ئېنېرگىيەدىن پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

日期:2021年01月12日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

مۇۋاپىق ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تۇرغۇزۇپ، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش− ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى زۆرۈر مەزمۇن. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «تەكلىپ»تە، ئېنېرگىيەدىن پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇش − يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىنىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ياشايدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى بەرپا قىلىش تەكىتلەندى. بۇ بىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىزگە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى، ھەرىكەت يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىدى.

ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىغا نەزەر سالساق، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئېنېرگىيە ئىنقىلابى − مەدەنىيلىك فورماتسىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ مۇھىم ئاساسى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. تاشقاتما ئېنېرگىيە مەنبەسىنى بايقاش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش − ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، ئىنسانلارنىڭ تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىدىن سانائەت مەدەنىيىتىگە كىرىشىگە تۈرتكە بولدى. سانائەت مەدەنىيلىكى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە غايەت زور ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، ئېغىر مۇھىت مەسىلىسى ۋە تەرەققىياتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كىشىلەرنى تەرەققىيات ئۇسۇلى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشقا، تەلەپ قىلىشقىلا ئەھمىيەت بېرىپ، سېلىنمىغا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان، تەرەققىياتقىلا ئەھمىيەت بېرىپ، قوغداشقا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان، پايدىلىنىشقىلا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان كونا يولنى چۆرۈپ تاشلاشقا مەجبۇر قىلدى. ئېنېرگىيە پەن-تېخنىكىسىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇش − ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ۋە مۇھىم تىرەككە ئىگە قىلىدۇ.

مەۋقەنى رېئاللىققا قويۇپ، كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، ئېنېرگىيەدىن پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش − ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، 2035-يىلىغا بارغاندا يېشىل ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇش ئۇسۇلىنى كەڭ دائىرىدە شەكىللەندۈرۈپ، كاربون قويۇپ بېرىش يۇقىرى پەللىگە يەتكەندىن كېيىن مۇقىملىق ئاساسىدا تۆۋەنلىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈپتىن ياخشىلاپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش نىشانىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىدىيەنى ئۆستۈرۈش، قاراشتا يېڭىلىق يارىتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەندىزىنى ئەلالاشتۇرۇش، تېخنىكىنى يۇغۇرۇش، تۈزۈلمە كاپالىتى قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، ماس كۈچەپ، پاكىز ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

http://uyghur.people.com.cn/307382/15834959.html