«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ 14- بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش

日期:2020年11月04日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، مەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى»نى تەييارلاشقا ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدا ئومۇمىي يىغىنغا چۈشەندۈرۈش بېرىمەن.

1. تەكلىپ نۇسخىسىنى تەييارلاش جەريانى

«14 - بەش يىل» مەزگىلى دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىن، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايدىغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىدىغان بىرىنچى بەش يىل.

بۇ يىل 3 - ئايدا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپكە قاراپ چىقىشنى قارار قىلىپ، ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسى قۇردى، مەن گۇرۇپپا باشلىقى بولدۇم، يولداش لى كېچياڭ، يولداش ۋاڭ خۇنىڭ، يولداش خەن جېڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى بولدى، ئالاقىدار تارماقلار ۋە يەرلىكتىكى مەسئۇل يولداشلار قاتنىشىپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە تەكلىپ نۇسخىسىنى تەييارلاش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالدى.

3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ <14 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلان تەكلىپىنى تەتقىق قىلىش توغرىسىدا پىكىر ئېلىش ئۇقتۇرۇشى»نى چىقىرىپ، پارتىيە ئىچى - سىرتىدىكى بەلگىلىك دائىرىدە پىكىر ئالدى. 4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسى 1 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، تەكلىپ نۇسخىسىنى تەييارلاش خىزمىتىنى رەسمىي باشلىدى.

ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قايتما ئىنكاس پىكرىدىن قارىغاندا، كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: «ئىككى 100 يىل»لىق تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەسىلىسى نۇقتىلىق تەتقىق قىلىندى ھەم «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان بىلەن بىرتۇتاش پىلانلاپ ئويلىشىش تەكلىپى بېرىلدى، بۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا سەپەرۋەر قىلىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، لېكىن دۇچ كېلىۋاتقان دۆلەت ئىچى - سىرتى مۇھىتىدا چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش يۈزبېرىۋاتىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ئۆزگىچە سىياسىي ئەۋزەللىكى، تۈزۈم ئەۋزەللىكى، تەرەققىيات ئەۋزەللىكى ۋە پۇرسەت ئەۋزەللىكى بار، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا يەنىلا نۇرغۇن پايدىلىق شارائىتلار بار، بىزنىڭ «ئىككى چوڭ مۆجىزە»نىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشتا تامامەن ئىشەنچىمىز بار، جاسارىتىمىز بار، ئىقتىدارىمىز بار. كۆپچىلىك ئومۇميۈزلۈك ھالدا تەكلىپ تۈزۈش ئارقىلىق «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي پىكىر يولى، ئاساسلىق نىشانى ھەمدە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرلىك مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالدىن كۆرەرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، ئۇللۇق، قاراتمىلىققا باي بولغان مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، مۇھىم ساھەلەردىكى داۋاملاشما ئىسلاھاتنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشنى ئۈمىد قىلدى.

بۇ قېتىمقى تەكلىپ نۇسخىسىنى تەييارلاشنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ تەدبىر سوراش، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت. مەن «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش توغرىسىدا بىر قاتار تەلەپلەرنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىش بىلەن خەلقتىن ئەقىل سوراشتا چىڭ تۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، كەڭ خەلق ئاممىسى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنى تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانغا ئەقىل - چارە كۆرسىتىشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدىم. 7 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن 9 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنى، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنى، ئىقتىىساد، جەمئىيەت ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنى، ئالىملار سۆھبەت يىغىنى، ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشكە بولغان پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى يۈزتۇرا ئاڭلىدىم. 8 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتىدە توردا پىكىر ئېلىش قانات يايدۇرۇلدى. كەڭ خەلق ئاممىسى بەس - بەستە قاتنىشىپ، 1 مىليوندىن ئارتۇق سۆز قالدۇردى، ئالاقىدار تەرەپلەر بۇنىڭ ئىچىدىن مىڭدىن ئارتۇق تەكلىپنى رەتلەپ چىقتى.

ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، قايتا - قايتا مۇزاكىرە قىلىپ تۈزىتىپ، تەكلىپ نۇسخىسىنى تەييارلاش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلىدى.

