يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىش − ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىدىكى زور ھالقىشتۇر

−− يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى تونۇش ۋە ئىگىلەش (1)

日期:2020年12月03日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 10-ئايدا ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى داۋاملىق مۇقىم ئەسلىگە كەلگەن، 4-پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى يەنىمۇ تېزلىشىشى مۇمكىن؛ دۇنيا بويىچە چەت ئەل سودىگەرلىرى بىۋاسىتە سالغان مەبلەغ زور دەرىجىدە ئازايغان ئەھۋالدا، ئېلىمىزنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئەمەلىي ئىشلەتكەن تاشقى مەبلىغى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 5.2 ئاشتى. جۇڭگو ئېنىقسىز دۇنياغا ئېنىقلىق قوشۇپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ سىنىقى ئالدىدا قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىپ، خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، يەنە قايتا تاۋلىنىپ چىققان جۇڭگو يۇقۇم تەرىپىدىن يىقىتىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە تېخىمۇ قۇدرەتلىك تەرەققىيات ئېنېرگىيەسىنى ئۇرغۇتتى. يۇقۇمنىڭ «بېسىم سىنىقى» جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ ئەۋرىشىملىكى ۋە زاپاس كۈچىنى ئۆلچەپ، جۇڭگونىڭ كۈچلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى ۋە تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، كىشىلەرنىڭ «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى پارلاق كەلگۈسىگە بولغان قەتئىي ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى. «13-بەش يىل» ئاخىرلىشىپ، «14-بەش يىل» باشلانغاندا، ئېلىمىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويىدۇ. بۇ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشنىڭ يېڭى مۇساپىسى بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويۇش − جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىدىكى چوڭ ھالقىش.» تارىختىن قارىغاندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان 100 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، بارلىق كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىشتا دۆلىتىمىزنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. 100 يىلغا يېقىن داۋام قىلغان كۈرەش داۋامىدا، پارتىيەمىز جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ ھەم نامرات، ھەم قالاق كونا جۇڭگونى دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندۇردى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 نەچچە يىلدىن بۇيانقى جاپالىق ئىزدىنىش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 40 نەچچە يىللىق ئۇلۇغ ئەمەلىيەت داۋامىدا پارتىيەمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشقا بولغان تونۇشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئۈزلۈكسىز پىشىپ يېتىلىپ، ئەمەلىيەت جەھەتتە ئۈزلۈكسىز بېيىپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشقا ئاساس سېلىندى.

http://uyghur.people.com.cn/307382/15831685.html