نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەت توغرىسىدا

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، لى كېچياڭ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى

日期:2020年07月31日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 28-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەت توغرىسىدا دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى ۋەزىيەتنى توغرا تونۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتتا دۇچ كەلگەن تۈرلۈك قىيىن مەسىلىلەرنى پائال ھەل قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىن كەلگەن خەۋپ-خەتەر، خىرىس ۋە غايەت زور بېسىمنى پەسەيتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىش ئۈچۈن كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، قۇدرەتلىك كۈچ توپلاش كېرەك. بىزنىڭ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشقا قەتئىي ئىرادىمىز، مۇستەھكەم ئىرادىمىز، پۇختا دۆلەت كۈچىمىز بار، ھەر خىل خەۋپ-خەتەر ۋە سىناقلارنى يېڭىشكە يېتەرلىك ئىشەنچىمىز، ئىقتىدارىمىز، ئەقىل-پاراسىتىمىز بار، ھەرقانداق دۆلەت، ھەر قانداق ئادەم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخىي قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. لى كېچياڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئويلىنىشىنى تونۇشتۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل باشلىنىشى بىلەنلا، بىز تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن قاتتىق سىناققا دۇچ كەلدۇق. بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان ئېلىمىز دۇچ كەلگەن تارقىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز، يۇقۇملىنىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق زور تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا مىسلىسىز زەربە بولدى. بۇ كەسكىن كۈرەشتە، دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەزالارنى داۋالاش-قۇتقۇزۇش، پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، پۇل- مال ئىئانە قىلىش، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تەكلىپ-پىكىر بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە پائال ئاتلىنىشقا يېتەكلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي ئۇرۇش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  كۆپچىلىك ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا كۆڭۈل بۆلۈپ، «ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىش»، «تۈزەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش» قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، جايلارغا ھاۋالە قىلىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىنى قوللىنىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق جانلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تىرىشىپ ئەھۋالنى ئېنىقلاپ، مەسىلىلەرنى توغرا تېپىپ، تەدبىرلەرنى ئەمەلىي ئوتتۇرىغا قويدى. بولۇپمۇ يۇقۇمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئېلىپ كەلگەن قىيىنچىلىقى ئالدىدا، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى كۆپ خىل ئۇسۇل ۋە يوللار ئارقىلىق بىرىنچى قول ماتېرىيالنى ئىگىلەپ، بىرىنچى سەپنىڭ ساداسىنى ئاڭلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.