ۋاڭ خۇنىڭ «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 3-تومىنى نەشر قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم

日期:2020年07月30日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 3-تومىنى نەشىر قىلىش سۆھبەت يىغىنى 29-ئىيۇل بېيجىڭدا ئېچىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 3-تومى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى نەزەرىيە جەۋھىرى بولۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئۆگىنىشتە، تونۇشتا، ھەرىكەتتە ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 3-تومى − پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئەڭ يېڭى دەرسلىك، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرىدىغان، خەلقنى تەربىيەلەيدىغان، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەڭ يېڭى دەرسلىك، پارتىيەمىزنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئۇنتۇماي، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشتىكى ئەڭ يېڭى دەرسلىك، دۇنيا بۈيۈك بىردەكلىكنى كۆزلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان ئەڭ يېڭى دەرسلىكتۇر.

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمى، 21-ئەسىردىكى ماركسىزم تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچقانلىقىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، بۇ مۇھىم ئىدىيەنىڭ مۇستەھكەم، كۈچلۈك ماركسىزملىق ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئىدىيەۋى بايرىقى ئىكەنلىكىنى، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تۈپ قىبلىنەماسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھەرىكەت قىبلىنەماسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش لازىم. «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 3-تومى بىلەن 1-تومى، 2-تومىنى بىر پۈتۈن گەۋدە قىلىپ ئۆگىنىش، پۈتۈن پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىشىنى ياخشى تەشكىللەپ، نەزەرىيە تەشۋىقاتىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە شەرھلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاشقى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى كىشىلەر قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇپ، دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى يۈزلەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.