2020-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى، نىڭبو جوۋشەن پورتى چۇەنشەن پورت رايونى پىرىستانىدا سىم-سىم باھار يامغۇرى يېغىۋاتاتتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۈنلۈك كۆتۈرۈپ، سۇ يىغىلىپ قالغان قىرغاققا بېرىپ، پىرىستاننىڭ نەق مەيدان مەشغۇلات ئەھۋالىنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈردى. ئىشچىلارنىڭ يامغۇردا قالماسلىقى ئۈچۈن، باش شۇجى كۆرۈشىدىغان جاينى مۇلازىمەت مەركىزى چوڭ زالىغا ئۆزگەرتىشنى ئالاھىدە تاپىلىدى.

كەمتەرلىك بىلەن ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلقنى غەم-ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن-ئاخىر خەلق ئويلىغاننى ئويلىدى، خەلق بىلەن بىللە ئىشلىدى.

«باش شۇجى ياخشىمۇسىز!» 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچقۇرۇن، شىئەن داتاڭ كېچە بولماس شەھەرچىسى پىيادىلەر كوچىسى قاينام تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى، يول بويىدىكى ساياھەتچىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ جايغا كەلگەنلىكىنى ھەيرانلىق ئىلكىدە بايقاپ، ئىختىيارسىز قىزغىن تەنتەنە قىلىشتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ كونا داڭلىق شىئەن ئاشخانىسىغا كىرگەندە، تاماق يەۋاتقان خېرىدارلار، ئاشخانا مۇلازىمەتچىلىرىنىڭ ھەممىسى كېلىپ ئورىۋالدى. ياڭروۋ پاۋ، خۇلۇجى، روۋجيامو، شۈيپېن ياڭروۋ، شەنبېي مىزىگاۋ... باش شۇجى كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇلار يۇرت تائاملىرى ئىكەن ھە!».

يۈننەن تېڭچۇڭدىكى خېشۈن قەدىمىي بازىرىدىن سەنشى تەييۈەندىكى فېنخې دەرياسى قىرغىقىغىچە، خۇنەن داشۆنىڭ مەكتەپ قورۇسىدىن گۇاڭدۇڭ چاۋشەندىكى ئادەم مىغىلداپ تۇرىدىغان كونا كوچا رايونىغىچە... تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر قېتىمدا شۇ جايدىكى تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالغان پۇقرالار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى.

«تاماق پۇلىنى بەردۇقمۇ؟» تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ دائىم مۇشۇنداق سورايتتى ھەم دېگىنىنى قىلىدىغان ئەستايىدىل پوزىتسىيەدە باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلاتتى.

2020-يىلى 8-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقى قىلمىشلىرىنى توسۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقى قىلمىشلىرىنى قەتئىي توسۇپ، تېجەشلىك بولۇش ئادىتىنى ھەقىقىي يېتىلدۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىسراپچىلىق نومۇس، تېجەشلىك بولۇش شەرەپ دەيدىغان كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇمىي يىغىنى پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى كۆزىتىدىغان مۇھىم كۆزنەك.

2020-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن، جىڭشى مېھمانخانىسى. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جىلىن ئۆلكىسى چاڭچۇن شەھىرى چاڭشەن گۈللۈكى مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ ياچىن ئەمدىلا ئۆزى چۈشكەن ياتاققا كىرگەنىدى، كىتاب ئۈستىلىگە قويۇلغان «مۇلازىمەت خىزمىتى قوللانمىسى»دا «يېمەكلىكنى ئىسراپ قىلماسلىق ھەرىكىتى» تەشەببۇس قىلىنغان ئەسكەرتىش كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى.

تەشۋىق قىلىش، ئەسكەرتىشنى كۈچەيتىشتىن يىغىن تامىقى ئۆلچىمىنى قاتتىق كونترول قىلىشقىچە، تاماق يەيدىغان ئادەم سانىنى دەل جايىدا ئىستاتىستىكا قىلىشتىن يېمەكلىك ماتېرىياللىرى سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشكىچە، ئېشىپ قالغان يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىشتىن مۇۋاپىق مۇلازىمەتنى تەشەببۇس قىلىشقىچە... يىغىندا تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇشتەك قويۇق كەيپىيات ۋۇ ياچىندا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇمىي يىغىنى باشلامچىلىق بىلەن يىغىننى ئىقتىسادچىل ئۆتكۈزۈش روھىنى ئاڭلىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنتايىن كۈچلۈك ئۈلگە كۆرسىتىش ئېففېكتى ھاسىل قىلدى.

يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇش ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن-ئاخىر مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ تۇتۇپ، ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەگە ئۆلچەم خادىسى تىكلەپ بەردى.

