«14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا چوقۇم ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك پىرىنسىپ

日期:2020年12月02日
来源:人民网
【字体:

 خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك پىرىنسىپ __ يەنى پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ «بەشتە چىڭ تۇرۇش» − پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتى تەجرىبىسىنىڭ يۈكسىلىشى، پارتىيەمىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىشى بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز «بەشتە چىڭ تۇرۇش» مۇھىم پىرىنسىپىغا ھەقىقىي ئەمەل قىلىپ، ئۇنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇلۇغۋار پىلاننى تىرىشىپ رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش لازىم

جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، خەلق، ئوقۇغۇچىلارغا، شەرق، غەرب، جەنۇب، شىمال، مەركەزدە پارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان ئەڭ ئالىي سىياسىي رەھبىرىي كۈچ.» پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش − پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈپ ئاساسى، جان تومۇرى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتى، بەختىدۇر. «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇمىيەتنى ئىگىلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، توغرا تاكتىكا قوللىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە قەتئىي تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

 «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى بىر قاتار خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا دۇچ كېلىدۇ، نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، يەنە نۇرغۇن ئۇلۇغۋار نىشانلار ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشكە تېخىمۇ توغرا كېلىدۇ. سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكى ۋە ھەرىكەت بىردەكلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى كونكرېت بولىدۇ، ئابستراكت بولمايدۇ، ئۇنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش − پارتىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىغا يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. پارتىيەمىز كەڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يۈرۈش قىلىشتا جەزمەن پارتىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمە-مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تۈپ كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

http://uyghur.people.com.cn/307382/15831583.html