يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تەرەققىياتنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى ساھەلىرىگە سىڭدۈرۈش لازىم

日期:2020年12月03日
来源:人民网
【字体:

 خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

 ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تەكلىپ» دېيىلىدۇ)دە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك رولى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، «يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تەرەققىياتنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى ساھەلىرىگە سىڭدۈرۈش» تەكىتلەندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ «تەكلىپ» توغرىسىدىكى ئىزاھاتىدا مۇنداق كۆرسەتتى: «چوقۇم تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتىكى تەرەققىياتتا چوقۇم يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، چوقۇم يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بولۇشى كېرەك.» يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش − «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا جەزمەن ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك پىرىنسىپلارنىڭ بىرى، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدا ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئىدىيە يېتەكچىسىدۇر.

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ چوڭقۇر مەزمۇنى ۋە مۇھىم ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك

يېڭىلىق يارىتىش، ماس بولۇش، يېشىل بولۇش، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى − دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلگەن ۋە دۆلىتىمىز تەرەققىياتى يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەپ، يېڭى دەۋردىكى دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات باسقۇچىنىڭ ئۆزگىرىشى، شۇنداقلا كەلگۈسى تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە خىرىسنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، تەرەققىياتتىكى بوغما ھالەت ۋە قىيىن مەسىلىلەرنى دەل جايىدا ھەل قىلىپ، تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىپ، يېڭى باسقۇچتىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى نەزەرىيەۋى يېتەكچى ۋە ئەمەلىيەت قىبلىنامىسىدۇر.

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىدىيە − ھەرىكەتنىڭ باشلامچىسى، مۇئەييەن تەرەققىيات ئەمەلىيىتىنى مۇئەييەن تەرەققىيات ئىدىيەسى يېتەكلەيدۇ. تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ توغرا بولغان-بولمىغانلىقى تەرەققىياتنىڭ ئۈنۈمى، ھەتتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىنى تۈپتىن بەلگىلەيدۇ.» يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى ۋە ئاساسىي قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقىنى نامايان قىلدى. يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتا تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بۇ، جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەتنى ھەل قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىدىكى چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئۆزگىرىش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تاللىشىدۇر.

http://uyghur.people.com.cn/307382/15831683.html