شى جىنپىڭ زەھەر چەكلەش خىزمىتىگە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

زەھەر چەكلەش فاڭجېنىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، زەھەر چەكلەشنىڭ خەلق جېڭىنى ياخشى قىلىپ، زەھەر چەكلەش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

日期:2020年06月24日
来源:人民网
【字体:

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، مەملىكەتلىك زەھەر چەكلەش خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بەردى، ھەمدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى زەھەر چەكلەش سېپىدىكى يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە، چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدا زەھەر مەسىلىسى، ئەنئەنىۋى ۋە يېڭىچە زەھەرنىڭ خەتىرى، تور ئىچى ۋە تور سىرتىدىكى زەھەر جىنايىتى ئۆز ئارا گىرەلىشىپ، ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى، تەن سالامەتلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزمەكتە، زەھەر چەكلەش خىزمىتىنى ئىلگىرىكىدەكلا قەتئىي ۋە ئۈزۈل-كېسىل چوڭقۇر داۋاملاشتۇرۇش شەرت. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر چوقۇم خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت، مىللەت، خەلق ۋە تارىخقا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، زەھەر چەكلەش فاڭجېنىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، زەھەر چەكلەشنىڭ خەلق كۈرىشىنى ياخشى قىلىپ، زەھەرنى تۈزەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زەھەر چەكلەش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زەھەر چەكلەش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، ھەمدە خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

 دۆلەت كومىسسارى، دۆلەتلىك زەھەر چەكلەش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاۋ كېجى يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يەتكۈزدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەمدە قەتئىي ۋە ئىزچىل تۈردە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى ئۈلگە قىلىپ، تېخىمۇ قەتئىي ئىرادە ۋە تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى بىلەن، ھەمدە تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق، يېڭى دەۋردىكى زەھەر چەكلەش خەلق جېڭىنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

 يىغىندا، 2015- يىلىدىن بۇيان زەھەر چەكلەش خىزمىتىنىڭ ھەر قايسى سەپلىرىدە گەۋدىلىك تۆھپە ياراتقان يۈز ئىلغار كوللېكتىپ ۋە يۈز ئىلغار شەخس تەقدىرلەندى. يۈننەن ئۆلكىسى لىنساڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ زەھەر چەكلەش تارماق ئەترىتى، شېنجېن تاموژنىسى ئەتكەسچىلىككە زەربە بېرىش ئىدارىسىنىڭ رازۋېدكا 2-باشقارمىسى، يۈننەن چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش ئەترىتى پۇئېر چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىدىكى لەنساڭ چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى ۋە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق قان مەركىزى قان كاپالىتى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى تاۋ يىڭچۈن، جياڭشى ئۆلكىسى پىڭشياڭ شەھەرلىك زەھەر چەكلەش پىدائىيلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى دۈەن خۇاشېڭ قاتارلىق ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرى سۆز قىلدى.

 يىغىن تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، دۆلەتلىك زەھەر چەكلەش كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەر ۋە ناھىيەلىك زەھەر چەكلەش كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋەكىللىرى ۋە ئىلغار شەخسلەر قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانى ھەم شۆبە يىغىن مەيدانلىرىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا يىغىنغا قاتناشتى.