شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى

日期:2020年09月11日
来源:天山网
【字体:

ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە

شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى

ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇنتۇماي، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى تەكىتلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى36 - قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە «دەرس توختىسىمۇ ئۆگىنىشنى توختاتماسلىق، ئوقۇتۇشنى توختاتماسلىق»تىن ئىبارەت ئىككى جەڭ سېپىدە قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىپ، 100مىليونلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى قوغداپ، دۇنيادىكى ئەڭ زور كۆلەملىك تور مائارىپىغا تىرەك بولۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدىغان يىل، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار مېھىر - شەپقىتى ۋە ئەقىل - پاراسىتى بىلەن نامراتلىقنىڭ ئەۋلاد ئارا داۋاملىشىشىنى توسۇپ، يېزا - كەنتلەردىكى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان بالىلارنىڭ كىشىلىك ھايات ئارزۇسىنى يورۇتۇپ، زامانىمىزدىكى خەلق ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئالىيجاناب ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى ۋە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىشىنى نامايان قىلدى. كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇنتۇماي، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى مائارىپ ئوقۇتۇشى ئۇسۇللىرى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئوقۇتقۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئوقۇتقۇچىلىقنى ھەقىقىي تۈردە جەمئىيەتنىڭ ئەڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ۋە ھەممە كىشى ھەۋەس قىلىدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىشى كېرەك. دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە مائارىپ ئوقۇتۇشى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئوقۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئوقۇشنى نورمال ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئوقۇشنى بىخەتەر ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

دۆلىتىمىزدە ھازىر ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئوقۇتقۇچىدىن 17 مىليون 320 مىڭى بار. كەڭ ئوقۇتقۇچىلار يۇقۇم مەزگىلىدە زور كۆلەملىك توردا ئوقۇتۇش ئارقىلىق، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 280 مىليون ئوقۇغۇچىنىڭ كۆپ خىللاشقان ئۆگىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، مائارىپ ئوقۇتۇشى ئۇسۇلىدىكى ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتتى. مىليونلىغان يېزا - كەنت ئوقۇتقۇچىسى، مىليونغا يېقىن ئالاھىدە ئىش ئورنىلىق ئوقۇتقۇچى، يۈزمىڭلىغان مائارىپقا ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچى ئەڭ چەت، ئەڭ نامرات، ئەڭ جاپالىق رايونلاردا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە تاماملاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشتى.