مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى

日期:2020年06月01日
来源:天山网
【字体:

− 2020 - يىلى 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - يىغىنىدا بېرىلگەن

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ

ۋەكىللەر:

مەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن يىغىنغا خىزمەتلەرنى دوكلات قىلىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى سورايمەن.

13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىدىن بۇيانقى ئاساسلىق خىزمەتلەر

13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىدىن بۇيانقى بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت دۆلىتىمىز تارىخىدا ئىنتايىن مۈشكۈل، ئىنتايىن ئالاھىدە مەزگىل بولدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەتراپلىق ئىگىلەپ، باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، زور خىرىسقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، زور خەۋپ - خەتەرنى توسۇپ، زور مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى زور ئىلگىرىلەشلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىنى ئالغا سىلجىتتى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تۇيۇقسىز يۈزبەرگەندىن كېيىن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى ئەڭ مۇھىم ئىش قاتارىدا چىڭ تۇتتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىپ، بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي ئۇرۇش، توسۇپ زەربە بېرىش ئۇرۇشىنى ياخشى قىلدى. ئىنتايىن جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، ۋۇخەننى قوغداش جېڭى، خۇبېينى قوغداش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بويىچە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە زور ئىستراتېگىيەلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. بۇ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ قۇدرەتلىك يېتەكچىلىكىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلاننى ياخشى تۈزۈپ، كەسكىن، تەۋرەنمەي ئىش كۆرۈپ، نىشان بەلگىلەپ يول باشلاپ، يۆنىلىشنى ئىگىلەپ ئىلگىرىلەيدىغان ئاجايىپ رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى، جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ھېچقانداق قىيىنچىلىققا باش ئەگمەي، ئۆزىنى توختىماي قۇدرەت تاپقۇزۇپ، باتۇرلۇق بىلەن بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان، ئازاب - ئوقۇبەتلەر داۋامىدا يېتىلىدىغان، ئازاب - ئوقۇبەتلەر داۋامىدا قەددىنى رۇسلايدىغان قەھرىمانلىق جاسارىتىنى گەۋدىلەندۈردى.

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز ئېلىپ - سېتىش ۋە يېيىشنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىش توغرىسىدا قارار چىقىرىپ، ئاممىۋى ساغلاملىق بىخەتەرلىكىدە خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىكىنى، ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈردى. دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئاممىۋى ساغلاملىق ساھەسىدىكى يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە ئاساسەن، ئاممىۋى ساغلاملىقنىڭ قانۇنچىللىق كاپالىتى سىستېمىسى بويىچە قانۇن چىقىرىش، قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ يولغا قويۇپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىق بىخەتەرلىكىنى ساقلاشتىكى قانۇنچىللىق مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملىدى. جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارغا جاۋابەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە دائىر قانۇنلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ، چۈشەندۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا قانۇن جەھەتتىن مەدەتكار بولدى.

بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، دائىمىي كومىتېت قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىنى، نازارەتچىلىك ھوقۇقىنى، قارار قىلىش ھوقۇقىنى ۋە تەيىنلەش - قالدۇرۇش ھوقۇقىنى ئەستايىدىل يۈرگۈزۈپ، قانۇن لايىھەسى، قارار لايىھەسىدىن جەمئىي 48 پارچىنى قاراپ چىقتى، 34 پارچىنى ماقۇللىدى، جۈملىدىن بەش قانۇننى تۈزۈپ چىقتى، 17 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزدى، ئالاقىدار قانۇن مەسىلىلىرى ۋە زور مەسىلىلەر توغرىسىدا 12 قارار چىقاردى؛ 39 دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى، قاراپ چىقتى، ئالتە قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، ئۈچ قېتىم مەخسۇس تېمىدا ئەھۋال ئىگىلەش، يەتتە تۈرلۈك مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى، بىر تۈرلۈك قارارنى چىقاردى؛ بەش پارچە ئىككى تەرەپلىك شەرتنامىنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى؛ تەيىنلەش - قالدۇرۇش لايىھەسىدىن 38نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى، دۆلەت ئورگىنى خادىمىدىن 282 ئادەم قېتىمنى قانۇن بويىچە ۋەزىپىگە تەيىنلىدى، ۋەزىپىدىن قالدۇردى، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

1. ئاساسىي قانۇننىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى جەھەتلىرىدە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق

ئاساسىي قانۇن دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى، پارتىيە ۋە خەلق ئىرادىسىنىڭ مەركەزلىك نامايەندىسى. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش دېگەندە ئالدى بىلەن دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش دېگەندە ئالدى بىلەن ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، دائىمىي كومىتېت دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شان - شەرىپى بېرىش توغرىسىدا قارار چىقاردى، رەئىس شى جىنپىڭ رەئىس بۇيرۇقى ئىمزالاپ، يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىدا ئاجايىپ تۆھپە ياراتقان 36 نەپەر مەشھۇر زاتقا ۋە جۇڭگو بىلەن چەت ئەللەرنىڭ ئالاقە - ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاھىدە تۆھپە قوشقان ئالتە نەپەر خەلقئارا دوستقا دۆلەت ئالىي شەرىپى بەردى. بۇ، ھازىرقى ئاساسىي قانۇن يولغا قويۇلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم مەركەزلىك ھالدا دۆلەت ئوردېنى بېرىش ھېسابلىنىدۇ. جازا ئۆتەۋاتقان بىر قىسىم جىنايەتچىلەرنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدا قارار چىقاردى، رەئىس شى جىنپىڭ ئالاھىدە كەچۈرۈم بۇيرۇقى ئىمزالاپ ئېلان قىلدى. قانۇندا بەلگىلەنگەن قاتتىق تەرتىپ ئارقىلىق، توققۇز تۈر بويىچە جازا ئۆتەۋاتقان جىنايەتچىدىن جەمئىي 23 مىڭ 593 ئادەم ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىندى، بۇ، ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن ئالاھىدە كەچۈرۈم تۈزۈمىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق زور ئەمەلىيىتى.

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دائىمىي كومىتېت گوۋۇيۈەننىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا دائىر ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى ۋە قاراپ چىقتى، ئاساسىي قانۇن ۋە شياڭگاڭنىڭ نېگىزلىك قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا دائىر قانۇن - تۈزۈم ۋە ئىجرا مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەققىدىكى قارارى (لايىھە)»نى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ ۋە قاراپ چىقىپ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلدى. بۇ، يېڭى ۋەزىيەتتە «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»دىن ئىبارەت تۈزۈم سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شياڭگاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇندا بەلگىلەنگەن ئالاھىدە رايوننىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق تەرتىپىنى قوغداشتىكى زور تەدبىر بولۇپ، شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ۋەكىللەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىسىدا، بۇ مۇھىم قانۇن چىقىرىش ۋەزىپىسىنى جەزمەن ئوڭۇشلۇق ئورۇنداپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى، بىخەتەرلىكىنى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداپ، شياڭگاڭنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئاۋاتلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تېخىمۇ كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلالايمىز.

ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇنلۇق دەرىجىسىنى تەكشۈرۈش، ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈشنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇردۇق. ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇنلۇق دەرىجىسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرىنى تۈزۈپ، ئاساسىي قانۇنغا چېتىلىدىغان ئالاقىدار مەسىلىلەردە جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان نۇقتىلارغا مۇۋاپىق جاۋاب قايتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇنغا ۋە قانۇنلارغا خىلاپ بولغان قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى قانۇن بويىچە تۈزىتىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ ھەقىقىي تۈردە رىئايە قىلىنىشىغا ۋە ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق. قانۇن، نىزام، ئەدلىيەلىك ئىزاھاتلارنى ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش تۈزۈلمىسى - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىرلىككە كەلگەن، پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش ئۇچۇر سۇپىسىنى قۇرۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە دۆلەت قانۇن - نىزاملىرى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى بەرپا قىلدۇق. ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئۇدا ئۈچ يىل ئاڭلاپ قاراپ چىقتۇق ھەمدە جەمئىيەتكە ئاشكارىلىدۇق. 2019 - يىلى 1995 پارچە مەمۇرىي قانۇن - نىزام، يەرلىك نىزام، ئەدلىيەلىك ئىزاھاتنى ئەنگە ئالدۇق، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون يەرلىك قانۇنىدىن 33نى ئەنگە ئالدۇق، پۇقرالار، تەشكىلاتلار ئوتتۇرىغا قويغان تەكشۈرۈش تەكلىپلىرىدىن 138 پارچىنى مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلدۇق. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تۈزۈپ چىققۇچى ئورگانلارنىڭ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىگە ۋە ئۇنىڭ روھىغا زىت بولغان، ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، ماس كەلمەيدىغان قائىدە خاراكتېرلىك 506 پارچە ھۆججەتنى تۈزىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، دۆلەت قانۇن - تۈزۈمىنىڭ بىردەكلىكىنى، ھۆرمىتىنى ۋە نوپۇزىنى قوغدىدۇق.

ئاساسىي قانۇن توغرىسىدىكى تەشۋىقات - تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇردۇق. ئالتە قېتىم ئاساسىي قانۇن قەسەميادى مۇراسىمى ئۇيۇشتۇردۇق، ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن 18 كىشى قەسەم بەردى، كومىتېت باشلىقى يىغىنى تەركىبىدىكىلەر رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە قەسەم بېرىشكە نازارەتچىلىك قىلدى، بۇ ئارقىلىق دۆلەت خادىملىرىنىڭ ئاساسىي قانۇن ئېڭى كۈچەيتىلدى. «ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» ئاساسىي تېمىسىدا ئالتىنچى قېتىملىق دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ۋە جايلارنىڭ مول مەزمۇنلۇق ئاساسىي قانۇن تەشۋىقاتى پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشىگە تۈرتكە بولدۇق. ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىنى ۋە ئاساسىي قانۇن، نېگىزلىك قانۇننى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سۈردۇق.

2. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردۇق

دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، قانۇن تۈزۈش، تۈزىتىش كىرگۈزۈش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئىزاھلاشنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سۈپەت بىلەن ئۈنۈمگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم ساھەلەردە قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، قانۇننى ئىلمىي تۈزۈش، دېموكراتىك تۈزۈش، قانۇن بويىچە تۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق.

ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ماسلىشىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، زور ئىسلاھاتلارنىڭ قانۇن ئاساسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى ماقۇللانغاندىن كېيىن، بىناكارلىق قانۇنى، ئوت مۇداپىئە قانۇنى، ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قانۇنى، شەھەر - يېزا يىرىك پىلانى قانۇنى، ئاپتوموبىل - كېمە بېجى قانۇنى، تاۋار ماركىسى قانۇنى، ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى، مەمۇرىي ئىجازەت قانۇنى قاتارلىق بىر يۈرۈش قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئالاقىدار قانۇنلارنى جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تاماملىدۇق؛ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى قوغداش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئىسلاھات نەتىجىلىرىدىن تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ تەڭ مەنپەئەتلىنىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. شەھەر ئاسراش، شەھەر قۇرۇلۇشى بېجى قانۇنى، پۈتۈم بېجى قانۇنى، ئېكسپورتنى باشقۇرۇش قانۇنى لايىھەسىنى قاراپ چىقتۇق، گوۋۇيۈەنگە ئەركىن سودا سىناق رايونىدا ئالاقىدار قانۇن - بەلگىلىمىلەرنى ۋاقىتلىق تەڭشەپ تەتبىقلاش ھوقۇقى بېرىش، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىغا خېڭچىڭ پورتىنىڭ ئاۋمېن تەرەپ رايونىنى ۋە ئالاقىدار تۇتاش رايونلارنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بېرىش توغرىسىدىكى قارارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دەۋر ۋە ئىسلاھاتنىڭ قانۇنچىللىق ئېھتىياجىغا جاۋاب قايتۇردۇق. گوۋۇيۈەنگە خەينەن ئەركىن سودا سىناق رايونىدا يەر باشقۇرۇش قانۇنى، ئۇرۇقچىلىق قانۇنى، دېڭىز سودىسى قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ۋاقىتلىق تەڭشەپ تەتبىقلاش ھوقۇقى بېرىپ، خەينەننىڭ ئەركىن سودا سىناق رايون قۇرۇشى ۋە جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇشىغا مەدەت بەردۇق. ئاكسىيە قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە تۆت قېتىم قاراپ چىقىلدى، ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت قانۇن چىقىرىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمى قاتارلىق ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، كاپىتال بازىرى ئىسلاھاتىنى ۋە ئۇنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىنى قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىن ئەتتۇق.

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەت بىلەن قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردۇق. بايلىق مەنبەسى بېجى قانۇنى تۈزۈش، قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قانۇنىغا، ئورمان قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېشىل تەرەققىيات، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇش ئىدىيەسىنى قانۇن چىقىرىشقا كۆپ تەرەپتىن، كۆپ قاتلامدىن سىڭدۈردۇق. چاڭجياڭ دەرياسىنى قوغداش قانۇن لايىھەسىنى تەييارلاپ ۋە قاراپ چىقىپ، «ئومۇميۈزلۈك قوغداشنى تەڭ تۇتۇش، كەڭ كۆلەمدە ئاچماسلىق» ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئانا دەريا چاڭجياڭنى قانۇن قورالى، قانۇنچىللىق كۈچى ئارقىلىق قوغدىدۇق. ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىپ، ھوقۇققا چېقىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتتۇق. يەر باشقۇرۇش قانۇنىغا، شەھەر ئۆي - زېمىن باشقۇرۇش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئاشۇرۇشقىلا بولىدۇكى، ئازايتىشقا بولمايدۇ دېگەن تۆۋەن چەك مەيدانىدا ۋە قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يەر بايلىقىنى جانلاندۇرۇش، دېھقانلارنىڭ مۈلۈك كىرىمىنى ئاشۇرۇش، تېرىلغۇ يەرنى قوغداشنى كۈچەيتىش، شەھەر - يېزىنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلدۇق.

خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە قانۇن چىقىرىشنى تېزلەتتۇق. ئاساسىي داۋالىنىش - ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى تۈزۈپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ھەر تەرەپلىك، تولۇق دەۋرىيلىك قوغداشنى قانۇن كاپالىتى بىلەن تەمىن ئەتتۇق. دورا باشقۇرۇش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان ساختا دورا، ناچار دورا، دورا باھاسى يۇقىرى بولۇش، دورىلار قىس بولۇش مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدۇق. ۋاكسىنا باشقۇرۇش قانۇنى تۈزۈپ، ۋاكسىنا تەتقىقاتى، ئىشلەپچىقىرىشى، ئوبوروتى ۋە ۋاكسىنا ئەملەشنى بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئىگە قىلدۇق. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئاممىۋى ساغلاملىقنىڭ قانۇنچىللىق كاپالىتى سىستېمىسىنى كۈچەيتىش تەلىپىگە ئاساسەن، مەخسۇس تۈر بويىچە قانۇن چىقىرىش، قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىلانىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، مەخسۇس خىزمەت بەنزىسى قۇرۇپ، تۈزۈپ چىقىلىدىغان ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدىغان 30 قانۇننى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇردۇق، بىر يىلدىن ئىككى يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا قانۇن چىقىرىش ۋەزىپىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئورۇنداپ بولۇشقا تىرىشىمىز. ھايۋانات يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىپ، ھايۋانات يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ مەنبەسى ۋە يۇقۇم ئەھۋالىنى كۆزىتىش، ئۇنىڭدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتتۇق. جانلىقلار بىخەتەرلىكى قانۇن لايىھەسىنى تەييارلاپ ۋە قاراپ چىقىپ، جانلىقلار خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، جانلىقلار تېخنىكىسى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، دۆلەتنىڭ جانلىقلار بىخەتەرلىكى سىستېمىسىغا تىرەك بولىدىغان قانۇننى تۈزۈپ چىقىشقا تىرىشىمىز.

دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، مەمۇرىي تەپتىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق ساھەلەردە قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتتۇق. دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مەمۇرىي تەپتىشكە دائىر قائىدە - نىزاملارنى تۈزۈپ چىقىشى توغرىسىدا قارار چىقاردۇق، ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مەمۇرىي ئىشلار بويىچە چارە كۆرۈش قانۇن لايىھەسىنى قاراپ چىقتۇق. مەھەللىدە تۈزەش قانۇنىنى تۈزدۇق، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقتۇق، يىغىۋېلىپ تەربىيەلەشكە دائىر قانۇن - بەلگىلىمىلەرنى ۋە تۈزۈملەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا قارار چىقىرىپ، يېڭى دەۋردە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تەلىپىگە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلاشتۇق. سودىيەلەر قانۇنى، پىروكۇرورلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزدۇق، ھەق تەلەپ دەۋا تەرتىپىدە مۇرەككەپلىرى بىلەن مۇرەككەپ ئەمەسلىرىنى ئايرىش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ھوقۇق بېرىش توغرىسىدا قارار چىقىرىپ، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىدۇق ۋە چوڭقۇرلاشتۇردۇق. شىفىر قانۇنىنى تۈزۈپ چىقتۇق، ئارخىپ قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىپ، ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ ئىدارە قىلىشقا دائىر قانۇن - تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق.

بۇ قېتىملىق قۇرۇلتاينىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنغان ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى لايىھەسى − دۆلىتىمىز قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك زور نەتىجە. بۇ نۆۋەتلىك دائىمىي كومىتېت ئۆتكەن نۆۋەتلىك دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەتلىرى ئاساسىدا ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى تۈزۈش خىزمىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، 2018 - يىلى 8 - ئايدا ھەرقايسى قىسىملارنىڭ لايىھەسىنى ئومۇمىي جەھەتتىن قاراپ چىقتى، ئاندىن بۆلەكلەر بويىچە كۆپ قېتىم قاراپ چىقتى ھەم مۇكەممەل ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى لايىھەسىنى قاراپ چىقىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يەتتە قېتىم ئاشكارا پىكىر ئالدى، ھەرقايسى تەرەپلەردىن ئېلىنغان پىكىر 900 مىڭدىن ئاشتى. قايتا - قايتا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، ئىنچىكىلەپ خىزمەت ئىشلەش ئارقىلىق، ھازىرقى جەمئىي يەتتە قىسىم، 1260 ماددىلىق ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ لايىھەسى شەكىللەندى. ئىشىنىمىزكى، بارلىق ۋەكىللەرنىڭ ئەستايىدىل قاراپ چىقىشى ئارقىسىدا، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان، دەۋر روھى گەۋدىلەندۈرۈلگەن، خەلقنىڭ ئارزۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ھەق تەلەپ ھوقۇقى كاپالەتلەندۈرۈلگەن، ئىجتىمائىي ئادىللىق - ھەققانىيلىق قوغدالغان ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى چوقۇم تۈزۈپ چىقالايمىز.

ئۆتكەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى قانۇن چىقىرىش خىزمىتى بىزگە مۇھىم ئىلھام بەردى، ئۇ بولسىمۇ: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدە جەزمەن پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى قانۇنىي تەرتىپ ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە ئايلاندۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى تەجرىبىلىرى، يېڭى نەتىجىلىرىنى ۋاقتىدا ئەكس ئەتكۈزۈپ، قانۇن چىقىرىش تەدبىرلىرى بىلەن ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئۆزئارا جىپسىلاشتۇرۇش، ئۆزئارا بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇننىڭ پەيتچانلىقى، سىستېمىلىقلىقى، قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

3. قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەت بويىچە زور ئىسلاھات - تەرەققىيات ۋەزىپىلىرىنى چۆرىدەپ نازارەتچىلىك خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتتۇق

توغرا نازارەت قىلىش، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى مەمۇرىي ھوقۇق، مەمۇرىي تەپتىش ھوقۇقى، سوت قىلىش ھوقۇقى، تەپتىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە توغرا يۈرگۈزۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، پۇقرالار ئەندىشە قىلىدىغان جىددىي ئىش، قىيىن ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىسلاھات - تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن پۈتۈن خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ۋە ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىگە تېخىمۇ ياخشى كۈچ چىقاردۇق.

پىلان ۋە خامچوت نازارەتچىلىكى خىزمىتىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇردۇق. خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى، خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ۋە قاراپ چىقىپ، ئاساسلىق كۆرسەتكۈچ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ 300دىن ئارتۇق پىكىر ۋە تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۈچ چوڭ جەڭنى ياخشى قىلىش ۋە «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە كۈچ قوشتۇق. 2018 - يىللىق مەركەز خامچوتىنىڭ ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم - چىقىمىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتى دوكلاتى، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىپ ئېنىقلانغان مەسىلىلەرنىڭ تۈزىتىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ۋە قاراپ چىقىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مالىيە قانۇن - نىزاملىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشىغا، مەسىلىلەرنى چوڭقۇرلاپ تۈزىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدۇق.

خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خامچوت تەكشۈرۈش - نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چىقىم خامچوتى ۋە سىياسىتىگە كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش - نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش − پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلق قۇرۇلتىيىغا يۈكلىگەن ئىككى تۈرلۈك مۇھىم مەسئۇلىيەت. دائىمىي كومىتېت «ئومۇمىي دائىرىلىك تەكشۈرۈش، پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش» تەلىپى بويىچە، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىشلىكتە تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالى ئۈستىدىكى نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىرنى تۈزۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى خامچوت تۈزۈش ۋە خامچوتنى ئىجرا قىلىش داۋامىدا ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدۇق. دىققەتنى مالىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇش، تارماقلار خامچوتىنى ئىجرا قىلىش، يۆتكىمە چىقىمنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، يەرلىك ھۆكۈمەت زايوملىرىنى تارقىتىش، ئىشلىتىش ئەھۋالى، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشكە دائىر سىياسەت تەدبىرلەر ۋە مالىيە مەبلىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالى قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇدا ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىپ، جەمئىي 25 قېتىم مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، 35 قېتىم خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ، تۆت قېتىم مەخسۇس تېمىدا قاراپ چىقىپ، توققۇز تۈرلۈك مەخسۇس مەبلەغنى تەكشۈرۈپ، مالىيە مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمى ۋە سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇش ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈش - نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتتۇق. يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ خامچوت تەكشۈرۈش - نازارەت قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چىقىم خامچوتى ۋە سىياسىتىگە كېڭەيتىش ئىسلاھات تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدۇق، بارلىق ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لەرنىڭ ھەممىسى يولغا قويۇش پىكرىنى تۈزۈپ چىقتى. ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇرۇش، ئوچۇق - ئاشكارا بولۇش، نازارەت كۈچلۈك بولۇش نىشانى بويىچە، دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش - نازارەت قىلىشنىڭ بەش يىللىق خىزمەت پىلانىنى تۈزدۇق، 2018 - يىللىق دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلات ۋە مەملىكەت بويىچە مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى مەخسۇس دوكلاتنى قاراپ چىقىپ، دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش - نازارەت قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش - كېڭەيتىش، ئۇنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ - ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتۇق. يەرلىكنىڭ دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى رايون تەسىس قىلىنغان شەھەر ۋە ئاپتونوم ئوبلاستلارغىچە كېڭەيتىشىگە تۈرتكە بولدۇق.

مەخسۇس خىزمەت نازارەتچىلىكىنى پۇختا ئىشلىدۇق. گوۋۇيۈەننىڭ ۋىراچلار قوشۇنىنى باشقۇرۇش ۋە كەسپىي ۋىراچلار قانۇنىنى يولغا قويۇش، يەسلى مائارىپى ئىشلىرىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، مەدەنىيەت كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تاشقى سودىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش، باجنى كېمەيتىش - ھەقنى تۆۋەنلىتىش، مالىيەدىن ئاجرىتىلغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش مەبلىغىنى تەقسىملەش ۋە ئىشلىتىش ئەھۋالى، 2018 - يىللىق ۋە 2019 - يىللىق مۇھىت ئەھۋالى ۋە مۇھىت ئاسراش نىشانىنىڭ ئورۇندىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى 11 مەخسۇس خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ۋە قاراپ چىقىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدۇق. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، مىللىي رايونلاردا چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش - خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتى، سىستېمىلىق پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا تاقابىل تۇرۇش، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى باشقۇرۇش ۋە ئىسلاھ قىلىش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش، رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ۋە رېۋىزىيە قانۇنىنى يولغا قويۇش قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.

قانۇن يۈرگۈزۈش خىزمىتى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتتۇق. 2018 - يىلى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ ۋە قاراپ چىققاندىن كېيىن، 2019 - يىلى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى مەخسۇس ئاڭلاپ ۋە قاراپ چىقىپ، «ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىش جەھەتتىكى نەتىجىنى مۇستەھكەملىدۇق. جىنايى ئىشلارنى سوت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ۋە قاراپ چىقىپ، سوت قىلىش مەركەز قىلىنغان جىنايى ئىشلار دەۋاسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈردۇق. ئومۇمىي مەنپەئەت دەۋاسىغا دائىر تەپتىشلىك خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ۋە قاراپ چىقىپ ھەمدە مەخسۇس تېمىدا سۈرۈشتۈرۈشنى يولغا قويۇپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ دۆلەت مەنپەئىتى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇمىي مەنپەئەتنى قوغداشتىن ئىبارەت قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشىغا تۈرتكە بولدۇق.

قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردۇق. قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى مېخانىزمى ۋە شەكلى، ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ماددىمۇماددا قانۇندىكى بەلگىلىمىگە سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ قانۇن - تۈزۈم ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدۇق. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى، سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى، ئالىي مائارىپ قانۇنى، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى، ھاسىلىي ئېنېرگىيە قانۇنى، بېلىقچىلىق قانۇنى قاتارلىق ئالتە قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى، سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى قاراپ چىقىشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئىككى قېتىم مەخسۇس تېمىدا سۈرۈشتۈرۈشنى يولغا قويدۇق. سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى قاتارلىق تۆت تۈرلۈك قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشتە ئۈچىنچى تەرەپنى باھالاشقا كىرگۈزۈپ، تەكشۈرۈشنىڭ ئىلمىيلىكى، ئوبيېكتىپلىقى ۋە نوپۇزىنى ئۆستۈردۇق. قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى باھالاشنىڭ يېڭى شەكلى، يېڭى چارىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى، كارخانا ۋەيرانچىلىقى قانۇنى، مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى چىقىرىلغاندىن كېيىن باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش تەدبىرى، تۈزۈمنىڭ لايىھەلىنىشى، قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن ئۈنۈمىنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇشىدىكى يېپىق ھالقىنى شەكىللەندۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش ۋە نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈردۇق.

4. ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا مەدەت بېرىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش خىزمەت تۈزۈمى، مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتۇق

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى − دۆلەت ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنىنى تەشكىل قىلغۇچى خادىملار. ۋەكىللەرنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش خەلقنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش دېمەكتۇر، ۋەكىللەرنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەت ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغانلىق خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغانلىقتۇر. شۇڭا، دائىمىي كومىتېت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا 35 ماددىلىق كونكرېت تەدبىر تۈزۈپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا تېخىمۇ ياخشى مەدەت بەردۇق ۋە كاپالەتلىك قىلدۇق.

ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلىرىنى ئەستايىدىل بېجىردۇق. 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2 - يىغىنى مەزگىلىدە ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەرنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى قانۇن بويىچە قاراپ چىقتى، ئالاقىدار بېجىرگۈچى ئورۇنلار نەتىجە بىلەن جەريانغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، «نۇقتا بىلەن نۇقتا» ئالاقىلىشىپ، «يۈزتۇرا» پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ۋەكىللەر ۋە ئەسلىي سايلىغان ئورۇنغا بېجىرىش ئەھۋالى ۋە نەتىجىسىنى ۋاقتىدا ئۇقتۇردى. ھەيئەت رىياسىتى قاراپ چىقىشقا تاپشۇرغان 491 پارچە ۋەكىللەر تەكلىپى بېجىرىلىپ بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە 27 پارچە تەكلىپ چېتىلىدىغان 12 قانۇن چىقىرىش تۈرى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، 56 تەكلىپ چېتىلىدىغان توققۇز قانۇن چىقىرىش تۈرى قاراپ چىقىشقا سۇنۇلدى. 191 تەكلىپ چېتىلىدىغان 65 قانۇن چىقىرىش تۈرى قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانى ياكى پىلانىغا كىرگۈزۈلدى. 8160 پارچە تەۋسىيە 193 بېجىرگۈچى ئورۇننىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇلدى ھەمدە بۇنىڭ ئەھۋالى ۋەكىللەرگە جاۋاب بېرىلدى، ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەردىن ھەل قىلىنغىنى ياكى پىلان بويىچە تەدرىجىي ھەل قىلىنىدىغىنى تەۋسىيە ئومۇمىي سانىنىڭ %71.3ىنى ئىگىلىدى. 22 تۈرلۈك نۇقتىلىق ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىلىدىغانلىقى بېكىتىلگەن تەۋسىيە ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان 276 پارچە تەۋسىيەگە چېتىلىدىغان بولۇپ، يەتتە مەخسۇس كومىتېت بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل قىلىندى، بۇنىڭ بىلەن بىر تۈركۈم ئەمەلىي مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. يىغىن يېپىق مەزگىلدە ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان 560 پارچە پىكىر ۋە تەكلىپ ئەستايىدىل بېجىرىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ۋەكىللەر بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويغىنى 210 پارچە، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى تەركىبىدىكىلەر ئارقىلىق تاپشۇرۇلغىنى 63 پارچە، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى ئارقىلىق تاپشۇرۇلغىنى ئون پارچە، دائىمىي كومىتېت يىغىنى مەزگىلىدە سىرتتىن قاتناشقان ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغىنى 277 پارچە.

ۋەكىللەرنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدىكى رولىنى جارى قىلدۇردۇق. ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ، تەۋسىيەلىرىگە ئاساسەن، قانۇن چىقىرىش تۈرلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ بېكىتىپ، ۋەكىللەرنى قانۇن لايىھەسىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەييارلاش، دەلىللەش، قاراپ چىقىش، باھالاش قاتارلىق خىزمەتلەرگە بىۋاسىتە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدۇق. ئۇنىۋېرسال، ئۇل خاراكتېرلىك مۇھىم قانۇن لايىھەلىرىنى بارلىق ۋەكىللەرگە پىكىر ئېلىش ئۈچۈن بېسىپ تارقىتىپ بەردۇق، كەسپىي خاراكتېرى كۈچلۈك قانۇن لايىھەلىرىنى ئالاقىدار كەسىپ ياكى ساھەدىكى ۋەكىللەرگە پىكىر ئېلىش ئۈچۈن بېسىپ تارقىتىپ بەردۇق.

دائىمىي كومىتېتنىڭ ۋەكىللەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتتۇق. دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ ۋەكىللەر بىلەن ئالاقە باغلاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەخسۇس كومىتېتلار، خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ ۋەكىللەر بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولدۇق. دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ۋەكىللەر بىلەن ئالاقە باغلاپ، ئەھۋال ئىنكاس قىلىش، پىكىر ئېلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەپ، خەلقنىڭ ساداسىنى ئەكس ئەتتۈردى. ۋەكىللەرنىڭ دائىمىي كومىتېت، مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ خىزمىتىگە قاتنىشىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەكىللەرنى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشكە قاتنىشىشقا 74 ئادەم قېتىم تەشكىللىدۇق، ۋەكىللەرنى خامچوت تەكشۈرۈش - نازارەت قىلىشقا 73 ئادەم قېتىم تەكلىپ قىلدۇق، ۋەكىللەرنى 298 ئادەم قېتىم دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدۇق، بەش قېتىم سىرتتىن قاتناشقان ۋەكىللەر سۆھبەت يىغىنى ئاچتۇق.

ۋەكىللەرنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇردۇق. يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى تەشكىللەپ يېقىن ئەتراپتىكى ۋەكىللەر ئالاقىلىشىش پونكىتى، ۋەكىللەر ئائىلىسى ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ قانۇن چىقىرىش ئالاقە پونكىتىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولدۇق. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللەر ئالاقىلىشىش پونكىتى ۋە ۋەكىللەر ئائىلىسىدىن 228 مىڭنى قۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن مەۋقە ئاساسىي قاتلامغا قويۇلغان، ئاممىغا يېقىنلاشقان، شەھەر - يېزىلارنى قاپلىغان خىزمەت سۇپىسى ھازىرلاپ بەردى. كەڭ ۋەكىللەر كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئاممىنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ ۋە ئىنكاس قىلىپ، يۇقىرىنىڭ ئەھۋالىنى تۆۋەنگە، تۆۋەننىڭ ئەھۋالىنى يۇقىرىغا يەتكۈزىدىغان مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

ۋەكىللەرگە قارىتىلغان مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈردۇق. 1830 نەپەر ۋەكىلنى مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە كۆزدىن كەچۈرۈشكە تەشكىللەپ، 91 پارچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى شەكىللەندۈردۇق. تەربىيەلەش بايلىقىنى ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرىگە مايىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن بىر يىلدا 1900 ئادەم قېتىمدىن كۆپرەك ۋەكىلنى مەركەزلىك تەربىيەلەشكە قاتناشتۇردۇق. 13 - نۆۋەتلىك دائىمىي كومىتېت ۋۇجۇدقا كەلگەندىن بۇيان جەمئىي 3200 ئادەم قېتىمدىن كۆپرەك ۋەكىلنى مەركەزلىك تەربىيەلىدۇق، مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش - ئۆگىنىشنىڭ ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرىنى تولۇق قاپلىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردۇق. 1254 ئادەم قېتىم ۋەكىلنى «بىر ھۆكۈمەت، بىر كومىتېت، ئىككى مەھكىمە»نىڭ ۋەكىللەر بىلەن ئالاقىلىشىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇردۇق. ۋەكىللەر تۇرۇشلۇق ئورۇن بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت ياراتتۇق.

بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جېڭىدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەرنىڭ رەھبەرلىكى ۋە تەشكىللىشى ئاستىدا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىپ، پەن - تېخنىكا تەتقىقاتىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا قاتنىشىپ، ماددىي ئەشيا تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، بەس - بەستە پۇل ۋە ماددىي ئەشيا ئىئانە قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەقىل - تەدبىر كۆرسىتىپ، ھەرقايسى سەپلەردە، ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنىدا ئۆز رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، خەلققە ۋەكىللىك قىلىش، خەلقنى كۆزلەش، خەلققە مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت شەرەپلىك بۇرچىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتتى.

5. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشنى چۆرىدەپ تاشقى خىزمەتنى قانات يايدۇردۇق

شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدىكى فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى خىزمەتتىكى تەشەببۇسكارلىقىنى، قاراتمىلىقلىقىنى ۋە بىرتۇتاش پىلانلاشچانلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتتۇق. جەمئىي 36 دۆلەت ۋە ھەرقايسى ئەل پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقىدىن جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن 53 ئۆمەك - گۇرۇپپىنى كۈتۈۋالدۇق، 65 ئۆمەك - گۇرۇپپىنى 60 دۆلەت ۋە بىر رايونلۇق پارلامېنت تەشكىلاتىغا زىيارەتكە ئەۋەتتۇق.

دۆلەت باشلىقىنىڭ دىپلوماتىيە نەتىجىلىرىنى ۋە ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنتلىرى بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىسىنى كۈچەيتتۇق. چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىناق قوشنىدارچىلىق - دوستلۇقنى كۈچەيتىش، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق - ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىقلار ئاساسىدىكى دىپلوماتىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىم سىياسەت، فاڭجېنلىرىنى چۆرىدەپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قانۇن ۋە سىياسەت كاپالىتىگە ئىگە قىلدۇق. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، جۇڭگو يولى، جۇڭگو نەزەرىيەسى، جۇڭگو تۈزۈمى، جۇڭگو مەدەنىيىتى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ ۋە شەرھلەپ، دۇنيانى جۇڭگونى تېخىمۇ كۆپ چۈشىنىش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تېخىمۇ كۆپ چۈشىنىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تېخىمۇ كۆپ چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق. 2 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى، 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت يەرمەنكىسى قاتارلىق مۇھىم ئاساسىي سەھنىلىك دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىگە ماسلىشىپ، ئالاقىدار دۆلەتلەر پارلامېنتلىرى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. قانۇن چىقىرىش ئورگىنى نۇقتىسىدىن ئالاقىدار دۆلەتلەرنى دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەلدىكى مەنپەئىتى ۋە خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا دەۋەت قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىگە كۈچ چىقاردۇق.

چەت ئەل پارلامېنتلىرى بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك مېخانىزم خاراكتېرلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، پارلامېنتلار ئارا كۆپ تەرەپلىك ئالاقىگە پائال قاتناشتۇق. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن رۇسىيە پارلامېنتى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 5 - قېتىملىق يىغىنىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدۇق، فىرانسىيە، ياپونىيە، بىرازىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى بىلەن مېخانىزملىق ئالاقە پائالىيىتىنى قانات يايدۇردۇق. يېڭىدىن ئىككى تەرەپلىك دوستلۇق گۇرۇپپىسىدىن تۆتنى تەسىس قىلدۇق، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن چەت ئەل پارلامېنتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق تەشكىلاتى جەمئىي 129غا يېتىپ، دۆلىتىمىز بىلەن ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ بىر - بىرىنى چۈشىنىشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، دوستلۇقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كۈچ قوشۇلدى. ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ 140 - نۆۋەتلىك ۋە 141 - نۆۋەتلىك يىغىنى، 20 دۆلەت گۇرۇھى پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى پارلامېنت مۇنبىرىنىڭ 28 - نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنى، 4 - نۆۋەتلىك ياۋروپا - ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنى، 3 - قېتىملىق ئالتە دۆلەت پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى پارلامېنت مۇنبىرى، 3 - نۆۋەتلىك ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات دۇنيا پارلامېنت مۇنبىرى، پارلامېنتلار دۇنيا سودا يىغىنى يېتەكچىلىك كومىتېتى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ مۇھىت ۋە تەرەققىيات يىغىنى، جەنۇبىي قۇتۇپ دۆلەتلىرى پارلامېنت ئەزالىرى يىغىنى قاتارلىق يىغىنلارغا ئۆمەك ئەۋەتىپ قاتناشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردىن پايدىلىنىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتتۇق. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ مۇھاكىمە كۇرسى، ئافرىقا فىرانسۇز تىلى دۆلەتلىرى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ مۇھاكىمە كۇرسى، بىرما پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ مۇھاكىمە كۇرسىنى ئاچتۇق، 14 دۆلەتتىن 74 پارلامېنت ئەزاسى جۇڭگوغا كېلىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ ۋە ئۆگىنىش قىلىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش كۈچەيتىلدى.

قانۇن چىقىرىش بويىچە ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بولغان قانۇن جەھەتتىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىق مېخانىزمىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، قانۇن چىقىرىش نەزەرىيەسى، تۈزۈمى ۋە ئەمەلىيىتى جەھەتتىكى ئالاقىنى كۈچەيتتۇق. قانۇن چىقىرىش تېخنىكا قائىدىسى، رايونلار ماسلىشىپ قانۇن چىقىرىش ۋە ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى، پاتېنت، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش، مەمۇرىي جازا، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى چۆرىدەپ، ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈش ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ باردۇق. دۆلىتىمىزنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئاساسىي قانۇن، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنىنى چەت ئەللەرگە تەشۋىق قىلىش، شەرھلەشنى ياخشى ئىشلىدۇق، دۆلىتىمىزنىڭ پۇل يۇيۇش جىنايىتىگە زەربە بېرىش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، ئىشىكنى سىرتقا تېخىمۇ زور سالماق بىلەن ئېچىۋېتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قانۇن چىقىرىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تونۇشتۇردۇق.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەركىبىدە ئۈچ تۈركۈم شىزاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى تەشكىللەپ ئالاقىدار دۆلەت ۋە رايونلارغا زىيارەتكە ئەۋەتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر، دىن سىياسىتى ۋە مىللىي رايونلۇق ئاپتونومىيە سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ ۋە شەرھلەپ، مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردۇق. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 27 نەپەر ئاساسىي قاتلام ۋەكىلى ۋە يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىلىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى ئالاقە پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇردۇق، ئۇلار مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدىكى ئىشلارنى ئۆز كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق سۆزلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش جانلىق ئەمەلىيىتىنى نامايان قىلدى.

6. پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى مەھكەم ئىگىلەش ئاساسىدا ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى كۈچەيتتۇق

پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش − سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىياتنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، شۇنداقلا خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىدىكى مۇھىم ۋەزىپە.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلەشكەن بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەسى، ھەرقايسى تەرىپى ۋە ھەرقايسى ھالقىلىرىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ئاشۇردۇق. مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئالتە قېتىم مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە ئۇيۇشتۇردۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش مۇھىم ئىدىيەسى ھەققىدە ئىككىنچى قېتىم ئۆگىنىش - تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئىلمىي مەزمۇنى ۋە يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشەندۇق ۋە ئىگىلىدۇق. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى نەزەرىيە تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنداپ، خەلق قۇرۇلتىيى نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتۇق.

ئاممىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە تەرتىپلىك قاتنىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئاممىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش، مەسئۇلىيەتنى خەلق ئۈچۈن ئادا قىلىشنى ھەقىقىي ئورۇندىدۇق. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيەتلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئويىنى، ئارزۇسىنى ۋاقتىدا ئىگىلىدۇق ۋە ئىنكاس قىلدۇق. دائىمىي كومىتېت، مەخسۇس كومىتېتلار 300 قېتىمغا يېقىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. ئاساسىي قاتلام قانۇن چىقىرىش ئالاقە نۇقتىلىرىنىڭ ئامما بىلەن ھەمنەپەس بولۇش، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەشتىكى «بىۋاسىتە ئاپتوموبىل»لىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئاممىنىڭ قانۇن چىقىرىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا قاتنىشىشىنى قوللاپ، پىكىر - تەكلىپلەرنى ئەينەن توپلاپ ئىنكاس قىلدۇق. ئەرزىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنىنىڭ تور ئەرزىيەت سۇپىسىنى ئېچىپ، ۋەكىللەر ئارقىلىق تاپشۇرۇلغان 178 پارچە ئەرزىيەت خېتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز كەم 80 مىڭ پارچە قېتىم ئەرزىيەتنى بېجىرىپ، ئاممىنىڭ مۇۋاپىق دەۋا تەلىپىنىڭ قانۇن بويىچە ۋاقتىدا ھەل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق.

دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگىنى بولغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلىشى، مەسئۇلىيىتىنى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار بويىچە ئادا قىلىشى، قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈشى كېرەك. قانۇن چىقىرىش قانۇنى، نازارەتچىلىك قانۇنى ۋە دائىمىي كومىتېتنىڭ ئىش قائىدىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ھەر قېتىملىق يىغىن، ھەربىر قارالما، ھەربىر تەكلىپنىڭ قانۇندىكى بەلگىلىمە ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە ئۇيغۇن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. خىزمەت ھوقۇقىنى كوللېكتىپ يۈرگۈزۈش، مەسىلىلەرنى كوللېكتىپ قارار قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن، گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ قاراپ چىقىش ۋە گۇرۇپپىلار بىرلىشىپ قاراپ چىقىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، دېموكراتىيە - مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈردۇق. يىغىن ئىستىلى، يىغىن ئىنتىزامىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ چىڭىتتۇق، دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا قاتنىشىش نىسبىتى %97تىن يۇقىرى بولدى، ئاۋازغا قويۇلىدىغان ئىشلاردا ھەممە ئادەم ھەممە قېتىم ئاۋاز بېرىش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، خەلق بەرگەن ھوقۇقنى توغرا، ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئالاقىدار تەكلىپلەرنى مۇھاكىمە قىلىش، تۈزۈش، قاراپ چىقىش خىزمەتلىرىنى، قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر، تاشقى خىزمەت قاتارلىق خىزمەتلەرنى دائىمىي كومىتېتقا ھەمكارلىشىپ قانات يايدۇرۇش جەھەتتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنىنىڭ سىياسىي، ئىدىيەۋى، تەشكىلىي، ئىستىل ۋە ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئىككى نۆۋەت ئىچكى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاگاھلاندۇرۇش تەربىيەسىنى ۋە پاكلىق خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتتۇق، مەسلىھەتچى ۋە ياردەمچى بولۇش، مۇلازىمەتنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسى رازى بولىدىغان ئۈلگىلىك ئورگان بەرپا قىلدۇق.

خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخبارات، ئاممىۋى پىكىر خىزمىتىنى ياخشىلاپ ۋە كۈچەيتىپ، قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى خەۋەر قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىشتىكى سالاپىتىنى نامايان قىلدۇق، يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ خىزمەتتە يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتىنى تەشۋىق قىلىپ، دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈمىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولدۇق. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخبارات - ئاممىۋى پىكىر تەشۋىقات ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگو خەلق قۇرۇلتىيى ژۇرنىلى ۋە جۇڭگو خەلق قۇرۇلتىيى تورى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، «ژۇرنال، تور، ئۈندىدار، تېرمىنال»نىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردۇق. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئىشلار كومىتېتى باياناتچىسى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان زور مەسىلىلەردە مەيدانىمىز ۋە تەشەببۇسىمىزنى ۋاقتىدا شەرھلىدۇق. دائىمىي كومىتېت قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى باياناتچىسى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىكى دىققىتىگە جاۋاب قايتۇردۇق.

يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدا دائىمىي كومىتېت تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى، ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتى تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى، 25 - قېتىملىق مەملىكەت بويىچە يەرلىك قائىدە - نىزام چىقىرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى چاقىرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، خىزمەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى ھاسىل قىلىپ، يېڭى دەۋر خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلىدۇق.

ۋەكىللەر!

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدە قولغا كەلگەن نەتىجىلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملار، ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملار ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، جاپالىق ئىشلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، گوۋۇيۈەن، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ يېقىندىن ماسلىشىپ، بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلاشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تولۇق ئىشەنگەنلىكى، زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. بۇ يەردە مەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!

دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدە يەنە بەزى پەرق ۋە يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت، ئاساسلىقى: قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدە يېتەكچىلىك رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇشىمىز يېتەرلىك بولمىدى، قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ؛ نازارەتچىلىك خىزمىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە، نازارەتچىلىكنىڭ ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ؛ ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، ئالاقىدار مېخانىزم، تەدبىرلەرنى يەنىمۇ ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ؛ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلىي تۈزۈمى ۋە ئىش قائىدىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئورگان خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. دائىمىي كومىتېت ۋەكىللەر ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر - تەكلىپىگە كەمتەرلىك بىلەن قۇلاق سېلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىدۇ ۋە ياخشىلايدۇ.

ۋەكىللەر !

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنى ئېلىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا قولغا كەلگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە ئۇنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى سىستېمىلىق يەكۈنلەپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئەڭ يۇقىرى پەللىدە لايىھەلىدى ۋە ئۇنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى − جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىغا تىرەك بولىدىغان تۈپ سىياسىي تۈزۈم. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى دۆلەتنىڭ تېز تەرەققىيات ئۆزگىرىشىدىن خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىككە ۋە قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بارغانسېرى ئېنىق تونۇپ يەتتى. بىز خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئەمەلىيەت ئالاھىدىلىكى، دەۋر ئالاھىدىلىكىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ئارقىلىق دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى خەلقنىڭ قولىغا مەھكەم تۇتقۇزۇشىمىز كېرەك.

بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر باسقۇچلۇق ئاساسلىق ۋەزىپىلەر

2020 - يىلى، پارتىيەمىز خەلقنى يېتەكلەپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. نۆۋەتتە، تاشقى مۇھىت كەسكىن ۋە مۇرەككەپ، دۆلىتىمىز ئىچىدە ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى مۈشكۈل ۋە ئېغىر، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى نۇرغۇن يېڭى ئەھۋال، يېڭى تەلەپكە دۇچ كەلمەكتە. دائىمىي كومىتېت جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشنى، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قازىنىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى پۇختا ئىگىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە، يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنىڭ قولغا كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، دائىمىي كومىتېتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى. كېيىنكى قەدەمدىكى ئاساسلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى:

(1) ئاساسىي قانۇننىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش.ئاساسىي قانۇننى ئىزاھلاش خىزمىتىنىڭ تەرتىپ مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇنلۇق دەرىجىسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئەنگە ئېلىش، تەكشۈرۈش تۈزۈمى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «نىزام، ئەدلىيەلىك ئىزاھاتلارنى تەكشۈرۈپ ئەنگە ئېلىش خىزمەت چارىسى»نى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئەنگە ئېلىش، تەكشۈرۈش ئۇچۇر سۇپىسىنىڭ ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرۈش ۋە مەخسۇس تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىمىز. ئاساسىي قانۇن توغرىسىدىكى تەشۋىقات - تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قانۇن قەسەميادى ۋە دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى پائالىيىتىنى ياخشى تەشكىللەيمىز. شياڭگاڭ، ئاۋمېننى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم تەرتىپىنى قوغداپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نېگىزلىك قانۇننى ئىزاھلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا دائىر قانۇن - تۈزۈمنى ۋە ئىجرا مېخانىزمىنى دۆلەت قاتلىمىدىن ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقىدار قانۇن چىقىرىشنى تېز ئىلگىرى سۈرىمىز. تەيۋەنگە قارىتىلغان خىزمەتنىڭ مۇھىم سىياسەت، فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ ۋە ئۇنى توسۇپ، «92 - يىل ئورتاق تونۇشى» ئاساسىدا ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.

