خەلق تورى ئوبزورى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش لازىم

日期:2021年01月14日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

1-ئاينىڭ 11-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «پۈتۈن پارتىيە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوقۇم مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك.» بۇ روشەن تەلەپ «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنى ياخشى باشلاش، ياخشى قەدەم ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يېتەكچى پىرىنسىپنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى.

ئىدىيە − ھەرىكەتنىڭ باشلامچىسى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە ئىلمىي ھۆكۈم قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا قارىتا نۇرغۇن مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئىدىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە پىكىر يولىنى ۋاقتىدا تەڭشىدى، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئاساسلىق بولۇپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى يېتەكلەپ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى سىستېمىلىق نەزەرىيە سىستېمىسى بولۇپ، تەرەققىياتنىڭ مەقسىتى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ئۇسۇلى، يولى قاتارلىق بىر قاتار نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە جاۋاب بېرىپ، پارتىيەمىزنىڭ تەرەققىيات توغرىسىدىكى سىياسىي مەيدانى، قىممەت يۆنىلىشى، تەرەققىيات ئەندىزىسى، تەرەققىيات يولى قاتارلىق مۇھىم، زور سىياسىي مەسىلىلىرىنى شەرھلەپ بەردى، ئۇنى جەزمەن مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك.

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا، كۈلپەت ئېڭىدىن چىقىپ ئىگىلەش كېرەك. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، بىز دۇچ كەلگەن خەۋپ-خەتەر، سىناقلار بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىدۇ، ھەتتا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەھشەتلىك دولقۇنغا دۇچ كېلىمىز. شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، يۇقۇمنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تاشقى مۇھىتتا نۇرغۇن ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت، دۇنيا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى يەنىلا مۇرەككەپ، كەسكىن بولماقتا، جانلىنىش مۇقىم ئەمەس، تەڭپۇڭ ئەمەس، يۇقۇمنىڭ زەربىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان تۈرلۈك ھاسىلىي خەۋپ-خەتەرگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسىنىڭ چوڭقۇر تەڭشىلىشىگە ئەگىشىپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ مۇرەككەپ، قىيىن ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك. نىشان-ۋەزىپىلىرىمىزنى غەلىبىلىك ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش قابىلىيىتىمىزنى ئاشۇرۇشىمىز ھەم كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىشىمىز، ھەم كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئۆزىمىزنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

http://uyghur.people.com.cn/307382/15835306.html