شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ جيەن يىۋېينىڭ ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرىلىكىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

日期:2020年09月18日
来源:天山网
【字体:

لى كېچياڭ جيەن يىۋېيغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسىدۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۈگۈن جيەن يىۋېيغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرىلىكىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئۆزئارا دوستانە يېقىن قوشنىلار، ئوخشاشلا ئاسىيا ۋە دۇنيادىكى مۇھىم دۆلەتلەر، ئۇزاق مۇددەت مۇقىم بولغان، دوستانە ھەمكارلاشقان جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىگە پايدىلىق. ئىككى تەرەپ جۇڭگو - ياپونىيە تۆت سىياسىي ھۆججەتتە بېكىتىلگەن تۈرلۈك پىرىنسىپ ۋە تۆت نۇقتىلىق پىرىنسىپ ئورتاق تونۇشىنىڭ روھىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدىغان جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ، جيەن يىۋېينىڭ ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرىلىكىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەپ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ياپونىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستانە ئالماشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېڭى، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.