مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

日期:2020年10月17日
来源:天山网
【字体:

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نەشر قىلىنىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 20 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى تولۇق نامايان قىلىندى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ كۈچى تولۇق نامايان قىلىندى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ چوڭقۇر ئاساسى تولۇق نامايان قىلىندى، جۇڭگودىن ئىبارەت مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتنىڭ ئاڭلىق مەسئۇلىيەتچانلىقى تولۇق نامايان قىلىندى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلدى، بۇ، مۇقەررەر ھالدا بىزنى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۇرىدۇ.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ مەيدان ئېغىر يۇقۇم بىلەن بولغان ھايات - ماماتلىق ئېلىشىشتا، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان قورقماس جاسارىتى ئارقىلىق، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، پۈتۈن مەملىكەت بىر نىيەتتە بولۇش، پىداكارلىق كۆرسىتىش، ئىلىم - پەنگە ھۆرمەت قىلىش، تەقدىرداش بولۇشتەك يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى تاۋلىدى. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھى جۇڭخۇا مىللىتى ئۇزاقتىن بۇيان شەكىللەندۈرگەن ئالاھىدە تەبىئىي تالانت ۋە مەدەنىيەت گېنى بىلەن تومۇرداش، ئۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزملىق، سوتسىيالىزملىق روھنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى، ئۇ جۇڭگو روھىنىڭ جانلىق شەرھلىنىشى بولۇپ، مىللەت روھى ۋە دەۋر روھىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتتى.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى يەنە بىر قېتىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىدە بار بولغان تەڭداشسىز قۇدرەتلىك رەھبەرلىك كۈچى بوران - چاپقۇن ھۇجۇم قىلغاندا جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك يۆلەنچۈكى؛ جۇڭگو خەلقىدە بار بولغان تىز پۈكمەس ئىرادە كۈچى ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىكى كۈچ مەنبەسى؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە بار بولغان روشەن ئەۋزەللىك خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى؛ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان جۇغلانغان مۇستەھكەم دۆلەت كۈچى دەھشەتلىك دولقۇنلارغا بىمالال تاقابىل تۇرۇشتىكى چوڭقۇر ئاساس؛ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدە بار بولغان قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، خەلق كۈچىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچ؛ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشتا بار بولغان كەڭ چاقىرىق كۈچى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشى، تېخىمۇ گۈللەنگەن، گۈزەل دۇنيا قۇرۇشىدىكى توغرا يول.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: «ئىرادىلىك، ئالىيجاناب كىشىلەر ئىلگىرىلەشكە ئىنتىلىپ، توختىماي ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ.» 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تەرەققىياتىنىڭ جاپالىق، شانلىق مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتكەن جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى جەزمەن يېڭى دەۋرنىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسىدە يول بويى ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، ھەرقانداق كىشى، ھەرقانداق كۈچ جۇڭگو خەلقىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ!