«شى جىنپىڭ بىلەن داشۆ ئوقۇغۇچىسى دوستلار» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

日期:2020年11月21日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى«شى جىنپىڭ بىلەن داشۆ ئوقۇغۇچىسى دوستلار» يېقىندا جۇڭگو ياشلار نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

بۇ كىتابتا 25 پارچە سۆھبەت ئەمەلىي خاتىرىسى ئارقىلىق، 1983 - يىلى 12 - ئايدىن 2019 - يىلى 7 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، يولداش شى جىنپىڭنىڭ خېبېي جېڭدىڭ، فۇجيەن، جېجياڭ، شاڭخەيدە ۋە مەركەزگە كېلىپ خىزمەت قىلغاندىن بۇيانقى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، سىردىشىش ھېكايىسى بايان قىلىنىپ، ئۇنىڭ ياشلار، بولۇپمۇ داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىغا باشتىن - ئاخىر بىردەك ئېتىبار بەرگەنلىكى، كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، غەمخورلۇق قىلغانلىقى ئەينەن خاتىرىلەنگەن. بۇ كىتاب باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياشلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشتىكى جانلىق ئوقۇشلۇق بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى ياشلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، زامانىمىز ياشلىرىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۈچ قوشۇشتا مۇھىم ئۈلگە كۆرسىتىش ئەھمىيىتىگە ئىگە.