شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېرىلگەن ھوقۇققا ئاساسەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035- يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى»نى ئېلان قىلدى

日期:2020年11月04日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېرىلگەن ھوقۇققا ئاساسەن

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035- يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى»نى ئېلان قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغانشىنخۇا ئاگېنتلىقى 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى بېرىلگەن ھوقۇققا ئاساسەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى»نى ئېلان قىلدى. 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى يېپىلغان پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا بۇ «تەكلىپ» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

«تەكلىپ»تە پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدا ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قارىتا قىلىنغان ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى دۆلەت ئىچى - سىرتىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات شارائىتى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىلىپ، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەت چىڭ تۇتۇلۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا سىستېمىلىق پىلان تۈزۈلدى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. «تەكلىپ»تە شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە 2035 - يىلىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش كەلگۈسى نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«تەكلىپ» 15 قىسىمدىن تەركىب تاپقان، ئۈچ چوڭ بۆلەككە بۆلۈنگەن.

بىرىنچى بۆلەك ئومۇمىي بايان بولۇپ، 1 -، 2 - قىسىمدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئاساسلىقى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتا ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى دۇچ كەلگەن چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش، 2035 - يىلىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش كەلگۈسى نىشانى، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، جەزمەن ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك پىرىنسىپ ۋە ئاساسلىق نىشان بايان قىلىنغان.

2035 - يىلىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش كەلگۈسى نىشانى: پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدا ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قارىتا ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى، يەنى 2035 - يىلىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا دۆلىتىمىزنى باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش. 2035 - يىلىغا نەزەر سالغاندا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى زور دەرىجىدە يۈكسەلدۈرۈپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى ۋە شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى كىرىمىنى يەنە يېڭى زور پەللىگە كۆتۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا مۇھىم، زور بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا كىرىدۇ؛ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىدۇ؛ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ باراۋەر قاتنىشىش، باراۋەر تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، قانۇنچىل دۆلەت، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىدۇ؛ مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى، تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى، ساغلام جۇڭگو قۇرۇپ چىقىپ، خەلقنىڭ ساپاسى ۋە جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى يېڭى يۈكسەكلىككە يەتكۈزۈپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىدۇ؛ يېشىل ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلىنى كەڭ تۈردە شەكىللەندۈرۈپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكەندىن كېيىن مۇقىم ئاساستا تۆۋەنلىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈپتىن ياخشىلاپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى نىشانىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرىدۇ؛ سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە رىقابەتكە قاتنىشىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىدۇ؛ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئوتتۇراھال تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈپ، ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر توپىنى كۆرۈنەرلىك كېڭەيتىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى باراۋەرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ رايون تەرەققىياتى پەرقى ۋە ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى پەرقىنى كۆرۈنەرلىك كىچىكلىتىدۇ؛ تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرىدۇ؛ خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىدا تېخىمۇ روشەن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تۈپ مەقسەت قىلىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشى، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، ئىناق بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش.

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا جەزمەن ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك پىرىنسىپ:

− پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش.

− خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش.

− يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش.

− ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش.

− سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇش.

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي نىشانى. 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان كۆزلىنىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ شارائىتى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىلىپ، نىشان يۆنىلىشى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا تۆۋەندىكى ئاساسىي نىشانلار تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

− ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلىدۇ. تەرەققىيات دۆلىتىمىزدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى، تەرەققىياتتا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇش كېرەك، سۈپەت، ئۈنۈمنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش ئاساسىدا ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئېشىش يوشۇرۇن كۈچى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، دۆلەت ئىچى بازىرى تېخىمۇ كۈچەيتىلىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلما تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇلۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى روشەن ئاشۇرۇلۇپ، كەسىپ ئاساسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىشىش، كەسىپ زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىك ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ رايون تەرەققىياتىدىكى ماسلىشىشچانلىقى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلىپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم، زور ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلىدۇ.

− ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە يېڭى قەدەم تاشلىنىدۇ. سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىلىپ، بازار سۇبيېكتلىرى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى ۋە مۇھىم ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئىسلاھاتىدا مۇھىم، زور ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئادىل رىقابەت تۈزۈمى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

− جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسى يېڭى يۈكسىلىشكە ئىگە قىلىنىدۇ. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈلۈپ، خەلقنىڭ ئىدىيە - ئەخلاق ساپاسى، پەن - مەدەنىيەت ساپاسى ۋە جىسمانىي، روھىي ساغلاملىق ساپاسى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلۈپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى ۋە مەدەنىيەت كەسپى سىستېمىسى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشى كۈنسېرى موللاشتۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچى يەنىمۇ ئاشۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى يەنىمۇ كۈچەيتىلىدۇ.

− ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش - قوغداش ئەندىزىسى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلىنى يېشىللاشتۇرۇپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى روشەنلەشتۈرۈلۈپ، ئېنېرگىيە بايلىقىنى تەقسىملەش تېخىمۇ مۇۋاپىقلاشتۇرۇلۇپ، پايدىلىنىش ئۈنۈمدارلىقى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلۈپ، ئاساسلىق بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارى سىجىل ئازايتىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىجىل ياخشىلىنىپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىدۇ.

− خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزۈلىدۇ. تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئاساسىي جەھەتتىن ماس قەدەملەشتۈرۈلۈپ، تەقسىمات قۇرۇلمىسى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ باراۋەرلىشىش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ تەربىيەلىنىش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، سەھىيە - ساغلاملىق سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى مۇستەھكەملىنىپ، كېڭەيتىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىدۇ.

− دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارى يېڭى يۈكسىلىشكە ئىگە قىلىنىدۇ. سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە، قانۇنچىللىق تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ، دۆلەت مەمۇرىيەت سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلۇپ، مەمۇرىيەتنىڭ ئۈنۈمدارلىقى ۋە ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكى روشەن ئۆستۈرۈلۈپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلىدۇ، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، تاسادىپىي ئاممىۋى ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى روشەن كۈچەيتىلىپ، تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلىدۇ، تەرەققىيات، خەۋپسىزلىك كاپالىتى تېخىمۇ كۈچەيتىلىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا مۇھىم، زور قەدەم تاشلىنىدۇ.

2 - بۆلەك تارماق بايان قىسمى بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى بويىچە تەشكىللەنگەن، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ساھەلەرگە بۆلۈپ بايان قىلىنغان، 12 قىسىم ئورۇنلاشتۇرۇلغان، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپ تەرەققىياتى، دۆلەت ئىچى بازىرى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، رايون تەرەققىياتىدىن مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، يېشىل تەرەققىيات، سىرتقا ئېچىۋېتىش، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، بىخەتەر تەرەققىيات، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگىچە بولغان پىكىر يولى ۋە نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان.

3 - بۆلەك ئاخىرقى قىسمى بولۇپ، 15 - قىسىم ۋە خاتىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئاساسلىقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، سوتسىيالىستىك سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىش، يىرىك پىلاننى تۈزۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلار بايان قىلىنغان.

«تەكلىپ»تە مۇنۇلار تەكىتلەندى: «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان بىلەن 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور، ۋەزىپە مۈشكۈل، ئىستىقبال پارلاق. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك!