خەلق تورى ئوبزورى: پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى تۇرۇۋاتقان يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى توغرا تونۇش كېرەك

日期:2021年01月13日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

«يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى − سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى بىر باسقۇچ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇنىڭ ئىچىدە نەچچە ئون يىل جۇغلانما توپلاش ئارقىلىق، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرغان بىر باسقۇچ»، «يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى يېتەكلەپ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنىڭ يېڭى باسقۇچى»...

ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت، تارىخ بىلەن رېئاللىق، دۆلەت ئىچى بىلەن خەلقئارانى بىرلەشتۈرۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويۇشنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسى، تارىخىي ئاساسى، رېئال ئاساسىنى تەھلىل قىلدى، بۇ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ ياخشى باشلىنىشى، ياخشى قەدەم ئېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى دېگەن نېمە؟ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يەتكەندىن كېيىن، بىز ۋەزىيەتكە قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىمىز، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈم، بۇنى جەزمەن توغرا تونۇش ۋە چوڭقۇر ئىگىلەش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتە، ھازىرقى دۇنيا ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالى، پارتىيە ئەھۋالىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا توغرا ھۆكۈم قىلىش شەرت. بۈگۈنكى كۈندە يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقاندا، بىز چوقۇم يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. بۇنىڭغا قارىتا ھەر دەرىجىلىك، جايلاردىكى پارتىيەلىك كادىرلار داۋاملىق كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، قوزغاشقا بولىدىغان بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى ئىشقا سېلىپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆز ئىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى قىلىپ، بېكىتىلگەن نىشانىمىزنى قەتئىي بوشاشماي ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

http://uyghur.people.com.cn/307382/15835193.html