شى جىنپىڭ گېرمانىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى

日期:2020年09月16日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسىدۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى كەچتە بېيجىڭدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى گېرمانىيەنىڭ زۇڭلىسى مېركېل، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىچېل، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېيىن بىلەن بىرلىكتە ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى، ئۇچرىشىش سىن شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو - گېرمانىيە - ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى ئۈچۈن يۆنىلىش پىلانلاپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنى بېكىتىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم، زور سىياسىي قارالمىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، يەر شارىۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشقا بىردەك قوشۇلدى. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىككى تەرەپ «جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى جۇغراپىيەلىك بەلگە كېلىشىمى»نى ئىمزالىغانلىقىنى جاكارلىدى، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنى تېزلىتىپ، بۇ يىل ئىچىدە سۆھبەتنى تاماملاش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى بېكىتتى. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇھىت ۋە كىلىمات يۇقىرى قاتلام سۆھبىتى ۋە رەقەملىك ساھە يۇقىرى قاتلام سۆھبىتى تەسىس قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى يېشىل ھەمكارلىق ھەمراھىلىق، رەقەملىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشنى قارار قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ پۈتۈن يەر شارىدا كەڭ تارقىلىشى 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تېزلىتىۋەتتى. ئىنسانلار نۇرغۇن ئورتاق خىرىسقا دۇچ كەلدى، دەل يېڭى تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دۇنيادىكى ئىككى چوڭ كۈچ، ئىككى چوڭ بازار، ئىككى چوڭ مەدەنىيلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن، قانچىكى مۇشۇنداق ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەنسېرى ئۆزئارا قوللاش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش چوڭ يۆنىلىشىنى شۇنچە پۇختا ئىگىلەپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، ھەققانىيەتنى قوغدىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى «تۆتتە چىڭ تۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

بىرىنچى، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش. دۇنيادا پۈتۈنلەي ئوخشاش بولغان سىياسىي تۈزۈم ئەندىزىسى يوق، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ مەنبە بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى نورمال ھالەت ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش كۈچى بىر ئۈلۈش مۇستەھكەم بولسا، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىش كاپالىتى بىر ئۈلۈش كۆپ بولىدۇ.

ئىككىنچى، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرۇش. جۇڭگو دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قېزىش ئارقىلىق، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ بازار، ئىككى تەرەپ بايلىقىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تۇتىشىشى، تېخىمۇ زور ئۈنۈم يارىتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

ئۈچىنچى، كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇش. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ بىلەن ئىككى تەرەپ، رايون، پۈتۈن يەر شارى قاتلىمىدىن سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتەك يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا تەرتىپ ۋە خەلقئارا سىستېمىنى قوغداپ، خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

