كىۋانت پەن - تېخنىكىسى تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، كىۋانت پەن - تېخنىكىسى تەرەققىياتىنى ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش ۋە سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك

日期:2020年10月19日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 24 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى

كىۋانت پەن - تېخنىكىسى تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، كىۋانت پەن - تېخنىكىسى تەرەققىياتىنى ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش ۋە سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن كىۋانت پەن - تېخنىكىسى تەتقىقاتى ۋە ئۇنى ئەمەلىي قوللىنىشنىڭ ئىستىقبالى توغرىسىدا 24 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئاچقۇچلۇق ئۆزگىرىشچان مىقدار. بىز كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەت يېتىلدۈرۈش، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا جەزمەن پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن جاۋاب ئىزدىشىمىز كېرەك. كىۋانت پەن - تېخنىكىسى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، كىۋانت پەن - تېخنىكىسى تەرەققىياتىنى ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش ۋە سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چوڭ يۈزلىنىشنى ئىگىلەپ، ھەل قىلغۇچ قەدەمنى ياخشى تاشلىشىمىز كېرەك.

چىڭخۇا داشۆسىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى شۆ چىكۈن بۇ مەسىلە توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ، پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كىۋانت پەن - تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچقاندەك ئالغا بېسىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپلەر ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنقى سەپ ساھەسىگە ئايلاندى. كىۋانت پەن - تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم رولغا ئىگە. بۇ قېتىمقى كوللېكتىپ ئۆگىنىشنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسەت دۇنيا كىۋانت پەن - تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىيات ھالىتىنى چۈشىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ كىۋانت پەن - تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ كىۋانت پەن - تېخنىكىسى تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىش.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كىۋانت مېخانىكىسى ئىنسانلارنىڭ مىكرو دۇنيا ئۈستىدە ئىزدىنىشىدىكى مۇھىم، زور نەتىجە. كىۋانت پەن - تېخنىكىسى تەرەققىياتى مۇھىم، زور ئىلمىي ئەھمىيەتكە ۋە ئىستراتېگىيەلىك قىممەتكە ئىگە، ئۇ ئەنئەنىۋى تېخنىكا سىستېمىسىغا قارىتا زەربە ھاسىل قىلىدىغان، قايتا قۇرۇش ئېلىپ بارىدىغان بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور ئاغدۇرۇش خاراكتېرلىك تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بولۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپلەر ئۆزگىرىش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. دۆلىتىمىز پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى كىۋانت پەن - تېخنىكىسىدا يېتىشىۋېلىش ئۈچۈن تىرىشىپ، خەلقئارا تەسىر كۈچكە ئىگە بىر تۈركۈم مۇھىم، زور ئىجادىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، دۆلىتىمىز كىۋانت پەن - تېخنىكىسى ساھەسىدە پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، دۆلىتىمىز كىۋانت پەن - تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىدا ئاز بولمىغان كەمتۈكلۈكلەر ساقلانماقتا، ئۇنىڭ تەرەققىياتى كۆپ خىل خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. بىز جەزمەن ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، تىرىشىپ ئاچقۇچلۇق ساھەلەردە ئۆز ئالدىغا كونترول قىلالايدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلىتىمىز پەن - تېخنىكىسىنىڭ خەلقئارا خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلىتىمىز كىۋانت پەن - تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى سىستېمىلىق خۇلاسىلەپ، چەت ئەللەرنىڭ پايدىلىق ئۇسۇللىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، كىۋانت پەن - تېخنىكىسى تەرەققىياتىنىڭ چوڭ يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىپ، دۆلىتىمىز كىۋانت پەن - تېخنىكىسى تەرەققىياتىنىڭ كىرىش نۇقتىسى ۋە بۆسۈش ئېغىزىنى توغرا تېپىپ، ئۇل تەتقىقات، ئالدىنقى سەپ تېخنىكىسى، قۇرۇلۇش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كىۋانت خەۋەرلىشىشى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، كىۋانت پەن - تېخنىكىسى خەلقئارا رىقابىتىنىڭ ئېگىزلىك نۇقتىسىنى ئىگىلەپ، تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە ئالدىن كۆرەرلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىشەنچىنى ساقلاپ، قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە جۈرئەت قىلىپ، ئۇزاق دەۋرىيلىك مۇھىم، زور تۈرلەرنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش داۋامىدا يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە ئالدىن كۆرەرلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۆپ پەنلەرنىڭ گىرەلىشىپ يۇغۇرۇلۇشى ۋە كۆپ تېخنىكا ساھەسىدە توپلاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىز كىۋانت پەن - تېخنىكىسى تەرەققىياتىنىڭ سىستېمىلاشقان ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سىياسەت مەدىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. كىۋانت پەن - تېخنىكىسى تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىدىغان ياخشى سىياسەت مۇھىتى يارىتىشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك سىياسەت