«ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇش كېرەك

日期:2020年09月18日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى پۇقراۋى ئىگىلىك بىرلىك سەپ خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

«ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇش كېرەك

ۋاڭ ياڭ مەملىكەتلىك پۇقراۋى ئىگىلىك بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا يېڭى دەۋردىكى پۇقراۋى ئىگىلىك بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۇقراۋى ئىگىلىك بىرلىك سەپ خىزمىتى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ ۋە مۇكەممەللىشىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمەتلىرىگە مۇلازىمەت قىلىشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنى ياخشى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، ياخشى يېتەكلەشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى پۇقراۋى ئىگىلىك بىرلىك سەپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك بىرلىك سەپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرى ۋە پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈملىرى باشلامچىلىق، ماسلاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىلىرى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا چىڭ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشى كېرەك.

مەملىكەتلىك پۇقراۋى ئىگىلىك بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنى 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز بىرلىك سەپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكتىن يېڭى دەۋردىكى پۇقراۋى ئىگىلىك بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىشىنىش، ئىتتىپاقلىشىش، مۇلازىمەت قىلىش، يېتەكلەش، تەربىيەلەش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنى «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»نى مۇكەممەل، توغرا چۈشىنىشكە يېتەكلەپ، تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئۇلارنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ ياخشى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پۇقراۋى ئىگىلىك بىرلىك سەپ خىزمىتىدە نۇقتا كۆپ، دائىرە كەڭ، لىنىيە ئۇزۇن، ھەر دەرىجىلىك بىرلىك سەپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلار پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ھەركىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئىشقا سېلىشى كېرەك. پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلار ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، ئۆزىنى تەربىيەلەش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشنى كۈچەيتىپ، شەخسنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقىدىن كېلىدىغانلىقى، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلۇغ دەۋر، ئۇلۇغ ئىشلار، ئۇلۇغ پارتىيەدىن كېلىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى سىياسىي جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنى ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتى تۇرغۇزۇپ، كەسىپ ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش، ئوقەتچىلىك ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلىپ، كارخانىچىلار روھى ۋە ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شەرەپلىك ئىشلار ۋە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشكە پائال قاتنىشىپ، ۋەتەننى سۆيۈپ كەسىپنى قەدىرلەش، قانۇنغا رىئايە قىلىپ تىجارەت قىلىش، ئىگىلىك تىكلەپ يېڭىلىق يارىتىش، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك. پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى ۋەكىللىك زاتلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، ساپانى ئۆستۈرۈش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى نىشان قىلىپ، ئۇنىۋېرسال باھالاش خىزمىتىنى ياخشىلاپ، ياش بىر ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە ئارزۇ - تەلىپىنى دەل ۋاقتىدا ئىگىلەپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش سىياسەت تەدبىرلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ كۆز ئالدىدىكى قىيىنچىلىقلارنى توغرا تونۇپ ۋە يېڭىپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك. يېقىن، پاك ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىش تەلىپى بويىچە، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنىڭ ئالاقىلىشىش، كېڭىشىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كادىرلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىشقا، ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، «يېقىن»لىقنىڭ چېكى بولۇش، «پاك»لىقنىڭ نەتىجىسى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرىنى پائال يېتىلدۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى يوۋ چۈەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ھەر دەرىجىلىك بىرلىك سەپ تارماقلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پۇقراۋى ئىگىلىك بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىشى كېرەك.

مەركەز تور ئۇچۇر ئىشخانىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار پۇقراۋى كارخانىچىلار ۋەكىللىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار شۆبە يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.