سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ شىجىنپىڭغا خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ شياڭگاڭ مەسىلىسىدە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكىنى قوغدىغانلىقىنى قەتئىي قوللىدى

日期:2020年06月01日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسىيېقىندا، سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن - تۈزۈمى ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارنى ماقۇللىغانلىقىنى قوللىدى. ۋۇچىچ مۇنداق دېدى: سېربىيە مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان قىلمىشلارغا قارشى تۇرىدۇ. سېربىيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەت خەلقئارا سەھنىدە خەلقئارا قانۇننىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش ۋە ئۇنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىدۇ. سېربىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ شياڭگاڭ مەسىلىسىدە دانا، كەسكىن قارار چىقارغانلىقىنى قوللايدۇ، جۇڭگونىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان بارلىق قىلمىشلارنى ئەيىبلەيدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ داۋاملىق گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشمەن.