پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەر مىللەت خەلق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى

日期:2020年04月05日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن بېيجىڭدا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشتى

4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭنەنخەيدىكى خۇەيرېنتاڭ زالى ئالدىدا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىللە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)

4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدا بايراق يېرىم چۈشۈرۈلۈپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرۈلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ خۇەنزۇڭ فوتوسى)

دۆلەت بايرىقى يېرىم چۈشۈرۈلدى، پۈتۈن مەملىكەت قايغۇغا چۆمدى، 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، گېڭزى يىلىدىكى چىڭمىڭ مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەر مىللەت خەلق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى.

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كەسكىن كۈرىشىدە، بىر تۈركۈم تېببىي خادىملار، كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، مەھەللە خىزمەتچىلىرى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولدى، نۇرغۇن ئاغرىق بەختكە قارشى قازا قىلدى. قەھرىمان ۋەتەن، قەھرىمان خەلق ئىنسانىيەت تارىخىدا تىللاردا داستان بولغۇدەك يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش سەھىپىسىنى پۈتتى.

بۈگۈن، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى - شىمالىدا، سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئىچى - سىرتىدا، دۆلەت ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمدە تەزىيە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ قەھرىمانلارغا تەزىيە بىلدۈردى، خەلق ئەڭ چوڭقۇر سېغىنىش بىلەن قەھرىمانلارنى ئۇزىتىپ قويدى. بۈگۈن، دەريالار نەرە تارتتى، تاغ - دەريالار قايغۇ - ھەسرەتكە چۆمدى، ئانا ۋەتەننىڭ يۈرەك - باغرى ئېزىلدى، يۈز مىليونلىغان قېرىنداشلارنىڭ كۆز يېشى يامغۇردەك تۆكۈلدى.

ئەجدادلار ئەسلەندى. بۇ ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك مۇراسىمغا قان بىلەن گۆشتەك قېرىنداشلىق مېھرى مۇجەسسەملەنگەن، شۇنداقلا مەردانە قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان جاسارەت بىلەن ئىشلەش ئىرادىسى ئىپادىلەنگەن. قازا قىلغانلار خاتىرجەم يېتىڭلار، ھاياتلار جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى!

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسىدۆلەت بايرىقى يېرىم چۈشۈرۈلدى، پۈتۈن مەملىكەت قايغۇغا چۆمدى. 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، گېڭزى يىلىدىكى چىڭمىڭ مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەر مىللەت خەلق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى پايتەخت بېيجىڭدا تەزىيە بىلدۈرۈشكە قاتناشتى.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان دۆلىتىمىزدە يۈزبەرگەن تارقىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز، يۇقۇملىنىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ زور بولغان بىر قېتىملىق تاسادىپىي ئېغىر، زور ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كەسكىن كۈرىشىدە، بىر تۈركۈم تېببىي خادىملار، كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، مەھەللە خىزمەتچىلىرى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولدى، نۇرغۇن ئاغرىق بەختكە قارشى قازا قىلدى.

بۈگۈن، بېيجىڭ تيەنئەنمېن، شىنخۇامېن ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاي، پۈتۈن مەملىكەت ۋە چەت ئەلدىكى ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلار بايراقنى يېرىم چۈشۈرۈپ تەزىيە بىلدۈردى، پۈتۈن مەملىكەتتە ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى توختىتىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى.

جۇڭنەنخەيدىكى خۇەيرېنتاڭ زالى ئالدىدا كەيپىيات ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك بولۇپ، ئىشىك بېشىغا «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدا قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەن قارا تەگلىك ئاق خەتلىك لوزۇنكا ئېسىلغانىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ئاق گۈل تاقاپ بۇ يەرگە كېلىپ، قايغۇلۇق ھېسسىياتتا دۆلەت بايرىقىغا يۈزلىنىپ سۈكۈتتە تۇردى.

سائەت دەل 10دا، ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى چېلىندى، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدا قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى.