مەدىتى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. كىۋانت پەن - تېخنىكىسى ساھەسىگە بولغان مەبلەغ سېلىنمىسىغا كاپالەتلىك قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەرلىك، كارخانا، جەمئىيەتنى سېلىنما سالمىقىنى زورايتىشقا يېتەكلەش كېرەك. پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كىۋانت پەن - تېخنىكىسى ئاساسىي تەتقىقاتىغا بولغان سېلىنمىسىنى زورايتىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پەن تەتقىقاتنى باشقۇرۇش ۋە تەشكىللەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاساسىي تەتقىقاتتا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ۋە ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. كىۋانت پەن - تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ئاساسىي نەزەرىيە تەتقىقاتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا باغلىق، ئاغدۇرۇش خاراكتېرلىك تېخنىكىنىڭ شەكىللىنىشى زور مىقداردا جۇغلاپ ئاز - ئازدىن ئىشلىتىش جەريانى. كىۋانت پەن - تېخنىكىسى ساھەسىدە ئىختىساسلىقلار، بازا، تۈرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تولۇق ئامىللارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كىۋانت پەن - تېخنىكىسىدىكى مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش كېرەك. ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى زورايتىپ، قىيىنچىلىق، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلاردىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن ئىلىم - پەن چوققىسىغا چىقىپ، كىۋانت پەن - تېخنىكىسى ساھەسىدە يەنە يۇقىرى سەۋىيەلىك بىر تۈركۈم ئىجادىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. مۇھىم، زور كەشپىيات ۋە ئىجادىيەت، ئاغدۇرۇش خاراكتېرلىك تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئاچقۇچى ئىختىساسلىقلاردا. كىۋانت پەن - تېخنىكا ساھەسىدىكى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى تېزلىتىپ، كىۋانت پەن - تېخنىكا ساھەسىدىكى بىر تۈركۈم ئالىي، سەر خىل، قابىل ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، كىۋانت پەن - تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان مەخسۇس يېتىشتۈرۈش پىلانى تۈزۈپ، سىستېمىلاشقان، يۇقىرى قاتلاملىق كىۋانت پەن - تېخنىكىسى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سۇپىسى بەرپا قىلىش كېرەك. كىۋانت پەن - تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سەپ يۆنىلىشىنى چۆرىدەپ، ئالاقىدار پەن ۋە دەرسلىك سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۇنيا پەن - تېخنىكا چوڭ يۈزلىنىشىنى ئىگىلىيەلەيدىغان، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشقا ماھىر بىر تۈركۈم دۇنيا دەرىجىلىك ئالىملار ۋە باشلامچى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى جانلىق، «ئادەمسىز رايون»نى بۆسۈپ ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالايدىغان بىر تۈركۈم ياش تالانت ئىگىلىرى ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى ئىختىساسلىقلارنى بايقاش كېرەك. ئىشىنىشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىملار مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئۇلارغا ئادەم ئىشلىتىش، مالىيە، مال - مۈلۈك جەھەتتە تولۇق بولغان ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقى ۋە تېخنىكا يول لىنىيەسىنى بەلگىلەش ھوقۇقىنى بېرىپ، مۇنەۋۋەر ياش ئىختىساسلىقلارنى ئېغىر مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى باھالاشتىن ئىبارەت بۇ «دىرىژورلۇق تايىقى»نى ياخشى ئىشلىتىپ، پەن - تېخنىكا خادىملىرىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈش، باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئىجادىي پائالىيىتىنى مۇۋاپىق بولمىغان خىراجەت باشقۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش قاتارلىق تۈزۈلمىلەردىن ئازاد قىلىپ، پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىنى قوزغىتىشقا پايدىلىق ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتتا ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كىۋانت پەن - تېخنىكا نەزەرىيە تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىش، قۇرۇلۇشلاشتۇرۇشقا ئايلىنىش سۈرئىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنى كىۋانت پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىغا قاتنىشىشقا پائال قوبۇل قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنى كىۋانت پەن - تېخنىكىسى ئاساسىي تەتقىقاتى ۋە ئەمەلىي قوللىنىپ تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى پائال قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى ۋە ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كىۋانت پەن - تېخنىكا ساھەسىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كىۋانت پەن - تېخنىكا ساھەسىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ قاتلىمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، يېڭى ھەرىكەت ھالىتىنى ئىگىلەپ، مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، پىلانلاشنى ياخشى ئىشلەپ، پەن - تېخنىكا بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتى توغرىسىدىكى مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ماكرولۇق يېتەكچىلىك قىلىش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، مۇلازىمەت كاپالىتى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادكارلىقىنى تولۇق قوزغاپ، مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا ۋەزىپىلىرىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ خەلقئارا رىقابەت ئېگىزلىك نۇقتىسىنى ئىگىلەش، تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىشنى كۈچلۈك مەدەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.