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، تەكلىپ نۇسخىسى پارتىيە ئىچىدە بەلگىلىك دائىرىدە تارقىتىلىپ پىكىر ئېلىندى، جۈملىدىن پارتىيە ئىچىدىكى قىسمەن پېشقەدەم يولداشلاردىن پىكىر ئېلىندى، يەنە ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ پىكرى مەخسۇس ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

پىكىر ئېلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار تەكلىپ نۇسخىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەن. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: تەكلىپ نۇسخىسىنىڭ ۋەزىيەت ھۆكۈمى ئىلمىي، ئوچۇق، نىشان، تەلىپىدە كەلگۈسى كۆزلەنگەن، ئەمەلىي، يېتەكچى فاڭجېن بايرىقى روشەن، ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ يۆنىلىشى ئېنىق بولۇپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان «پىروگراممىسى»نى تۈزۈش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلىدى. تەكلىپ نۇسخىسىدا مەۋقەنى دۆلەت ئىچىگە قويۇش بىلەن يەر شارىۋى نەزەر تاشلاشنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇلدى، مەسىلە يۆنىلىشى بىلەن نىشان يۆنىلىشىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇلدى، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك نىشان بىلەن قىسقا مۇددەتلىك نىشاننى تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلدى، ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش بىلەن مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلدى، دىققەت گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە كۆرۈنەرلىك كەمتۈكلۈكلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلدى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىلتىماس - تەلىپى ۋە ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇرۇلدى، بۇ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ياخشى تۈزۈش، ياخشى يولغا قويۇشقا پايدىلىق.

پىكىر ئېلىش جەريانىدا، ھەرقايسى تەرەپلەر نۇرغۇن ياخشى پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىرقانچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرىنچى، تەجرىبىلەرنى تولۇق يەكۈنلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەزمۇنلارنى تولۇقلاش. ئىككىنچى، ۋەزىيەت، مۇھىت تەھلىلىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل بولۇش، ئۆزىنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىش، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى تۇرغۇزۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەزمۇنلارنى تولۇقلاش. ئۈچىنچى، يېتەكچى ئىدىيە ۋە پىرىنسىپنى بېيىتىپ، خەلقنى مەركەز قىلىش، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەزمۇنلارنى يەنىمۇ كۈچەيتىش. تۆتىنچى، «14 - بەش يىل»لىق تەرەققىيات نىشانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرەققىيات پەرقىنى كىچىكلىتىش، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەزمۇنلارنى تولۇقلاش. بەشىنچى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش ۋە پەن - تېخنىكا تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەرگە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى بېيىتىش. ئالتىنچى، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ خەلق ئىگىلىكىدىكى مۇھىم ئورنىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەزمۇنلارنى بېيىتىش. يەتتىنچى، سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇھىم مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەزمۇنلارنى بېيىتىش. سەككىزىنچى، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر پىلانلاش، قۇرۇلۇش باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەزمۇنلارنى بېيىتىش. توققۇزىنچى، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەزمۇنلارنى يەنىمۇ كۈچەيتىش. ئونىنچى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى توسۇقىنى پۇختىلاپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەزمۇنلارنى بېيىتىش.

ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى بىرمۇبىر تەھلىل قىلىپ، قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قوبۇل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى، تەكلىپ نۇسخىسىدىكى جەمئىي 366 ئورۇنغا قارىتا كۆپەيتىپ يېزىش، ئۆزگەرتىپ يېزىش، پىششىقلاش، ئىخچاملاش ئېلىپ باردى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىدىن 546نى قاپلىدى. بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەسى ۋە سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەسىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى.

تەكلىپ نۇسخىسىنى تەييارلاش مەزگىلىدە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ئۈچ قېتىم يىغىن ئېچىپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ئىككى قېتىم يىغىن ئېچىپ ئايرىم - ئايرىم قاراپ چىقىپ، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدىغان تەكلىپ نۇسخىسىنى شەكىللەندۈردى.

2. تەكلىپ نۇسخىسىدىكى ئاساسلىق ئويلىنىش ۋە ئاساسىي رامكا

تەكلىپ نۇسخىسى تەييارلاشتا پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدا ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قارىتا چىقىرىلغان ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئالغا سىلجىتىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى دۆلەت ئىچى - سىرتىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات شارائىتىنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنى سىستېمىلىق پىلانلاش ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىشنى ئومۇمىي جەھەتتىن نەزەرگە ئالدۇق.

تەكلىپ نۇسخىسىنى تەييارلاش جەريانىدا، تۆۋەندىكى پىرىنسىپلارنى ئىگىلەشكە دىققەت قىلىندى. بىرىنچى، ۋارىسلىق قىلىش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش. ئىككىنچى، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش. ئۈچىنچى، ئېچىۋېتىش بىلەن ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش. تۆتىنچى، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىغا تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىماللىقى بولغان سىستېمىلىق خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش. بەشىنچى، ئىستراتېگىيە بىلەن تاكتىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان يىرىك پىلان تەكلىپىنى تۈزۈش.

تەكلىپ نۇسخىسى 15 قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۈچ چوڭ بۆلەككە بۆلۈنگەن. بىرىنچى بۆلەك ئومۇمىي بايان بولۇپ، 1 -، 2 - قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئاساسلىقى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتا ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى دۇچ كەلگەن چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش، 2035 - يىلىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت كەلگۈسى نىشان، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، جەزمەن ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك پىرىنسىپ ۋە ئاساسلىق نىشان شەرھلەندى. ئىككىنچى بۆلەك تارماق بايان بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى بويىچە تەشكىللەندى، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ساھەلەرگە بۆلۈپ شەرھلىنىپ، 12 قىسىمغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپ تەرەققىياتى، دۆلەت ئىچى بازىرى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، رايون تەرەققىياتىدىن مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، يېشىل تەرەققىيات، سىرتقا ئېچىۋېتىش، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، بىخەتەر تەرەققىيات، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگىچە بولغان پىكىر يولى ۋە نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى قىلىندى. ئۈچىنچى بۆلەك ئاخىرقى قىسىم بولۇپ، 15 - قىسىم ۋە ئاخىرقى سۆزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئاساسلىقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، سوتسىيالىستىك سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىش، يىرىك پىلان تۈزۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلار شەرھلەندى.

3. چۈشەندۈرۈشكە تېگىشلىك بىرقانچە نۇقتىلىق مەسىلە

تەكلىپ نۇسخىسىدا بىرقىسىم مۇھىم كۆزقاراش ۋە بايانلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ يەردە، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرقانچە نۇقتىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن.

بىرىنچى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىش توغرىسىدا. تەكلىپ نۇسخىسىدا «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى، تەرەققىيات مۇھىتى، تەرەققىيات شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن چىقىرىلغان ئىلمىي ھۆكۈم. دۆلىتىمىز يەنىلا سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ ھەم ئۇزاققىچە تۇرىدۇ، دۆلىتىمىز يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، تەرەققىيات يەنىلا پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى. جەزمەن تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتىكى تەرەققىياتتا جەزمەن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك، ئۇ جەزمەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بولۇشى كېرەك. ھازىر، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەردى، تەرەققىيات داۋامىدىكى زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر تەرەققىيات سۈپىتىدە مەركەزلىك گەۋدىلەندى. بۇ بىزدىن جەزمەن تەرەققىيات سۈپىتى مەسىلىسىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.

بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ تاشقى مۇھىتى كۈنسېرى مۇرەككەپلەشتى. تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن ھۇجۇم ۋە خىرىسقا پائال تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ۋە خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، ئىقتىسادنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشى، جەمئىيەتنىڭ ئىناق، تىنچ بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا. ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىشتا، جەزمەن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات شەكلىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بارلىق خەلقنى تېخىمۇ ياخشى بەھرىمەن قىلىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئىككىنچى، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدا. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاش، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكى بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاش. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىن، دۆلىتىمىز خەلقئارا چوڭ ئايلىنىشقا كىرىپ، بازار ۋە بايلىقتىن ئىبارەت «ئىككى باش سىرتتا بولۇپ»، «دۇنيا زاۋۇتى» تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنى تېز ئۆستۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، پۈتۈن يەر شارىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، يەر شارىۋىلىشىشقا قارشى يۈزلىنىش كۈچەيدى، بەزى دۆلەتلەردە يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىق كەڭ كۆلەمدە يولغا قويۇلۇپ، ئەنئەنىۋى خەلقئارا ئايلىنىش كۆرۈنەرلىك ئاجىزلىدى. بۇنداق ئەھۋالدا، جەزمەن تەرەققىيات مەۋقەسىنى دۆلەت ئىچىگە قويۇپ، ئىچكى بازارغا تېخىمۇ كۆپ تايىنىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. دۆلىتىمىزدە 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇس بار، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 10 مىڭ دوللاردىن ئاشىدۇ، پۈتۈن يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىستېمال بازىرى بولۇپ، غايەت زور ئېشىش بوشلۇقىغا ئىگە. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بىز نۇرغۇن تاشقى خەۋپ - خەتەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدۇق، ئەڭ ئاخىرىدا خەۋپ - خەتەرنى بىخەتەرلىككە ئايلاندۇرۇشتا، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، تەرەققىياتتا مەۋقەنى دۆلەت ئىچىگە قويۇشقا تاياندۇق.

يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشتا، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەقسىمات، ئوبوروت، ئىستېمالنى ئىچكى بازارغا تېخىمۇ كۆپ تاياندۇرۇپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات سىستېمىسىنىڭ ئىچكى ئېھتىياجغا بولغان ماسلىشىشچانلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدىكى توسۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇكەممەللىكىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى بازارنى ئەڭ ئاخىرقى ئېھتىياجنىڭ ئاساسلىق مەنبەسىگە ئايلاندۇرۇپ، ئېھتىياج تەمىناتنى يېتەكلەيدىغان، تەمىنات ئېھتىياجنى يارىتىدىغان تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلۇقنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى ھەرگىزمۇ بېكىنمە دۆلەت ئىچى ئايلىنىشى بولماستىن، بەلكى ئېچىۋېتىلگەن دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش. زور، راۋان بولغان دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىي ئايلىنىشىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولغاندىلا، يەر شارىۋى بايلىق مۇھىم ئامىللىرىنى تېخىمۇ ياخشى جەلپ قىلىپ، ھەم ئىچكى ئېھتىياجنى قاندۇرۇپ، ھەم دۆلىتىمىزنىڭ كەسىپ - تېخنىكا تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە رىقابەتكە قاتنىشىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.

ئۈچىنچى، «14 - بەش يىل» ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانى توغرىسىدا. پىكىر ئېلىش جەريانىدا، بەزى جايلار ۋە تارماقلار «14 - بەش يىل»دىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى نىشانىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇش، 2035 - يىلىغا بارغاندا ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ياكى ئوتتۇرىچە كىرىمنى بىر قاتلاش نىشانىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇش تەكلىپىنى بەردى. ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش ۋە ئۆلچەش، ھېسابلاش ئارقىلىق مۇنداق قارىدى: ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىقتىدارى ۋە شارائىتىدىن قارىغاندا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم تەرەققىياتىنى ساقلاشتا ئۈمىد ۋە يوشۇرۇن كۈچ بار، «14 - بەش يىل»نىڭ ئاخىرىغا بارغاندا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان يۇقىرى كىرىملىك دۆلەت ئۆلچىمىگە يېتىش، 2035 - يىلىغا بارغاندا ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ياكى ئوتتۇرىچە كىرىمنى بىر قاتلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تامامەن مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەلگۈسى بىر مەزگىلدە تاشقى مۇھىتتىكى تۇراقسىز، ئېنىقسىز ئامىللارنىڭ بىرقەدەر كۆپلۈكى، دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالى بولغان نۇرغۇن يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ يەر شارىدا كەڭ تارقىلىشىنىڭ تەسىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ سىجىل پەسكويغا چۈشۈپ قېلىش مۇمكىنچىلىكىنى ئويلىشىپ، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك پىلاندىكى نىشاندا ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە قويۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەكلىپى ئاساسلىقى چوڭ يۆنىلىشنى بەلگىلەيدۇ، چوڭ ئىستراتېگىيەنى بېكىتىدۇ. ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، تەكلىپ نۇسخىسىدا «14 - بەش يىل» بىلەن 2035 - يىلىغىچە بولغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانىغا قارىتا خاراكتېرنى بېكىتىپ بايان قىلىشنى ئاساس قىلىش، مىقدار بېكىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش شەكلى قوللىنىلدى. يىرىك پىلان «پىروگراممىسى»نى تۈزگەندە، ئەستايىدىل ئۆلچەش، ھېسابلاش ئاساسىدا مۇناسىپ مىقدارلاشتۇرۇلغان نىشان ئوتتۇرىغا قويۇلسا بولىدۇ.

تۆتىنچى، پۈتۈن خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا. ئورتاق بېيىش سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق تەقەززاسى. بىز ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا پۈتۈن خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئورتاق بېيىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشتى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلدۇق، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پۈتۈن خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور تەدبىر. ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك، شەھەر، يېزىلارنىڭ رايون تەرەققىياتى ۋە كىرىم تەقسىماتى پەرقى بىرقەدەر چوڭ، پۈتۈن خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىر تۈرلۈك ئۇزاق مەزگىللىك ۋەزىپە، لېكىن دۆلىتىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشى، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىشىغا ئەگىشىپ، بىز جەزمەن پۈتۈن خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پۇختا، ئەستايىدىل بولۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن تېخىمۇ ئاكتىپ نەتىجە يارىتىپ تىرىشىشىمىز كېرەك. شۇڭا، تەكلىپ نۇسخىسىدىكى 2035 - يىلىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش كەلگۈسى نىشانىدا «پۈتۈن خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىدا تېخىمۇ روشەن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاش قىسمىدا «ئورتاق بېيىشقا پۇختا تۈرتكە بولۇش» گەۋدىلىك تەكىتلىنىپ، بەزى مۇھىم تەلەپ ۋە مۇھىم، زور تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنداق بايان قىلىش پارتىيە ئومۇمىي يىغىنى ھۆججەتلىرىدە تېخى تۇنجى قېتىم بولۇپ، ھەم ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ۋە كۈرەش نىشانىنى كۆرسىتىپ بەردى ھەم ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن، تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، ئېھتىياج بىلەن ئىمكانىيەتكە تەڭ ئېتىبار بىرىلگەن، بۇ، خىزمەت داۋامىدا پائال، پۇختا ئىگىلەپ، پۈتۈن خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدا ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزگە پايدىلىق.

بەشىنچى، تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش توغرىسىدا. بىز بارغانسېرى شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇقكى، خەۋپسىزلىك تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى، تەرەققىيات خەۋپسىزلىكنىڭ كاپالىتى. ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىل دۆلىتىمىزدە تۈرلۈك زىددىيەت ۋە خەۋپ - خەتەر ئاسان يۈزبېرىدىغان مەزگىل بولۇپ، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە مۆلچەرلەش قىيىن بولغان تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ئامىللىرى كۆرۈنەرلىك كۆپىيىدۇ. بىز جەزمەن تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، پۇرسەت ئېڭى ۋە خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى تۇرغۇزۇپ، قىيىنچىلىقلارنى تېخىمۇ تولۇقراق مۆلچەرلەپ، خەۋپ - خەتەر ئۈستىدە تېخىمۇ چوڭقۇرراق پىكىر يۈرگۈزۈپ، يوچۇقلارنى ئېتىش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەل قىلغۇچ قەدەمنى ياخشى تاشلاپ، تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تونۇش ئاساسىدا، تەكلىپ نۇسخىسىدا مەخسۇس باب تەسىس قىلىنىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش قاتارلىقلارغا قارىتا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەش تەكىتلەندى.

ئالتىنچى، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا. تەكلىپ نۇسخىسىدا «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا جەزمەن سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى سىستېمىلىق پىلانلاش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ئەمەلىيەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بىر قاتار يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە يېڭى تەدبىرلەرنى شەكىللەندۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ جەرياندا، سىستېما قارىشى ئۇللۇق ئىدىيە ۋە خىزمەت ئۇسۇلىغا ئىگە.

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىققاندىن كېيىن، بىز ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايمىز، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلدى، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى زىددىيەت چىگىش، مۇرەككەپ، جەزمەن سىستېما قارىشىدىن چىقىش قىلىپ پىلانلاپ ۋە ھەل قىلىپ، ھەرقايسى ساھەدىكى خىزمەتلەر ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ماسلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يەتتىنچى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى تاماملاش ئەھۋالى ۋە جاكارلاش پەيتى توغرىسىدا. پارتىيە قۇرۇلغىنىغا 100 يىل بولغان چاغدا، 1 مىليارد نەچچە يۈز مىليون نوپۇسقا نەپ يەتكۈزىدىغان تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش پارتىيەمىز يېڭى ئەسىرگە كىرگەندىن كېيىن ئاساسىي جەھەتتىن ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويغان كۈرەش نىشانى، خەلققە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلىپىدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان، بىز خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، نەچچە ئەۋلاد كىشى ئىزچىل داۋاملاشتۇردۇق، داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلدۇق. «13 - بەش يىل» مەزگىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش باسقۇچى، بىز مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇھىم، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشنىڭ ئۆتەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، بىر قاتار يېڭى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ناھايىتى زور پايدىسىز تەسىر ئېلىپ كەلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، دۆلىتىمىز ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئالدىنقى قاتاردا ماڭدى، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىپ، جەمئىيەت، خەلق تۇرمۇشى ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 100 تىرىليون يۈەن خەلق پۇلىدىن ئاشىدىكەن، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسىدىكەن، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات نوپۇس ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندا بېكىتىلگەن تەرەققىيات نىشانىنى قەرەلىدە تاماملىغىلى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىكەن.

نۆۋەتتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقى نەزەردە تۇتۇلۇپ، تەكلىپ نۇسخىسىدا «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتا ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلىدۇ» دەپ بايان قىلىندى. كېلەر يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى سىستېمىلىق باھالايدۇ ۋە خۇلاسىلەيدۇ، ئاندىن دۆلىتىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىققانلىقىنى رەسمىي جاكارلايدۇ.

يولداشلار! «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان تەكلىپىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاش بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى. كۆپچىلىك ئەستايىدىل ئويلىنىپ، چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىپ، ئىجابىي پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىر يىرىك پىلان تەكلىپىنى تۈزۈپ چىقايلى. بىز بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننى بىرلىكتە ياخشى ئاچايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى)