يېڭى دەۋردىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكىنى تاۋلاش لازىم

日期:2020年12月02日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

2016-يىلى 10- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم رولىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، يېڭى ۋەزىيەتتە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. دۆلەت ئېلېكتىر تورى تيەنجىن شەھەرلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت بۇ «يىلتىز» ۋە «روھ»نى پۇختا ئىگىلەپ، دىققەتنى شىركەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى دۆلەت كارخانىلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى تىرىشىپ يېتىلدۈرۈپ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈردى.

پارتىيەنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىغا بولغان رەھبەرلىكىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «جۇڭگوچە زامانىۋى دۆلەت كارخانىلىرى تۈزۈمىنىڭ ‹ئالاھىدىلىكى› شۇ يەردىكى، پارتىيە رەھبەرلىكىنى شىركەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، كارخانا پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى شىركەتنى ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىغا كىرگۈزۈش كېرەك». بىز پارتىيەنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تەشكىلىي تۈزۈم، مېخانىزم جەھەتتىن دۆلەت كارخانىلىرىدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كارخانا پارتكومى (پارتگۇرۇپپىسى)نىڭ يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىيەتنى باشقۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشتەك رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

جۇڭگوچە زامانىۋى دۆلەت كارخانىلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش بىلەن شىركەتنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى شىركەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، كارخانا پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى شىركەت ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىغا كىرگۈزۈپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ شىركەتنىڭ قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىدىكى ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت كارخانىلىرى پارتكومى (پارتگۇرۇپپىسى) نىڭ رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى تەشكىللەشتۈرۈش، تۈزۈملەشتۈرۈش، كونكرېتلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىركەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق ھالقىسىنى ھەقىقىي ئىگىلەپ، ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بازارلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك، «ئۈچ تۈرلۈك تۈزۈم» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار بىلەن جىپسىلاشقان كەسپىي دىرېكتور تۈزۈمى ئورنىتىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈلمە-مېخانىزم توسالغۇلىرىنى كۈچەپ تۈگىتىپ، كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇش كېرەك.

http://uyghur.people.com.cn/307382/15831454.html