جۇڭگو-نېپال دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى توغرىسىدا

شى جىنپىڭ نېپال زۇڭتۇڭى باندارى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىشتى

لى كېچياڭ نېپال زۇڭلىسى ئوللى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىشتى

日期:2020年08月03日
来源:人民网
【字体:

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 1-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ نېپال زۇڭتۇڭى باندارى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو-نېپال دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 65 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن-ئاخىر ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ كەلدى. بۇلتۇر زۇڭتۇڭ باندارى ئىككىمىز ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشكە يۈزلەنگەن ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوستانە بولغان ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە ئۆستۈردۇق. ئىككى دۆلەت جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا بىرلىكتە زەربە بېرىپ، جۇڭگو-نېپال دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. مەن جۇڭگو- نېپال مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ باندارى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ زور بەخت ئېلىپ كېلىپ، رايون مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال كۈچ قوشۇشنى خالايمەن.

  باندارى تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نېپال-جۇڭگو دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئاساسى چوڭقۇر. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى كۆرۈنەرلىك كېڭەيدى ۋە چوڭقۇرلاشتى. نېپال جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنى قارشى ئالىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىدۇ. نېپال جۇڭگونىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى چەكلىگەنلىكىگە ئاپىرىن ئېيتىدۇ، جۇڭگونىڭ نېپالنىڭ يۇقۇمغا زەربە بېرىشىنى قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ. نېپال جۇڭگو بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.