تۆتىنچى، سۆزلىشىش، كېڭىشىشتە چىڭ تۇرۇش. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىيات ئاساسىي ئېقىمىنى ياخشى ئىگىلەپ، سۆزلىشىش ئارقىلىق خاتا چۈشەنچىنى تۈگىتىشى، تەرەققىيات ئارقىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى تۈگىتىشى، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇشى، تىزگىنلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزئارا مۇھىم سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمراھى. ئىككى تەرەپ ماكرولۇق سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ تەدبىر قوللىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق پۇرسىتىنى قويۇپ بېرىشى كېرەك. بۈگۈن ئىككى تەرەپ «جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى جۇغراپىيەلىك بەلگە كېلىشىمى»نى رەسمىي ئىمزالىدى. ئىككى تەرەپ ئاكتىپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنى تېزلىتىپ، بۇ يىل ئىچىدە سۆھبەتنى تاماملاش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەمكارلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يۇقۇمدىن كېيىنكى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە كۈچ قوشۇپ، ئېچىۋېتىلگەن سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو بازىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارىتىلغان ئېچىۋېتىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك، بىخەتەر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگوغا كىرىشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى يېشىل ھەمكارلىق ھەمراھى بەرپا قىلىپ، يەر شارىۋى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە يەر شارىۋى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىق، كۆپ تەرەپلىك جەريانىنى قوغداشقا ئىجابىي قاتنىشىپ، تەرەپلەرنىڭ كېلەر يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى گلاسگوۋ يىغىنى ۋە «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» 15 - قېتىملىق پۈتۈشكۈچى تەرەپ كۇنمىڭ يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى ئۆزئارا قوللاپ، پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يەر شارىۋى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى رەقەملىك ھەمكارلىق ھەمراھى بەرپا قىلىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ «يەر شارىۋى سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى تەشەببۇسى»نى ئوتتۇرىغا قويدى، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، يەر شارىۋى رەقەملىك ساھە ئۆلچىمى ۋە قائىدىسىنى تۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يەر شارىۋى رەقەملىك ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىشنىڭ ياخشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىر - بىرىنىڭ مۇۋاپىق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىنى جايىدا ھەل قىلىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ يېقىندىن بۇيان ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ 5G، چەت ئەل مەبلىغىنى تەكشۈرۈش، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش، رىقابەت سىياسىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىر قىسىم يۈزلىنىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلدى، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ سودا ۋە سېلىنما بازىرىنى ئېچىۋېتىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىلگەن، ئادىل، ھەققانىي، كەمسىتىش بولمىغان تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە يەر شارىۋى سەھىيە ھەمكارلىقىدا زىچ ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ دەۋر ئەھمىيىتى ۋە يەر شارىۋى تەسىرىنى نامايان قىلدى. كېيىنكى قەدەمدە، ئىككى تەرەپ ماكرولۇق ئىقتىسادىي سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، يەر شارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ۋاكسىنىنى تىرىشىپ ئومۇم مەنپەئەتلىنىدىغان يەر شارىۋى ئاممىۋى مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇپ، ۋاكسىنىنىڭ كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ئومۇملىشىشى ۋە سېتىۋالالايدىغان بولۇشىغا تولۇق ئېتىبار بېرىش كېرەك. خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشىنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ماللارنىڭ چېگرا ھالقىپ يۆتكىلىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش كېرەك. ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، ئافرىقىغا قارىتىلغان ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ خەلقئارا جەمئىيەت، بولۇپمۇ كۆپ تەرەپلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە سودا ھەقدارلىرىنىڭ ئافرىقىنىڭ قەرزىنى كېمەيتىش، كېچىكتۈرۈش مەسىلىسىدە تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەت قوللىنىشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ.

شى جىنپىڭ يەنە جۇڭگو تەرەپنىڭ شياڭگاڭغا ئالاقىدار، شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىكى پىرىنسىپال مەيدانىنى شەرھلەپ، شياڭگاڭغا ئالاقىدار، شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ ماھىيىتى جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە بىرلىكىنى قوغداش، ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاش ھوقۇقىنى قوغداش، دەپ كۆرسەتتى. جۇڭگو تەرەپ ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق كۈچنىڭ جۇڭگودا مۇقىمسىزلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە مالىمانچىلىق پەيدا قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، ھەرقانداق دۆلەتنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا، شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۇنيادا ھەممىلا يەرگە ماس كېلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولى يوق، كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىشتا ئەڭ ياخشىسى يوق، پەقەت تېخىمۇ ياخشىسى بار. ھەر قايسى دۆلەتلەر ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىشى كېرەك. ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ ئۆزىدە ساقلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. جۇڭگو تەرەپ كىشىلىك ھوقۇق «ئەقىلدارى»نى قوبۇل قىلمايدۇ، «قوش ئۆلچەم» قوللىنىشقا قارشى تۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش پىرىنسىپى بويىچە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق ئىلگىرىلەشنى خالايدۇ.

مېركېل، مىچېل، ۋوندېرلېيىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ ھۆرمەت قىلىدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھى. بۈگۈنكى دۇنيا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى ئورتاق قوغداپ، يەككە تەرەپچىللىك ۋە قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، تۈرلۈك يەر شارىۋى خىرىسلارغا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشىغا موھتاج، بۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو ئىككى تەرەپ ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان سۆھبەتنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئىشەنچنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد - سودا، سېلىنما، يېشىل ئىقتىساد، كىلىمات ئۆزگىرىشى، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگە كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىدىن ئىلھاملاندى، جۇڭگو تەرەپنىڭ بازار ئىجازىتىنى قويۇۋېتىپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتكەنلىكىنى قارشى ئالىدۇ، بۇ يىل ئىچىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنى تاماملاشقا كۈچ چىقىرىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە يېڭى كۈچ قوشىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەركىن سودىنى قوغداپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ ئۆزىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى سەمىمىيلىك بىلەن ئېتىراپ قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن باراۋەر ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش پىرىنسىپى بويىچە سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەرق ۋە ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

جۇڭگو، گېرمانىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى يەنە ئافغانىستان، ئىران يادرو مەسىلىسى قاتارلىق خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ۋە رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىشقا بىردەك قوشۇلدى.

ليۇ خې، ياڭ جيېچى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار ئۇچرىشىشقا قاتناشتى.