زامانىۋى ئوبوروت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك

日期:2020年09月11日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ مەركەز مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 8- قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى

زامانىۋى ئوبوروت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك

لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتناشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركەز مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 8 - قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە زامانىۋى ئوبوروت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى مەسىلىسىنى تەتقىق قىلدى، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى مەركەز مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى يىغىنىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەتقىق قىلدى. شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئوبوروت سىستېمىسى خەلق ئىگىلىكىدە ئۇللۇق رولىنى جارى قىلدۇرماقتا، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشتا، جەزمەن زامانىۋى ئوبوروت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە سۈپىتىدە تۇتۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، زامانىۋى ئوبوروت سىستېمىسىنىڭ قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئوبوروت يېڭى تېخنىكىسى، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئوبوروت ساھەسىدىكى تۈزۈمنىڭ قېلىپلىشىشى ۋە ئۆلچەملىشىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، مەركەز مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى كېچياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركەز مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، قاتناش - تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە زامانىۋى ئوبوروت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، جۇڭگو خەلق بانكىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان مەركەز مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى يىغىنىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: زامانىۋى ئوبوروت سىستېمىسى بەرپا قىلىش يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جەمئىيەتنىڭ تەكرار ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا، ئوبوروت ئۈنۈمى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى ئوخشاشلا مۇھىم بولۇپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىي ئايلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تەرەپ. يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئوبوروت سىستېمىسى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئىستېمالنى بىرلەشتۈرۈپ، سودا دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىش تەقسىماتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، بايلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ. دۆلەت ئىچىدىكى ئايلىنىش بىلەن خەلقئارادىكى ئايلىنىشنىڭ ھەممىسى يۇقىرى ئۈنۈملۈك زامانىۋى ئوبوروت سىستېمىسىدىن ئايرىلالمايدۇ.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئوبوروت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، دۆلەتنىڭ تايانچ ئوبوروت تورى تەدرىجىي تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، ئوبوروت ساھەسىنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلدى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى، تاۋار ۋە مۇھىم ئامىللار ئوبوروت تۈزۈمى مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا، ئوبوروت كەسپى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىزنىڭ ئوبوروت سىستېمىسىنىڭ زامانىۋىلىشىش دەرىجىسى يەنىلا تۆۋەن، يەنە جىددىي راۋانلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك نۇرغۇن توسۇق نۇقتىلار مەۋجۇت.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دۆلەت ئىچىدىكى بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىش بىللە ئىلگىرىلەيدىغان ياخشى ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىپ، رىقابەت سىياسىتىنىڭ رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. زامانىۋى ئۇنىۋېرسال تىرانسپورت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، بىرتۇتاش ئېچىۋېتىلگەن قاتناش - تىرانسپورت بازىرى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال تىرانسپورت يولىنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول يۈك تىرانسپورتى ۋە خەلقئارا ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورتىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىچكى - تاشقى جەھەتتە تۇتاشتۇرۇلغان، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەشيا ئوبوروت تورىنى تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك. زامانىۋى سودا ئوبوروت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەر شارىۋى رىقابەت كۈچىگە ئىگە بىر تۈركۈم زامانىۋى ئوبوروت كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش ۋە چېگرا ھالقىغان يۇغۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە يېشىل تەرەققىياتنى كۈچەيتىپ، ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك سودا ئوبوروت ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللاش كېرەك. جەمئىيەت ئىناۋەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىم مەھسۇلاتلارنى سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىناۋەت ئاساس قىلىنغان يېڭىچە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. چىقىم راسچوتى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ئوبوروت ھالقىلىرىدىكى تىجارەت سۇبيېكتلىرىغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدىغان تېخىمۇ كۆپ پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، زاپىسى يېتەرلىك، ئىنكاسى تېز، ھۇجۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئەشيا ئوبوروت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركەز مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقاردى، ھەرقايسى تارماقلار ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇرغۇن سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. ھازىر، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ دۆلەت ئىچى - سىرتى مۇھىتى مۇرەككەپ، كەسكىن، نۇرغۇن مەسىلىلەرنى جەزمەن يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن، ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن پىلانلاش ۋە ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەركەز مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى يىغىنىدا تەتقىق قىلىپ تەدبىر بەلگىلەنگەن نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ھەممىسى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇزاق مۇددەتلىك، ئىستراتېگىيەلىك زور ئىش. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتىكى تەشەببۇسكارلىق ۋە ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ھەرىكەتتە ئىپادىلىنىدۇ، ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش يۈكسەكلىكىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش كېرەك. ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا مۇھىم بولغىنى ئەمەلىي ئۈنۈم، ئاچقۇچلىقى سىياسەت تۈزگەن ۋاقىتتىكى نىشاننىڭ ئىشقا ئاشقان - ئاشمىغانلىقىغا قاراشتا. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا كونكرېت سىياسەت ۋە قانۇن - نىزامغا ئايلاندۇرۇپ، تارماقلار ئارا ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك بىردەكلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. خىزمەت تىزىملىك دەپتىرى تەسىس قىلىپ، ۋاقتىدا تىزىملىك دەپتىرىگە سېلىشتۇرۇپ، باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىم، زور تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىغا بولغان ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.

مەركەز مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.