شى جىنپىڭ گىرېتسىيەنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن زۇڭتۇڭى ساكېللاروپولوغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

日期:2020年03月14日
来源:新疆日报
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسىدۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى كاتېرىنا ساكېللاروپولوغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ گىرېتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن گىرېتسىيە ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ۋە مەدەنىيەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان ياخشى دوست. بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدا، مەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا گىرېتسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدۇم، مەن ئىككى دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىدا قولغا كەلتۈرگەن مول نەتىجىلىرىدىن مەمنۇن بولدۇم، جۇڭگو - گىرېتسىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالىغا تولۇق ئىشەنچىم بار. مەن جۇڭگو - گىرېتسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ساكېللاروپولو بىلەن ياخشى خىزمەت مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، جۇڭگو - گىرېتسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.