ئىشنى ياخشى باشلاپ، ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىشتا نەتىجە قازىنىشقا ماھىر بولۇپ، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە قوشۇننى قەتئىي قايتۇرماسلىق كېرەك

日期:2020年10月19日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

ئىشنى ياخشى باشلاپ، ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىشتا نەتىجە قازىنىشقا ماھىر بولۇپ، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە قوشۇننى قەتئىي قايتۇرماسلىق كېرەك

لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى7 - قېتىملىق دۆلەت نامراتلارنى يۆلەش كۈنى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2020 - يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدىغان يىل. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىنىڭ سىنىقى ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانىنى قەرەلىدە تاماملاش قەتئىي ئىرادىسى تەۋرىنىپ قالمىدى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىدى، نامرات رايونلاردىكى كەڭ كادىرلار، ئامما قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يەڭدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ھازىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كەلدى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر جەزمەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھالىتىنى ساقلاپ، ئىشنى ياخشى باشلاپ، ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىشتا نەتىجە قازىنىشقا ماھىر بولۇپ، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە قوشۇننى قەتئىي قايتۇرماسلىقى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. نامرات رايونلاردىكى نامرات نوپۇسنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىپ، ئەمگەك ئىقتىدارى بار تۆۋەن كىرىملىك نوپۇسنىڭ تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىشىغا ئىلھام بېرىپ، ئومۇمىي خەلق ئورتاق بېيىش نىشانىنى قەدەممۇقەدەم ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھازىر بار بولغان ياردەم بېرىش - يۆلەش سىياسىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئېغىر نامراتلىق قورغىنىنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىپ، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتىكى داۋاملاشما يۆلەشنى كۈچەيتىپ، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى مۇقىم ئىش ئورنىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپى بار نوپۇسقا قارىتا قاراتمىلىق ياردەم بېرىش - يۆلەشنى مۇددەتتىن بۇرۇن كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىق قالپىقى ئېلىۋېتىلگەن رايونلاردىكى يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى سىجىل تىرىشىپ ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق، خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك!

مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتى تەقدىرلەش يىغىنى ھەم ئىلغارلارنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى خۇ چۇنخۇا يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتىكى كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھنى ساقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئومۇميۈزلۈك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى مۇقىم ئىش ئورنىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش مەسىلىسىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتىكى داۋاملاشما يۆلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەكشۈرۈش - ئۆلچەش، ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۆتكۈنچى مەزگىلدە تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ سىلىق، مۇقىم ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىق قالپىقى ئېلىۋېتىلگەن رايونلاردىكى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ شەرەپنى قەدىرلىشىنى، بۇرچنى دادىل زىممىگە ئېلىشىنى، ياخشى ئۈلگە بولۇشىنى، يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

يىغىندا مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر تەقدىرلەندى. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ شىڭئەن ئايمىقى تۇچۈەن ناھىيەسى، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شيۇجوۋ شەھىرى سىشيەن ناھىيەسى ۋە گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ ليۇجوۋ شەھىرى رۇڭشۇي مياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئەنچۇي يېزىسى جياڭمېن كەنتى كەنت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ نىڭ، خېنەن ئۆلكىسى جوۋكوۋ شەھىرى تەيكاڭ ناھىيەسىنىڭ ماچاڭ بازىرى چيەنخې كەنتىنىڭ 1 - شۇجىسى خەن يۈنەن، جياڭشى ئۆلكىسى يىچۇن شەھىرى فېڭشىن ناھىيەسىنىڭ زاۋشيا بازىرى بەيياڭ ئوقۇتۇش نۇقتىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جى يۆيىڭ، ئازادلىق ئارمىيە باش دوختۇرخانىسى 5 - تېببىي مەركىزى جىگەر - ئۆت تاشقى كېسەللەر 2 - مەركىزى ئەزا كۆچۈرۈش تاشقى كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ جېنيۈ قاتارلىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىلغار ئورۇن ۋە ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرى ئىش ئىزلىرىدىن دوكلات بەردى.

يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. 2020 - يىللىق مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرى، شەرقىي قىسىملار بىلەن غەربىي قىسىملارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ھەرقايسى جايلاردىكى شۆبە يىغىن مەيدانلىرىدا يىغىنغا قاتناشتى.