شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

日期:2020年10月16日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى

خەن جېڭ قاتناشتى

10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنجېن شەھىرىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنجېن شەھىرىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى. سۈرەتتە: شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ليەنخۇاشەن باغچىسىغا كېلىپ، يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ مىس ھەيكىلىگە گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شېنجېن، 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنجېن شەھىرىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەن ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى چىڭ كۆزلەپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى، بوران - چاپقۇنمۇ توسۇيالمايدىغان روھىي ھالەت بىلەن، ئىسلاھاتنى توختىتىپ قويماي، ئېچىۋېتىش قەدىمىنى توختىتىپ قويماي، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدىن ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

شېنجېن چيەنخەي خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، كەيپىيات قىزغىن ئىدى. يىغىن مەيدانىغا: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا ئالدىن يۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇش يۆنىلىشىگە قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش داۋامىدا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى! دېگەن پىلاكات ئېگىز ئېسىلغانىدى.

يىغىن سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە باشلاندى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋازدا دۆلەت شېئىرىنى ئېيتتى.

قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇش پارتىيە ۋە دۆلەت ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ ئىجادىي ھەرىكەت. ئۇزاقتىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، ھەرقايسى ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلار ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، بۇرچنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە دولقۇننىڭ بېشىدا مەزمۇت تۇرۇش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشنىڭ سەلتەنەتلىك سەھىپىسىنى پۈتۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇھىم، زور تۆھپە قوشتى.

شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايوننىڭ كەڭ قۇرغۇچىلىرى، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشقان بارلىق يولداشلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى! ھەرقايسى مېھمانلارغا، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە مەدەت بەرگەن دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ھەرساھە زاتلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى!

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شېنجېن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن پارتىيە ۋە خەلق بىر قوللۇق بەرپا قىلغان يېپيېڭى شەھەر، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ بىر پارچە ئاق قەغەزدىكى ئېسىل نامايەندىسى. 40 يىلدىن بۇيان، شېنجېن ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى جاسارەت بىلەن ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، چېگرا رايوندىكى قالاق بىر كىچىك بازاردىن يەر شارىۋى تەسىر كۈچكە ئىگە خەلقئارالاشقان چوڭ شەھەرگە ئايلىنىشتەك تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن بازارنى يۈزلىنىش قىلغان ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقىچە بولغان تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ «كىرگۈزۈش» بىلەن «چىقىرىش»نى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن پائال پايدىلىنىپ، يەر شارىۋى مەبلەغنى پائال جەلپ قىلىپ، ئىمپورت - ئېكسپورت سودىسىنى ئاساس قىلىشتىن ھەر تەرەپلىمە يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكىچە بولغان تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيلىك، سىياسىي مەدەنىيلىك، مەنىۋى مەدەنىيلىك، جەمئىيەت مەدەنىيلىكى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشقىچە بولغان تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، مائارىپ، داۋالاش، تۇرالغۇ قاتارلىقلاردا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى باشلامچىلىق بىلەن تاماملاپ، كىيىنىش - تويۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن يۇقىرى سۈپەتلىك ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگىچە بولغان تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. شېنجېن قاتارلىق ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى تامامەن توغرا. ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنى داۋاملىق قۇرۇپلا قالماي، بەلكى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇش، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك قۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شېنجېن قاتارلىق ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنىڭ 40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئەمەلىيىتىدە قىممەتلىك تەجرىبىلەر توپلىنىپ، بىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇلۇشى قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇردى. بىرىنچى، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇلۇشىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى ساقلاش كېرەك. ئىككىنچى، جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىسلاھات ئەمەلىيىتى ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى، تېخىمۇ تۇراقلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۈچىنچى، جەزمەن تەرەققىياتنىڭ قاتتىق داۋلى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، بۆسۈشكە، سىناشقا جۈرئەت قىلىش، باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئىسلاھاتتا مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىشقا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. تۆتىنچى، جەزمەن ھەر تەرەپلىمە سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، «كىرگۈزۈش»نىڭ جەلپ قىلىش كۈچى بىلەن «چىقىرىش»نىڭ رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. بەشىنچى، جەزمەن يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يەر شارىۋى پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپلەر ئۆزگىرىشى داۋامىدا تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئالتىنچى، جەزمەن خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك. يەتتىنچى، جەزمەن قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىقنى ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم كاپالىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. سەككىزىنچى، جەزمەن سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. توققۇزىنچى، جەزمەن «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىچكىرى رايونلار بىلەن شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئونىنچى، جەزمەن پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات ئىچىدە ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنىڭ تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا، ئىقتىساد يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا يۈزلەندى. شېنجېن جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا ئالدىن يۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى ياخشى قۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ شەھەر ئۈلگىسىنى بەرپا قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات يېڭى ئەمەلىيىتىنى بېيىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. بىرىنچى، قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەدە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئۇل تەتقىقات ۋە قوللىنىشچان ئۇل تەتقىقات سېلىنمىسى سالمىقىنى زورايتىپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، يېڭى پوتېنسىئال ئېنېرگىيەنى ئاشۇرۇشى كېرەك. زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئېنېرگىيە دەرىجىسى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، جاھاندىكى تالانت ئىگىلىرىنى توپلاپ ئىشقا قويۇشى كېرەك. ئىككىنچى، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، شېنجېننىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇشىنى قوللاپ، تىزىملىك بويىچە تۈركۈملەپ ھوقۇق بېرىش شەكلى ئارقىلىق شېنجېنغا مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا تېخىمۇ كۆپ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقى بەردى. شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، توغرا يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، تىرىشىپ مۇھىم ساھەلەردە بىر تۈركۈم مۇھىم، زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشى كېرەك. ئۈچىنچى، جاسارەت بىلەن يول ئېچىپ، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىشى كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش، تەقسىمات، ئوبوروت، ئىستېمال سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش بىلەن دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشنى تۇتاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، قائىدە، ئۆلچەم قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى باشلامچىلىق بىلەن بەرپا قىلىش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلار بىلەن بولغان كۆپ قاتلاملىق، كۆپ ساھەلىك ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. تۆتىنچى، پىكىر يولىدا يېڭىلىق يارىتىپ، شەھەر ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پۈتۈن دەۋرىيلىك باشقۇرۇش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، شەھەر ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ شەھەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىدارە قىلىش يېڭى يولىدا تىرىشىپ مېڭىشى كېرەك. بەشىنچى، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشى كېرەك. تېخىمۇ كۆپ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت، تۇرالغۇ، كۈتۈنۈش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، جەمئىيەت ئامانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىر - بىرلەپ ياخشى ھەل قىلىپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى سۈپىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشى، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىشى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك. خەلق ئاممىسىنىڭ باش ئىجادىيەتچىلىك روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا خەلق ئاممىسى ئارىسىدىن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلار تەرەققىياتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئېلىشى كېرەك. ئالتىنچى، پائال نەتىجە يارىتىپ، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم، زور تارىخىي پۇرسەتنى تۇتۇپ، ئۈچ جاي ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش قائىدىسىنى جىپسىلاشتۇرۇش، مېخانىزمىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، بازارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنى مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈش، قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا داۋاملىق يېتەكلەپ، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايوننىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېگانە گۈل ئاچسا پورەك، بەرمەس باھاردىن دېرەك؛ تولار زېمىن باھار پەيزىگە، بارچە گۈللەر ئاچقاندا پورەك. بىز ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتەك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇپ، ھەم دۇنيادىن تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئالدۇق، ھەم جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزدۇق. ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇلغان 40 يىللىق ئەمەلىيەت دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق قاتنىشىشىدىن ئايرىلالمىدى، شۇنداقلا ھەرقايسى دۆلەتلەرگە كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقى يارىتىپ بەردى، ئۇلارنى تەرەققىيات مەنپەئىتىدىن تەڭ بەھرىمەن قىلدى. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلىرىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ قاتنىشىپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش، ئورتاق پايدا ئېلىش يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلار ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرىدىغان بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويماقتا. يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش جەھەتتە باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىشى كېرەك. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، بىلىم - قارىشىنى يېڭىلاپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەت ئىگىلەپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە ۋە دۆلەت چوڭ ۋەزىيىتىدە تۇرۇپ مەسىلىلەرنى ئويلىشى، ئىش بېجىرىشى كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش قىزغىنلىقى ۋە غەيرىتىنى قوزغاش كېرەك. ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ماددىي مەدەنىيلىك ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان سوتسىيالىزم. ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلار «ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ماددىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى جەھەتتە ئوخشاشلا ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشى كېرەك. غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان مىللەت روھى ۋە ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلغان دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بۆسۈشكە، سىناشقا جۈرئەت قىلىش، باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىش، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەشتەك ئالاھىدە رايون روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ كادىرلار، ئامما، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، خەلقنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسى ۋە جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا، شېنجېن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ ۋېيجۇڭ، يەنشياڭ يۇقىرى پەن - تېخنىكا پاي كونترول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى چېن جىليې، جۇڭگو قۇرۇلۇش پەن - تېخنىكا سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى خۇانەن چوڭ رايونىنىڭ باش ئىنژېنېرى لۇ جيەنشىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى.

لى شى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، چېن شى، خۇاڭ كۇنمىڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، دۇڭ جيەنخۇا، خې خوۋخۇا، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، خې لىفېڭ ۋە مياۋ خۇا يىغىنغا قاتناشتى.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئې، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى خې يىچېڭ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، شېنجېن، جۇخەي، شەنتۇ، شيامېن، خەينەن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلىرى ۋە پۇدۇڭ، بىنخەي، شيۇڭئەن يېڭى رايونىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، شېنجېن نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان، ھەمكارلىشىپ ياردەم بېرىدىغان - يۆلەيدىغان رايونلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك زاتلار ۋەكىللىرى، چەت ئەللىك مېھمانلار ۋەكىللىرى، شېنجېندىكى ھەرساھە ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ليەنخۇاشەن باغچىسىغا كېلىپ، يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ مىس ھەيكىلىگە گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى. شى جىنپىڭ ئاستا قەدەم بىلەن مىس ھەيكەلنىڭ ئۇل تەكچىسىگە چىقىپ، گۈل سېۋىتىدىكى قىزىل لېنتىلارنى كۆڭۈل قويۇپ رەتلەپ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە مىس ھەيكەلگە ئۈچ قېتىم تەزىم قىلىپ، يولداش دېڭ شياۋپىڭغا بولغان ئالىي ئېھتىرامى ۋە چوڭقۇر سېغىنىشىنى بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ قاتارلىقلار يەنە «ئالدىن يۈرۈش، ئالدىن سىناشتىن ئالدىن يۈرۈپ ئۈلگە كۆرسىتىشكىچە − شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشقان قىسمەن ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.