قېتىرقىنىپ بىلىم ئىگىلەپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، قەتئىي ئىرادىنى تاۋلاپ، چېنىقىپ بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇڭلار

日期:2020年06月01日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ كەڭ ئۆسمۈرلەر - بالىلارغا ئىلھاملاندۇرۇش سۆزى يوللاپ مۇنداق تەكىتلىدى

قېتىرقىنىپ بىلىم ئىگىلەپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، قەتئىي ئىرادىنى تاۋلاپ، چېنىقىپ بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇڭلار

پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ئۆسمۈرلەر - بالىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى«1 - ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ئۆسمۈرلەر - بالىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى!

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە، كەڭ ئۆسمۈرلەر - بالىلارمۇ بىر ئالاھىدە مەزگىلنى باشتىن كەچۈردى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەشتەك ئۇلۇغ ھەرىكىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپلا قالماي، بەلكى يەنە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقىغا بويسۇنۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنى قوللاپ، دۆلىتىمىز ئۆسمۈرلىرى - بالىلىرىنىڭ ياخشى روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۆسمۈرلەر كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. زامانىمىزدىكى جۇڭگو ئۆسمۈرلىرى - بالىلىرى ھەم بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى باشتىن كەچۈرگۈچىلەر، گۇۋاھ بولغۇچىلار، تېخىمۇ مۇھىمى ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشتىكى جەڭگىۋار قوشۇن. كەڭ ئۆسمۈرلەر - بالىلارنىڭ قېتىرقىنىپ بىلىم ئىگىلەپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، قەتئىي ئىرادىنى تاۋلاپ، چېنىقىپ بەدىنىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتلەر، پۈتكۈل جەمئىيەت ئۆسمۈرلەر - بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، ئۆسمۈرلەر - بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، پىيونېرلار ئەترىتى تەشكىلاتلىرى مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت چوڭ ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى كۆزلەپ، دەۋر تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەتلەرنى پائال قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆسمۈرلەر - بالىلار ئىشلىرى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.