ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى ئېچىلدى

日期:2020年07月31日
来源:人民网
【字体:

  19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىش قارار قىلىندى

  نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىسادىي خىزمەتلەر تەھلىل قىلىنىپ ۋە تەتقىق قىلىندى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 30-ئىيۇل يىغىن ئاچتى، يىغىندا، بۇ يىل 10-ئايدا بېيجىڭدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5- ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىش قارار قىلىندى، يىغىننىڭ ئاساسلىق قارالمىلىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى مەركىزىي كومىتېتقا خىزمەت دوكلاتى بېرىدۇ، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىللىق كەلگۈسى نىشانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. يىغىندا نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت تەھلىل قىلىنىپ ۋە تەتقىق قىلىنىپ، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: 14- بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلى ئېلىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىدىغان، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يەتكەندىن كېيىن، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىدىغان تۇنجى بەش يىل. نۆۋەتتە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، لېكىن پۇرسەت ۋە خىرىسنىڭ ھەممىسىدە يېڭى تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىش بولىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات يەنىلا دەۋرنىڭ ئاساسىي تېمىسى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقئارا مۇھىت بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىپ، مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. دۆلىتىمىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى، تەرەققىيات كۆپ تەرەپلىك ئۈستۈنلۈككە ۋە شارائىتقا ئىگە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەرەققىياتنىڭ تەكشى بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك. ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى تەلەپلەرنى چوڭقۇر تونۇپ، پۇرسەت ئېڭى ۋە خەۋپ-خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، كۈرەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەتلەرنى يېتىشتۈرۈپ، ئۆزگىرىش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، پايدىغا يۈزلىنىپ، زىياندىن ساقلىنىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: 14-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، ئىناق بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ياخشى قەدەم تاشلاش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 14-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پارتىيە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزمدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تۈپ كاپالەتكە ئىگە قىلىش شەرت. تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىمەن قىلىشنى باشتىن-ئاخىر ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تەرەققىياتنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى ساھەلىرىگە سىڭدۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش شەرت. ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى داۋاملىق ئاشۇرۇش شەرت. ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈش، ئومۇمىيلىق بويىچە پىلانلاش، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر پۈتۈن گەۋدە بويىچە ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات كۆلىمى، سۈرئىتى، سۈپىتى، قۇرۇلمىسى، ئۈنۈمى، بىخەتەرلىكىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك.