مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى يېپىلدى

日期:2020年05月29日
来源:新疆日报
【字体:

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتناشتى ۋاڭ ياڭ سۆز قىلدى

5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى بېيجىڭدا يېپىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)

5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى، قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، پۇختا خىزمەت ئىشلەپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنى پارتىيەنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرىدىغان ۋە ئۇنى كۈچەيتىدىغان مۇھىم بازىغا، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسى ئارقىلىق ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىل زاتلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان، تەربىيەلەيدىغان، يېتەكلەيدىغان مۇھىم سۇپىغا، ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساستا زىددىيەتنى تۈگىتىدىغان ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەيدىغان مۇھىم يولغا ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا چاقىرىق قىلىندى.

يىغىنغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، پابالا گېليېلاڭجيې، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، ياڭ چۇەنتاڭ، لى بىن، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۈي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

چۈشتىن كېيىن سائەت 3تە، يېپىلىش يىغىنى باشلاندى. ۋاڭ ياڭ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 2151 كىشى، ئەمەلىي قاتناشقىنى 2043 كىشى، بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن، دەپ جاكارلىدى.

يىغىندا لى بىن سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ باش كاتىپلىقىغا سايلاندى. يىغىندا سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى، سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى تەكلىپ كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىنىڭ تەكلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى ماقۇللاندى. ئەزالار مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن - تۈزۈمى ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدا چىقارغان قارارىنى بىردەك ئالقىشلىدى ۋە قوللىدى.

ۋاڭ ياڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىن دۆلىتىمىز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش باسقۇچىغا كىرگەن مۇھىم پەيتتە چاقىرىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرى يىغىنغا قاتنىشىپ، ئەزالار بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشتى. بارلىق ئەزالار دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، پائال ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ مۇجەسسەملەپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى مۇھىم رولىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، بۇ بىر قېتىملىق دېموكراتىك، ئىتتىپاقلاشقان، ئەمەلىيەتچىل، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن يىغىن بولدى.

ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تارىخىي كېسىشىش يىلى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدىن ئىبارەت بۇ «ئىككى چوڭ ۋەزىيەت»نى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈنۈمى ئارقىلىق، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە مۇلازىمەت قىلىشتا لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشى كېرەك. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ كۈرىشىدىن كۈچ ئېلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، خەۋپ - خەتەر، سىناققا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئىدىيەۋى تەييارلىقى ۋە خىزمەت تەييارلىقىنى تولۇق ياخشى قىلىش كېرەك. نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەت ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئەمەلىيەتچىل ئىستىل بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى يېڭىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىشنىڭ پايدىسى بولۇش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنىڭ ئۈنۈمى بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياخشى ئىستىل ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنىڭ ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ ئەزالىقىنى ياخشى ئۆتەش ئاساسىي ماھارىتىنى كۈچەيتىپ، كۆپ كىتاب ئوقۇپ، ياخشى كىتاب ئوقۇپ، كىتاب ئوقۇشقا ماھىر بولۇپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ قانۇنىيىتى ۋە كېڭىشىش ئۇسۇلىنىڭ مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىشنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، دەللىكىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇپ، قەلب ۋە كۈچنى كەڭ تۈردە مۇجەسسەملەش كېرەك.

ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى جۇڭگوچە دېموكراتىيەنى يولغا قويۇشتا رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، تۆھپە قوشۇشى كېرەك. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى زاتلارنى ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشكە ئۈنۈملۈك تەشكىللىشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش بىلەن كۆپ پارتىيە - گۇرۇھ ھەمكارلىقىنى ئورگانىك بىرلىككە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق، دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش بىلەن سىياسىيغا مەركەزلىك، تەرتىپلىك قاتنىشىشنى توغرا يولغا قويۇشنى ئورگانىك بىرلىككە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق، ئىتتىپاقلىقنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئورگانىك بىرلىككە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدىن ئىبارەت مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ تۈزۈم ئۈنۈم ئېففېكتىنى ئۆستۈرۈپ، ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسقا، ئورتاق نىشان ئىنتىلىشىگە، ئورتاق تۈپ مەنپەئەتكە ئىگە سىياسىي ئورتاق گەۋدە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ئىدارە قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇش، بىرىكمە كۈچنى ئاشۇرۇش كېرەك.

يېپىلىش يىغىنىغا قاتناشقان رەھبىرىي يولداشلاردىن يەنە دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ چېن، ليۇ خې، شۈ چىلياڭ، سۈن چۇنلەن، لى شى، لى چياڭ، لى خۇڭجۇڭ، ياڭ جيېچى، ياڭ شياۋدۇ، جاڭ يوۋشيا، چېن شى، چېن چۈەنگو، چېن مىنئېر، خۇ چۇنخۇا، گو شېڭكۇن، خۇاڭ كۇنمىڭ، سەي چى، يوۋ چۈەن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۇنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، ۋېي فېڭخې، ۋاڭ يۇڭ، ۋاڭ يى، شياۋ جيې، جاۋ كېجى، جوۋ چياڭ، جاڭ جۈن قاتارلىقلار بار.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يېپىلىش يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشتى. چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى قاتارلىقلار تەكلىپكە بىنائەن يېپىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە يېپىلدى