بىر يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنى، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنى قاتارلىق يىغىنلاردا مۇھىم سۆز قىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىغا قارىتا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 18، 11 قارالما ئىستىل قۇرۇلۇشىغا چېتىلدى؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىن يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى، «تۆۋەن دەرىجىلىك قىزىل» «يۇقىرى دەرىجىلىك قارا»نىڭ ئالدىنى ئېلىش، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەش، يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقى قىلمىشلىرىنى توسۇش قاتارلىقلارغا قارىتا 50 نەچچە قېتىم مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى، بۇلار پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ كۈچەيتىشكە ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

يولداش لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى باشقا يولداشلار باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەرنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشنى ئۆزىدىن باشلاپ، ئاساسلىق باشقۇرىدىغان جاي، مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدىغان ساھە ۋە تارماقلارنى تۇتۇشتىن باشلاپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپ بويىچە ئىزچىللاشتۇردى، ئىجرا قىلدى −

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ياخشىلاش جەھەتتە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى پىلانلاش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ئالاقىدار تەرەپلەرنى كۈتۈۋېلىشنى ئاددىيلاشتۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئىقتىسادچىل-تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇپ، بىللە چىقىدىغان خادىملارنى ئىخچاملىدى.

يىغىن، پائالىيەتلەرنى ئىخچاملاش جەھەتتە، مەملىكەت خاراكتېرلىك يىغىنلارغا قارىتا ئۆتكەلنى قاتتىق ئىگىلىدى. ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تېلېۋىزىيە-تېلېفون ياكى سىن يىغىنى شەكلىدە ئېچىشقا بولسا نەق مەيدان خىزمەت يىغىنى ئاچماي، قاتلاممۇقاتلام يىغىن ئېچىش، دەرىجىمۇدەرىجە يىغىنغا ھەمراھ بولۇش ئەھۋاللىرىنى ئازايتتى. مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ يىغىن ۋاقتىنى بىر ھەپتىگە قىسقارتىپ، يىغىن كۈنتەرتىپىنى ئىمكانقەدەر ئاددىيلاشتۇردى، ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ۋاقتىنى 1.5 سائەت ئىچىدە كونترول قىلىپ، ئۆمەك، گۇرۇپپىلار مۇزاكىرىسىنى ئىمكانقەدەر ئازايتتى، مەركەزلەشتۈردى.

ھۆججەت، قىسقا خەۋەرلەرنى ئىخچاملاش جەھەتتە، «مەركەزنىڭ ھۆججەت تارقىتىش ۋە ئۆلچەم بويىچە بېجىرىش ئۆلچىمى»نى تۈزۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ھۆججەت تارقىتىش ئومۇمىي مىقدارى ۋە ئۆلچىمىنى داۋاملىق قاتتىق تىزگىنلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ياكى مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى نامىدا ھۆججەت تارقىتىشنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28 ئازايتتى، گوۋۇيۈەن ياكى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى نامىدا ھۆججەت تارقىتىشنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.4 ئازايتتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن باشقا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار شەخسىي ئەسەرلىرى، نۇتۇق كىتابچىلىرىنى ئاشكارا نەشر قىلدۇرۇش ھەمدە تەبرىك خېتى، تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىش، كىرىش سۆزى، بېغىشلىما، مۇقەددىمە يېزىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلمىدى.

زىيارەتكە چىقىش پائالىيەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش جەھەتتە، يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، سىن دىپلوماتىيەسى، رەھبەرلەرنىڭ تېلېفونلىشىشى قاتارلىقلار كۆپ بولدى؛ زىيارەتكە چىقىشنى ئازايتتى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلارنىڭ زىيارەتكە چىقىش قېتىم سانى زور دەرىجىدە ئازايدى، زىيارەتكە چىقىش مەزگىلىدە مۇساپە ۋە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرىنى قىسقارتتى.

ئاخبارات خەۋەرلىرىنى ياخشىلاش جەھەتتە، ھەجىم، خەت سانى، بەت ئورۇنلاشتۇرۇش، ۋاقىت بۆلىكى، ۋاقىت ئۇزۇنلۇقى قاتارلىقلاردا ئۆتكەلنى قاتتىق ئىگىلىدى. يۇغۇرما تاراتقۇلارنىڭ تارقىتىش ئۈنۈمىنى تولۇق قويۇپ بېرىپ، خەۋەر قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈردى.

قوغداش خىزمىتىنى ياخشىلاش جەھەتتە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى قوغداش خىزمىتىنىڭ شەكلى، ئۇسۇلى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، كونترول قىلىشنى ئازايتىپ يوللارنى قامال قىلماسلىق، ئېھتىيات دائىرىسىنى تارايتىپ مەيدانلارنى تازىلىماسلىق، سارايلارنى تاقىۋالماسلىقنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئىقتىسادچىل-تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇش جەھەتتە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئىشنى ئۆزىدىن باشلاپ، ئىشخانا بىنالىرى، تۇرالغۇ، ئاپتوموبىل ئىشلىتىش قاتارلىق خىزمەت، تۇرمۇش تەمىناتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلدى، يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقى قىلمىشىنى قەتئىي توسۇشتا ئۈلگە بولدى. مەركەزنىڭ ئالاقىدار يىغىنلىرىغا تەييارلىق كۆرۈش، مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىدە ئاددىي-ساددا بولۇش، تېجەشلىك بولۇش، بىخەتەر بولۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش پىرىنسىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، يىغىن خىراجىتى چىقىمىنى قاتتىق كونترول قىلدى؛ ھۆكۈمەتنىڭ غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى ئېنىق تەلەپ قىلىپ، مەركەزنىڭ شۇ دەرىجىلىك چىقىمىنى مەنپىي ئاشۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، جىددىي، زۆرۈر بولمىغان ۋە مۇتلەق بولمىغان چىقىملارنى %50تىن كۆپرەك قىسقارتتى.

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بۇرچىنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىغا قويغان تېخىمۇ يۇقىرى تەلىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆزلەپ، بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلارغا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا تەلەپچان ۋە راستچىل بولۇش ئىستىلىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش، يېڭى مۇساپىنى باشلاشنى كۈچلۈك سىياسىي ۋە ئىستىل كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

توختىماي تىرىشىپ، خەلق رازى بولىدىغان جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇش

2020-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ ئالتە تىپىك مەسىلىنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، يېڭى يىل، چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، «تۆت خاھىش» مەسىلىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ قويۇپ بەرمەيدىغان، ئاخىرىغىچە چىڭ تۇتىدىغان كۈچلۈك سىگنالنى تارقاتتى.

«تۈگۈن نۇقتىسى» دەل «ئىمتىھان نۇقتىسى»دۇر، ئىستىلنىڭ ئۆزى خىتابتۇر.

«مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىرادىنى ساقلاپ، قىلچە يول قويماي، كونا مەسىلىلەرنىڭ قايتا يامرىشى، يېڭى مەسىلىلەرنىڭ بىخ سۈرۈشى، كىچىك مەسىلىلەرنىڭ زورىيىپ چوڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك.» 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى ئېچىلغان 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم شۇنداق تەكىتلىدى.

بىر يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش چوڭ ۋەزىيىتىگە قويۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشى تەلىپىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش خىزمەت ئەمەلىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، قەتئىي، كۈچلۈك ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشى، جەمئىيەت ئىستىلى، خەلق ئىستىلىنىڭ ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە رايى، ئارمىيە رايى، خەلق رايىنى يۈكسەك دەرىجىدە مۇجەسسەملەشنى ئىشقا ئاشۇردى.

− پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىستىل قۇرۇلۇشىغا بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىندى.

ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 3-تومى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەڭ يېڭى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشكە بىرلەشتۈرۈپ، بۇلارغا سىڭدۈرۈلگەن سىياسىي پەزىلەت، قىممەت ئىنتىلىشى، مەنىۋى مەنزىل، ئىستىل-پەزىلەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كېڭەيتىشنىڭ پىكىر يولى، چارىسىگە ئايلاندۇردى.

باشتىن-ئاخىر «ئىككىنى قوغداش»نى ئەڭ يۇقىرى سىياسىي پىرىنسىپ ۋە تۈپ سىياسىي قائىدە قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇيرۇق، تەلەپنى جەزمەن ئىجرا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

2020-يىلى 3-ئايدا، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بەلگىلىمىسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، «مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، <تۆت خاھىش>، بولۇپمۇ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى سىجىل تۈزەش»نى پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتى قىلىپ، مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

− «قاتتىق» بولۇش ئاساسىي رىتىمى ئارقىلىق «تۆت خاھىش» گەۋدىلىك مەسىلىلىرى تۈزىتىلدى.

«مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىدىن 12 مىڭ 472سى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، 17 مىڭ 989 كىشى بىر تەرەپ قىلىندى.» 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى 2020-يىلى 11-ئايدا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى ئايلىق سانلىق مەلۇماتنى ئېلان قىلدى. بۇ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئايلىق سانلىق مەلۇماتنى ئۇدا 87 ئاي ئېلان قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

چىدامچانلىق بىلەن قەتئىي داۋاملاشتۇرۇلۇپ، ئۇيۇل تاشقا نەقىش ئويغاندەك ئىز قالدۇرۇلدى. توختىماي تىرىشقاندىلا ئىستىلنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقى قىلمىشلىرىنى قەتئىي توسۇشنى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «تۆت خاھىش»نى تۈزەشنىڭ مۇھىم تەرىپى قىلىشتىن تارتىپ راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىككە ئائىت يوشۇرۇن، ئۆزگەرگەن بىخ خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى داۋاملىق بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدىن باشلاپ تۇتۇش، بىخ ھالىتىدىلا يوقىتىشقىچە... بىر يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ مەخسۇس تۈزەش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەشكە بىرلەشتۈرۈپ «تۆت خاھىش» مەسىلىلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تۈزەپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن بىر بولقا-بىر بولقىدىن ئۇلاپ قېقىپ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، كىچىك غەلىبىلەر ئارقىلىق چوڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، مىقدار ئۆزگىرىشىنى سۈپەت ئۆزگىرىشىگە ئايلاندۇردى.

2020-يىلى 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك مەسىلىسىدىن جەمئىي 48 مىڭ 343ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، 2019-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %5.4 تۆۋەنلىدى؛ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىسىدىن 69 مىڭ 355ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، 2019-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %10.5 ئاشتى.

− پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش ئارقىلىق جەمئىيەت ئىستىلى، خەلق ئىستىلىنىڭ يۈكسىلىش، ياخشىلىققا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇندى.

بوشاشماي كۈرەش قىلىپ «تۆت خاھىش» تۈزىتىلىپ، يامانغا زەربە بېرىلىپ، ياخشىغا مەدەت بېرىلىپ، يېڭى ئىستىل تۇرغۇزۇلدى.

«توي-تۆكۈننى يېڭىچە قىلىش، ئۆلۈم-يېتىمنى ئاددىي ئۇزىتىش» قاتارلىق ياخشى كەيپىيات تەدرىجىي شەكىللەنمەكتە، «يېتەرلىك تەييارلاش، ئىسراپچىلىق قىلماسلىق» «ياخشى يەپ-ئىچىش، ھەشەمەتچىلىك قىلماسلىق» ئاممىنىڭ زىياپەت ئۆتكۈزۈش، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەر يىغىلىشى ئۆتكۈزۈشتىكى مودا سۆزىگە ئايلاندى، ئىلگىرىكى ھۆكۈمەت پۇلى ئىستېمالىغا بېقىنغان ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىدىكى كۈل رەڭ مەنپەئەت يوقىتىلىپ، ھەشەمەتچىلىككە تايىنىپ پارازىتلىق قىلىدىغان ساختا كۆپۈك يوقىتىلدى...

ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ جەمئىيەت كەيپىياتىنى ساپلاشتۇرۇش، مەدەنىي كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇش جەھەتتىكى ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك بولۇشتەك ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاققا باشلامچىلىق بىلەن ۋارىسلىق قىلىپ، ياخشى ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى تۇرغۇزۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ مەدەنىي يېڭى كەيپىياتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى تەشەببۇس قىلدى.

− كەسكىن نازارەت قىلىپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىپ، جاۋابكارلىققا تارتىش ئارقىلىق چوڭ جەڭ، چوڭ سىناقلار كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

يۇقۇم يۈزبەرگەن دەسلەپكى مەزگىلدىلا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قالايمىقان ئىش قىلىش، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك مەخسۇس ئورگىنىلىق ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ئادا قىلىپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى ئىستىل مەسىلىلىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.

ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق كۈرەشلەرنىڭ بىرىنچى سېپىنى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى سىنايدىغان «سىناق تاش» قىلىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى باتۇرلارچە كۈرەش قىلىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، پۇختا بولغان، قاتتىق سىناققا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئىستىل ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويمايدىغان، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىنى يەردە قويمايدىغان ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى ۋە يېتەكلىدى.

ئىستىل دۇرۇس بولسا، كەيپىيات توغرا بولىدۇ، كەيپىيات توغرا بولسا، نىيەت، مەقسەت بىردەك بولىدۇ، نىيەت، مەقسەت بىردەك بولسا ئىش ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.

2021-يىلىغا قەدەم قويۇلۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلاندى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان 100 يىللىق چوڭ پارتىيە ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرسىلا، چوقۇم جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ، ئارقا-ئارقىدىن قاتتىق جەڭدە يېڭەلەيدۇ، ئارقا-ئارقىدىن غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 13-كۈنى تېلېگراممىسى)