شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۇرۇگۋاي زۇڭتۇڭى، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى بىلەن تېلېفونلاشتى

日期:2020年09月11日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسىدۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى كەچتە ئۇرۇگۋاي زۇڭتۇڭى لاكارېي بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۇرۇگۋاي جۇڭگونىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا ئەڭ بۇرۇن مەدەت بەرگەن ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلىگەن لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى. جۇڭگو تەرەپ ئۇرۇگۋاي خەلقىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىگە باشتىن - ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمىتى، ئالاقىدار ئۆلكە، شەھەرلەر، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەر ئۇرۇگۋاي تەرەپنى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى ھەم ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەجرىبىلىرىدىن ھەمبەھرىلەندۈردى. بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، بىز ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئىدىيەسى بويىچە، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق يولىدا مېڭىشىمىز كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئۇرۇگۋاي تەرەپ بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق قانات يايدۇرىدۇ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قەتئىي قوللاپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىپ، ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا بىرلىكتە تۈرتكە بولىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۇرۇگۋاي جۇڭگونىڭ لاتىن ئامېرىكىسى رايونىدىكى ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان ياخشى دوستى، ئىككى دۆلەت ئىزچىل بىر - بىرىنى چۈشىنىپ، بىر - بىرىنى قوللاپ كەلدى. 2016 - يىلى جۇڭگو - ئۇرۇگۋاي ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. جۇڭگو ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ. بۇ، ئۇرۇگۋاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كەڭ بازار ۋە تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو تەرەپ بازار ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۇرۇگۋاينىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى خالايدۇ، ئېلېكتىرونلۇق سودا، مۇلازىمەت - سودا قاتارلىق يېڭى ھەمكارلىق ئېشىش نۇقتىلىرىنى پائال بەرپا قىلىپ، ئۇرۇگۋاي تەرەپنىڭ 3 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت يەرمەنكىسىگە قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن ئۇرۇگۋاينىڭ دوستانە خەلق رايى ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى قەتئىي قوللىشى كېرەك. ئۇرۇگۋاي تەرەپنىڭ جۇڭگو بىلەن جەنۇب تەرەپ ئورتاق بازىرى ئەركىن سودا ھەمكارلىقى ھەمدە جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى ئومۇمىي ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشتا ئاكتىپ رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

لاكارېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەت توغرىسىدىكى مۇھىم بايانى ۋە ئىدىيەسىنى يۈكسەك قۇۋۋەتلەيمەن، جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قايىلمەن. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئېچىۋېتىشنى ساقلاپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەندىلا، ئورتاق مەنپەئەتنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىيالايدۇ. ئۇرۇگۋاي بىلەن جۇڭگو ياخشى ھەمراھلار، يىراق جۇغراپىيەلىك ئارىلىق ئەزەلدىن ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىپ باقمىغان. ئۇرۇگۋاي تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد جەھەتتىكى ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇرۇگۋاي - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، ئۇل ئەسلىھە، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇرۇگۋاي تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئەركىن سودىنى قوغداپ، جەنۇب تەرەپ ئورتاق بازىرىنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى كەچتە سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو - سەئۇدى ئەرەبىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى. ھازىر، جۇڭگو - سەئۇدى ئەرەبىستان مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىياتنىڭ پىشىپ يېتىلىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى ھەم يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىگە يۈزلەندى. جۇڭگو تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە داۋاملىق بىر - بىرىنى قوللاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ «2030 - يىل ئارزۇسى»نى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەدىكى ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا، پۇختىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - سەئۇدى ئەرەبىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى قوللىدى ۋە مەدەت بەردى، جۇڭگو تەرەپمۇ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، پائال تۈردە سەئۇدى ئەرەبىستاننى ماددىي ئەشيا ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ھەرقايسى دۆلەتلەر پەقەت ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلاشقاندىلا، ئاندىن جەڭدە غەلىبە قىلالايدۇ. ھازىر، يۇقۇم ئەھۋالى يەنىلا يەر شارىدا يامراۋاتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى داۋاملىق پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرىدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى ئالغا سىلجىتىشىغا كۈچ قوشىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپنىڭ رەئىس دۆلەتلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندىن بۇيان 20 دۆلەت گۇرۇھى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپ بىلەن زىچ ئالاقىلىشىپ، ماسلىشىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋاكسىنىنىڭ يەر شارىۋى ئاممىۋى مەھسۇلاتقا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بارلىق دۆلەت، بارلىق كىشىلەر توپىنىڭ ھەممىسىنىڭ ۋاكسىنا سېتىۋالالايدىغان، ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىللە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىشنى زورايتىپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىپ، يەر شارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، خادىملارنىڭ تەرتىپلىك يۆتكىلىشىگە قولايلىق يارىتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد ھەمكارلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئېچىۋېتىلگەن، ئادىل، ھەققانىي بولغان، كەمسىتىش بولمىغان رەقەملىك ئىقتىساد مۇھىتى يارىتىشنى خالايدۇ.

سالمان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سەئۇدى ئەرەبىستان - جۇڭگو ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ياخشى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى، بولۇپمۇ ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، «2030 - يىل ئارزۇسى» بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ رەئىس دۆلىتى بولۇپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى مەدەت ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى ساقلاپ، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمنى يېڭىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ۋە مۇقىملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.