(2) مۇھىم ساھەلەردە قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىش.بۇ يىللىق قانۇن چىقىرىش خىزمەت ۋەزىپىسى ئىنتايىن ئېغىر، سۈپەت بىلەن ئۈنۈمنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىنچىكىلىكى، توغرىلىقى ۋە قاراتمىلىقىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، تەرتىپكە قويۇلغانلىرىنىڭ تولۇق پۈتتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، چاڭجياڭ دەرياسىنى قوغداش قانۇنى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى، زاكاز مال قانۇنى، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قانۇنى تۈزىمىز، پاتېنت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزىمىز. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئاممىۋى سەھىيە ساھەسىدە قانۇن چىقىرىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنى، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى، دۆلەت چېگراسى سەھىيە كارانتىن قانۇنى، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى، كەسپىي مائارىپ قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزىمىز، ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش قانۇنى، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى قاتارلىقلارنى تۈزىمىز. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى چۆرىدەپ، جانلىقلار بىخەتەرلىكى قانۇنى، شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش قانۇنى، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى قانۇنى تۈزىمىز، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى (11)نى ماقۇللايمىز، مەمۇرىي جازا قانۇنى، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قانۇنى، ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى، خەلق قوراللىق ساقچىلىرى قانۇنى قاتارلىقلارغا تۈزىتىش كىرگۈزىمىز. دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن دائىرىسى سىرتىدا تەتبىقلىنىدىغان قانۇن سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنى چۆرىدەپ، ئېكسپورتنى باشقۇرۇش قانۇنى تۈزىمىز، پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى، خەلق بانكىسى قانۇنى، سودا بانكىسى قانۇنى، سۇغۇرتا قانۇنى قاتارلىقلارغا تۈزىتىش كىرگۈزىمىز. خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش تۈزۈمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى ۋە ئىش قائىدىسى، سايلام قانۇنى، دۆلەت بايرىقى قانۇنى قاتارلىقلارغا تۈزىتىش كىرگۈزىمىز. ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى تەشۋىق قىلىش، يولغا قويۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ھوقۇق بېرىش قارارى ۋە ئىسلاھات قارارى قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن مۇھىم قانۇن چىقىرىش ۋەزىپىسىنى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن چىقىرىش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

(3) نازارەتچىلىك خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ياخشى ئىشلەش.نازارەتچىلىك تۈزۈمى ۋە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. دىققەتنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، 29 نازارەتچىلىك تۈرىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇردۇق. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىنى كاپالەتلەندۈرۈش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، يېڭىلىق يارىتىش تۈرتكىلىكىدىكى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە دائىر 16 ئالاقىدار خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ۋە قاراپ چىقىپ، خامچوت، نەق چوتنى تەكشۈرۈش - نازارەت قىلىش ۋە دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش - نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز. دائىمىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار قارارلىرىنىڭ ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش قانۇنى، خەيرىيەت قانۇنى، ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ماشىنىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى قاتارلىق ئالتە قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرىمىز. تۇپراق بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش، ئىقتىسادىي تەپتىشتە بايقالغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالىنى چۆرىدەپ، مەخسۇس سۈرۈشتۈرۈشنى قانات يايدۇرىمىز. 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تۈزۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمى ئىسلاھاتى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، بەش تۈرلۈك مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرىمىز. بۇ يىل، دۆلىتىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشلىرى جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ۋە ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ شانلىق سەھىپىسىگە خاتىرىلىنىدۇ. دائىمىي كومىتېت بۇ زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا نازارەتچىلىك خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنىڭ قەرەلىدە ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشىدۇ.

(4) ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى قوللاش.ۋەكىللەر ئالاقىلىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى كونكرېت تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ ۋەكىللەر بىلەن، ۋەكىللەرنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرىمىز. ۋەكىللەرنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي سەۋىيەسى ۋە مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز. ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ - تەۋسىيەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، بېجىرىش، ئىنكاس قايتۇرۇش ھالقىلىرىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشىلاپ، ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيەلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇش ۋە ئۇنى ھەل قىلىشقا ۋەدە بېرىش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىشنى چىڭ تۇتىمىز. ۋەكىللەرنىڭ دائىمىي كومىتېت، مەخسۇس كومىتېتلار، خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ خىزمەتلىرىگە قاتنىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر، تەۋسىيەلەرنى ئەستايىدىل ئاڭلايمىز ۋە قوبۇل قىلىمىز. ۋەكىللەر كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش ياخشى ئىشلەپ، ۋەكىللەرنىڭ ئۆگىنىشى ۋە تەربىيەلىنىشىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرىمىز. ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز.

(5) تاشقى خىزمەتنى پائال قانات يايدۇرۇش.خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى ئالاقە جەھەتتىكى ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىمىز. يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس كومىتېتلار، دوستلۇق گۇرۇپپىلىرى ۋە خىزمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ تاشقى ئالاقىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرىمىز. مېخانىزملىق ئالاقىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، پارلامېنتلار ئارا كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىققا پائال قاتنىشىپ، ئاممىۋى سەھىيە ساھەسىگە دائىر قانۇن چىقىرىش ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

(6) دائىمىي كومىتېتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش.«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىمىز ۋە ئىزچىللاشتۇرىمىز. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرىمىز. ئىش تەرتىپى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ئۈستىدىكى نەزەرىيە تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخبارات، ئاممىۋى پىكىر خىزمىتىنى ياخشىلايمىز. مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىمىز. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم سىياسەت - فاڭجېنلىرى ۋە تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ بىر پۈتۈن ئۈنۈمىنى ئاشۇرىمىز.

ۋەكىللەر!

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئالدىدا تۇرۇپتىمىز، مىللەتنىڭ گۈللىنىش پارلاق ئىستىقبالى كىشىنى ئالغا بېسىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر نىيەتكە كېلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي ئىشلەپ، مۇھىم تاپشۇرۇقنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!

(تەرجىمىسىنى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى كاتىبات باشقارمىسى تەمىنلىگەن)