ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى بەرپا قىلىش لازىم

日期:2021年01月12日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تەكلىپ» دېيىلىدۇ)دە، «يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ياشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ياشايدىغان زامانىۋىلىشىشنى بەرپا قىلىشقا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، يولنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىز بەرپا قىلماقچى بولغان زامانىۋىلاشتۇرۇش − ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش ھەم تېخىمۇ كۆپ ماددىي بايلىق ۋە مەنىۋى بايلىق يارىتىپ، خەلقنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ھەم تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، خەلقنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك.» بۇ، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت قاتلىمىدىن ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ياشاش مۇناسىۋىتىنى شەرھلەپ، زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مەزمۇنى ۋە دائىرىسىنى يەنىمۇ بېيىتتى ۋە كېڭەيتتى.

ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى بەرپا قىلىش __ ئادەم بىلەن تەبئىيەتنى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى دەپ قاراشتەك ماركسىزملىق ئېكولوگىيە پەلسەپە ئىدىيەسى ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئىنسانلار سانائەت مەدەنىيلىكىدىن بۇيان شەكىللەنگەن تەبىئەتكە سەل قاراش، تەبىئەتنى كونترول قىلىش، تەبىئەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قارىشىنى قەتئىي نىيەتكە كېلىپ چۆرۈپ تاشلاپ، تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىش، تەبىئەتكە ماسلىشىش، تەبىئەتنى قوغداشقا بۇرۇلۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. تەبىئىي بايلىق ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتىن پايدىلىنىشتا، تەبىئەت قانۇنىيىتىنى ئاڭلىق تونۇش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش كېرەك، بۇ ھەم تەبىئەت دۇنياسىدىكى ماددىلارنىڭ ھەرىكىتى بىلەن ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى، ھەم ئادەم بىلەن تەبىئەت، جەمئىيەت بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش قانۇنىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېڭى دەۋردە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا، جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ ھەم تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ ماددىي بايلىق ۋە مەنىۋى بايلىق يارىتىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا، يەنە خەلقنى تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

http://uyghur.people.com.cn/307382/15835056.html