ئۈچ مىنۇت، 180 سېكۇنت، قەلبلەر قايغۇلۇق ھېسسىياتقا تولدى.

قەھرىمان ۋەتەن، قەھرىمان خەلق ئىنسانىيەت تارىخىدا تىللاردا داستان بولغۇدەك يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش سەھىپىسىنى پۈتتى.

ئۈچ مىنۇت، 180 سېكۇنت، سىگنال ئاۋازى مۇقەددەس جۇڭخۇا زېمىنىدا ياڭرىدى.

بۇ مەيدان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشى − جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىدىكى يەنە بىر قېتىملىق مىسلى كۆرۈلمىگەن سىناق.

بۇ پەيتتە، خۇبېي، ۋۇخەن ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، كىشىلەر سۈكۈت بىلەن ئۆرە تۇرۇپ بېشىنى ئەگدى، ئىنتايىن قايغۇردى. ئاپتوموبىل، پويىز، پاراخوتلارنىڭ سىگنال - گۈدۈك ئاۋازى ئۇزاققىچە ياڭرىدى.

قەھرىمانلار خاتىرجەم مېڭىڭلار! بۈگۈن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى - شىمالىدا، سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئىچى - سىرتىدا، دۆلەت ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمدە تەزىيە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ قەھرىمانلارغا تەزىيە بىلدۈردى، خەلق ئەڭ چوڭقۇر سېغىنىش بىلەن قەھرىمانلارنى ئۇزىتىپ قويدى.

قازا قىلغانلار خاتىرجەم يېتىڭلار! بۈگۈن دەريالار نەرە تارتتى، تاغ - دەريالار قايغۇ - ھەسرەتكە چۆمدى، ئانا ۋەتەننىڭ يۈرەك - باغرى ئېزىلدى، يۈز مىليونلىغان قېرىنداشلارنىڭ كۆز يېشى يامغۇردەك تۆكۈلدى.

ئالاقە تورىدا، دوستلار چەمبىرىكىدە، كىشىلەر ئۆزلۈكىدىن تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشتى، سېغىنىش ھېسسىياتى ئۈزۈلمىدى.

مەملىكەت بويىچە تەزىيە بىلدۈرۈش − قازا قىلغانلارغا نىسبەتەن ھۆرمەت بىلدۈرۈش ۋە ياد ئېتىشتۇر، شۇنداقلا ھاياتلىققا بولغان كۆيۈنۈش ھەم قەدىرلەشتۇر.

بىر ۋۇخەنلىك شەھەر ئاھالىسى مۇنداق دېدى: بىز ئاشۇ قازا قىلغانلارنى ئۇنتۇپ قالمايمىز، قايغۇ - ھەسرەت ئىچىدە قايتا قەد كۆتۈرۈش ئۇلارغا بولغان ئەڭ ياخشى تەسەللىدۇر.

خېبېيغا ياردەم بېرىش تېببىي داۋالاش ئەترىتىدىكى «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» بىر پارتىيە ئەزاسى مۇنداق دېدى: ئازاب ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىش، ئازاب ئىچىدە جاسارەتلىك بولۇش، مانا بۇ بىز بۇ مەيدان «يۇقۇم»غا قارشى جەڭدە قوبۇل قىلغان كۈچ - قۇۋۋەت.

ئەجدادلار ئەسلەندى، بۇ ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك مۇراسىمغا قان بىلەن گۆشتەك قېرىنداشلىق مېھرى مۇجەسسەملەنگەن، شۇنداقلا مەردانە قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان جاسارەت بىلەن ئىشلەش ئىرادىسى ئىپادىلەنگەن.

قازا قىلغانلار خاتىرجەم يېتىڭلار، ھاياتلار جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى!

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى يېقىن ئەتراپتىكى خىزمەت ئورۇنلىرىدا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ئوخشاش بولمىغان شەكىللەر بىلەن تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشتى.