يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىش بىلەن خەلقتىن ئەقىل سوراشتا چىڭ تۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشنىڭ خەلقنىڭ ئويلىغانلىرىغا، ئۈمىدىگە ماس كېلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

日期:2020年09月21日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىش بىلەن خەلقتىن ئەقىل سوراشتا چىڭ تۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشنىڭ خەلقنىڭ ئويلىغانلىرىغا، ئۈمىدىگە ماس كېلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ چاڭشادا ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما ۋەكىللىرىنىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشكە بولغان پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چاڭشا، 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرىدە ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما ۋەكىللىرىنىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشكە بولغان پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز. بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىش بىلەن خەلقتىن ئەقىل سوراشتا چىڭ تۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، كەڭ خەلق ئاممىسى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنى تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن ئەقىل - چارە كۆرسىتىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تۈزۈشنىڭ خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىشىگە، خەلقنىڭ ئويلىغانلىرىغا، ئۈمىدىگە ماس كېلىشىگە تۈرتكە بولۇشقا توغرا كېلىدۇ.

شى جىنپىڭ خۇنەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەزگىلدە مەخسۇس بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىنى ئاچتى. سۆھبەت يىغىنىدا، خېڭياڭ شەھىرى چاڭنىڭ شەھىرى تاشەن ياۋزۇ يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پەن جيۇرېن، شاۋياڭ شەھىرى لۇڭخۇي ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يۇڭخۇڭ، چاڭشا شەھىرى ۋاڭچېڭ رايونى گۇاڭيۈەن تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ باش مۇدىرى شياۋ دىڭ، جۇڭگو بىناكارلىق 5 - ئىدارىسى باش ھۆددىگە ئېلىش شىركىتىنىڭ سۈپەت باشقۇرغۇچىسى زوۋ بىن، چاڭدې شەھىرى تاۋيۈەن ناھىيەسىدىكى يەككە يۈك تىرانسپورت شوپۇرى لۇڭ بىڭ، خۇنەن رۇيتۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جوۋ بوۋېن، شياڭشى ئوبلاستىنىڭ فېڭخۇاڭ ناھىيەسى لياۋجياچياۋ بازىرى چياۋپۇتاڭ كەنتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جوۋ زۇخۇي، خۇنەن چىچى پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ياڭ شۇتىڭ، چاڭشا شەھىرىنىڭ يۆلۇ رايونى شيەنجياخۇ كوچىسى رۈنزېيۈەن مەھەللىسىدىكى جياڭخەن يۈنيۈن ئاشخانىسىنىڭ ئىگىسى ليۇ چۈەن، خۇنەن جۇڭچۇ ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ كەسىپكار ئادۋوكاتى يىن خاۋمىڭ قاتارلىق ئون ئاساسىي قاتلام ۋەكىلى ئىلگىرى - كېيىن سۆز قىلىپ، يېزا - كەنت مائارىپ ئىشلىرىنى ياخشى باشقۇرۇش، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى زورايتىش، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. شى جىنپىڭ بىر - بىرلەپ باھا بېرىپ ۋە ئىنكاس قايتۇرۇپ، كۆپچىلىك بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، نەق مەيدان كەيپىياتى قىزغىن، جانلىق بولدى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۈگۈن يىغىنغا قاتناشقان ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما ۋەكىللىرى ئىچىدە ھەم يېزا، مەھەللە، كارخانا قاتارلىق تەرەپلەردىن كەلگەنلەر بار، ھەم مائارىپ، پەن - تېخنىكا، سەھىيە، سىياسىي - قانۇن قاتارلىق سەپلەردىن كەلگەنلەر بار؛ ھەم ھەر دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرى بار، ھەم يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر، تېز يەتكۈزۈش خادىملىرى، تور دۇكىنىنىڭ ئىگىلىرى قاتارلىقلار بار. كۆپچىلىك ھەممىڭلار ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرىسىلەر، ئىقتىساد، جەمئىيەت تۇرمۇشىغا ئەڭ بىۋاسىتە قاتنىشىسىلەر، ئامما بىلەن ئەڭ كۆپ ئالاقىلىشىسىلەر، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بەرگەنلىكىنى ئەڭ ھەقىقىي ھېس قىلالايسىلەر، ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر ۋە تەكلىپلىرىڭلار ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ يېقىنلىشالايدۇ، ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسىنى تېخىمۇ ئەكس ئەتتۈرەلەيدۇ. كۆپچىلىك ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئالاقىدار تەرەپلەر ئەستايىدىل تەتقىق قىلىدۇ، تولۇق قوبۇل قىلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، بىز «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش توغرىسىدا توردا پىكىر ئېلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردۇق، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى، قاتنىشىش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى بولدى، نۇرغۇن پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىدە بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرىدۇ، لېكىن پۇرسەت ۋە خىرىسنىڭ ھەممىسىدە يېڭى تەرەققىيات ئۆزگىرىشى بولىدۇ. بىز ۋەزىيەتنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات ياخشى ۋەزىيىتىنى قەدىرلەپ، تەرەققىيات ياخشى ھالىتىنى مۇستەھكەملەپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك. ئۇزاقتىن بۇيان، تۈرلۈك جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەر ۋە خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئالدىدا، كەڭ خەلق ئاممىسى دائىم بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، مۇھىم، زور تۆھپە قوشتى. پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن غەلىبىلەرنىڭ ھەممىسى خەلقنىڭ غەلىبىسى! خەلق ھەقىقىي قەھرىمان!

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەمىز جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان پارتىيە، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى باشتىن - ئاخىر ئۆزگەرمەيدىغان كۈرەش نىشانى قىلغان. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەرەققىياتنى پىلانلاشتا، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات خەلق ئۈچۈن بولۇش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلق ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش جەريانىدا تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىنى ياخشى ئىشلەش، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش كېرەك. دىققەتنى خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان، دىققەت قىلىدىغان خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىگە تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ قاراتمىلىقى بولغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بىر - بىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ كاپالەتلىك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاساس پۇختا بولمىسا، يەر - جاھان تەۋرەپ قالىدۇ. پەقەت ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتىنى ياخشى مۇستەھكەملىگەندىلا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلى ئاندىن پۇختا، مۇستەھكەم بولىدۇ. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇل خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ يېزا ئاساسىي قاتلام خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى كۈچلۈك سىياسىي ۋە تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى دەۋر «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ مەھەللە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دائىرىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جەمئىيەتتىكى زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ مەنبەلىك ئالدىنى ئېلىش، مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش، پەسەيتىش - تۈگىتىش ئۇنىۋېرسال مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە زىددىيەتنى ئاساسىي قاتلامدا پەسەيتىپ - تۈگىتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ياخشى قوغداش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. خەلق ئاممىسى ئارىسىدا مول ئەقىل - پاراسەت ۋە چەكسىز ئىجادىي كۈچ بار. كەڭ ئاساسىي قاتلام ئاممىسىنى تەشكىللەپ، سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاۋانگارت، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئامما بىلەن تېخىمۇ زىچ ئالاقە باغلاپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئۆزى تۇرۇشلۇق ساھەدىكى ئامما بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئالاقە باغلاپ ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، يېزىلاردىكى بېيىش باشلامچىلىرى ئالدىن بېيىغانلار كېيىن بېيىيدىغانلارغا ياردەم بېرىش رولىنى تېخىمۇ پائال جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ ئاساسىي قاتلام ئاممىسىنى تېخىمۇ گۈزەل يېڭى تۇرمۇش يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى، ئۇيۇشتۇرۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سوتسىيالىستىك جۇڭگو تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگىچە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر ئاسماندىن چۈشكەن ئەمەس، باشقىلار ئىلتىپات، سەدىقە قىلىپ بەرگەنمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇنى كەڭ خەلق ئاممىسى پارتىيە رەھبەرلىكىدە جاپالىق ئەمگىكى، ئەقىل - پاراسىتى، جاسارىتىگە تايىنىپ ئىشلەش ئارقىلىق ياراتقان! بىزدەك 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسى بار دۆلەتتە، ھەربىر ئادەم بىرئۈلۈش كۈچ چىقارسىلا تاغنى تالقان قىلغۇدەك قۇدرەتلىك كۈچنى توپلىيالايدۇ، ھەربىر ئادەم بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارسىلا، بىر خىزمەتنى ياخشى ئىشلىسىلا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى بىر قەدەم ئالغا سىلجىيدۇ. كۆپچىلىك ئاساسىي قاتلام ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدىن كەلگەن، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئۆگىنىشنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، كىچىك ئىشنى چوڭ ئىش دەپ قىلىپ، ھازىر قىلىۋاتقان ئىشلارنى پۇختا، ياخشى قىلىپ، بىر جۈپ ئىشچان قولىغا تايىنىپ ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھايات رەڭدارلىقىنى يارىتىپ، بەختلىك تۇرمۇشىمىز ۋە گۈزەل كەلگۈسىمىزنى ئورتاق يارىتىشىمىز كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، چېن شى، خې لىفېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، خۇنەن ئۆلكىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.