توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت چوڭ ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىپ، يەنئەن روھىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش، زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش، ئەستايىدىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش كېرەك

日期:2020年09月21日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ جۇڭگو يەنئەن روھى تەتقىقات جەمئىيىتى 6- قېتىملىق ئەزالار يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەپ مۇنداق تەكىتلىدى

توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت چوڭ ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىپ، يەنئەن روھىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش، زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش، ئەستايىدىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش كېرەك

تەبرىك خېتى

جۇڭگو يەنئەن روھى تەتقىقات جەمئىيىتى 6 - قېتىملىق ئەزالار يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقى ۋە تەتقىقات جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! يەنئەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا كۈچ چىقارغان بارلىق يولداشلارغا سەمىمىي سالام يوللايمەن!

يەنئەن جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ مۇقەددەس جايى، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلار ۋە پېشقەدەم بىر ئەۋلاد كوممۇنىستلار يەنئەن مەزگىلىدە يېتىلدۈرۈپ شەكىللەندۈرگەن يەنئەن روھى پارتىيەمىزنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى. يولداشلارنىڭ يېڭى تارىخىي شارائىتتا توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت چوڭ ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىپ، يەنئەن روھىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئەستايىدىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، تىرىشىپ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشنى كۈچلۈك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن!

شى جىنپىڭ

2020 - يىلى 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو يەنئەن روھى تەتقىقات جەمئىيىتى 6 - قېتىملىق ئەزالار يىغىنى 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقى ۋە تەتقىقات جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، يەنئەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا كۈچ چىقارغان بارلىق يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يەنئەن جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ مۇقەددەس جايى، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلار ۋە پېشقەدەم بىر ئەۋلاد كوممۇنىستلار يەنئەن مەزگىلىدە يېتىلدۈرۈپ شەكىللەندۈرگەن يەنئەن روھى پارتىيەمىزنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى. يولداشلارنىڭ يېڭى تارىخىي شارائىتتا توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت چوڭ ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىپ، يەنئەن روھىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئەستايىدىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، تىرىشىپ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشنى كۈچلۈك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جۇڭگو يەنئەن روھى تەتقىقات جەمئىيىتى 1990 - يىلى 5 - ئايدا قۇرۇلغان، يەنئەن روھىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، تەشۋىق قىلىشنى مەركىزى ۋەزىپە قىلغان بولۇپ، 30 يىلدىن بۇيان يەنئەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.