بىر قىسىم دۆلەت ۋە رايونلاردا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا كورېيە زۇڭتۇڭى، ئىران زۇڭتۇڭى، ئىتالىيە زۇڭتۇڭى، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسىگە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

日期:2020年03月15日
来源:新疆日报
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسىدۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا كورېيە زۇڭتۇڭى ۋېن زەييىنگە تېلېگرامما ئەۋەتىپ، يېقىندا كورېيەدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن كورېيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن كورېيە ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولىدىغان دوست قوشنا دۆلەت. كورېيە ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە بۇنىڭدىن ئىلگىرى بەس - بەستە جۇڭگو تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم كۆپلەپ ياردەم بەردى، زۇڭتۇڭ ۋېن زەييىن جۇڭگونىڭ قىيىنچىلىقىنىڭ كورېيەنىڭ قىيىنچىلىقى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يۇقۇمنىڭ دۆلەت چېگراسى يوق، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقى كورېيە تەرەپ ھازىر دۇچ كەلگەن يۇقۇم ۋە قىيىنچىلىقنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تۈردە چامىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىپ، كورېيە تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى قوللايدۇ، كورېيە تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، بالدۇرراق يۇقۇم ئۈستىدىن ئورتاق غەلىبە قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە دۇنيا خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ. مەن جۇڭگو - كورېيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ۋېن زەييىن بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن كورېيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسىدۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئىران زۇڭتۇڭى روھانىيغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، يېقىنقى مەزگىلدە ئىراندا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ئىران ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئىران ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار، ئىككى دۆلەت خەلقى ئەنئەنىۋى دوستلاردىن. ئىران ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى سەمىمىي، دوستانە مەدەت ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلىدى. ئىراننىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، جۇڭگو تەرەپ ئىران تەرەپنى بىر تۈركۈم يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلىدى، پىدائىي سەھىيە مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكى ئەۋەتتى. جۇڭگو تەرەپ ئىران تەرەپ بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ھەم داۋاملىق ئىران تەرەپكە چامىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. ئىران ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جېڭىدە جەزمەن غەلىبە قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسىدۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئىتالىيە زۇڭتۇڭى ماتارېللاغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، يېقىنقى مەزگىلدە ئىتالىيەدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ئىتالىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۆزئارا قوللاش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش باشتىن - ئاخىر جۇڭگو - ئىتالىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسى. ئىتالىيە تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان مۇشۇ پەيتتە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ئىتالىيە تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىنسانلار تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، پەقەت ئىتتىپاقلاشقاندىلا، ھەمكارلاشقاندىلا ئاندىن تۈرلۈك يەرشارىۋى خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ. پەقەت جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە ئىككى دۆلەت ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەت قول تۇتۇشۇپ تىرىشىدىغانلا بولسا، چوقۇم ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، بالدۇرراق يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، بىرلىكتە ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ساغلاملىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى قوغدىيالايدۇ. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، مەن قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىش داۋامىدا، جۇڭگو - ئىتالىيە ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدىغانلىقىغا، ھەمكارلىق ماھىيەتلىك مەزمۇنىنىڭ تېخىمۇ بېيىيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسىدۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىچېل ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى فون دېلەيىنگە تېلېگرامما ئەۋەتىپ، يېقىنقى مەزگىلدە ياۋروپا ئىتتىپاقىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېقىندا ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەم ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەر كۆپ خىل شەكىلدە جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلىشىگە قارىتا ھال سورايدىغانلىقىنى ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىتتىپاقلىق كۈچ دېمەكتۇر. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ، پائال ياردەم بېرىشنى، ياۋروپا تەرەپنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىشىغا ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ياۋروپا تەرەپ بىلەن ئىككى تەرەپلىك ۋە خەلقئارا قاتلامدىن ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، يەر شارى ۋە رايونلارنىڭ ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغداپ، ئىككى تەرەپ خەلقى ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، ياۋروپا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ تۆت چوڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.