قىلچە بوشاشماي تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، خۇبېينى قوغداش جېڭى، ۋۇخەننى قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

日期:2020年03月11日
来源:新疆日报
【字体:

شى جىنپىڭ خۇبېي ئۆلكىسىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ، بىرىنچى سەپتە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان تېببىي خىزمەتچىلەر، ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر - جەڭچىلىرى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر - ساقچىلىرى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار، پىدائىيلار ۋە ئاھالىلەر، ئاممىنى يوقلاپ ھال سورىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

قىلچە بوشاشماي تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، خۇبېينى قوغداش جېڭى، ۋۇخەننى قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىگە بېرىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈردى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ خوشېنشەن دوختۇرخانىسى قوماندانلىق مەركىزىدە يۇقۇملۇق كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ كېسەلخانىسىدىكىلەر بىلەن سىنلىق كۆرۈشۈپ، كېسەلخانىدىكى ئاغرىقلار ۋە تېببىي خادىملار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)

3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىگە بېرىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈردى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ دۇڭخۇ شىنچېڭ مەھەللىسىدىكى تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى مەركەزلىك يەتكۈزۈش نۇقتىسىدا مەھەللىدىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىش ۋە تەمىنلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋۇخەن، 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسىيېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى مەخسۇس خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىگە بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خۇبېي ۋە ۋۇخەن بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىدىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى ۋە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان جاي. جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، خۇبېي ۋە ۋۇخەننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدە ئاكتىپ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ئۆزگىرىشى كۆرۈلۈپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، لېكىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل، ئېغىر. قانچىكى مۇشۇنداق ۋاقىتتا، كاللىنى شۇنچە سەگەك تۇتۇپ، شۇنچە باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ، شۇنچە غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قىلىپ، ئىشتا نەتىجە قازىنىشقا ماھىر بولۇپ، داۋاملىق تۈردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ھازىرقى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش ۋە ئەڭ مۇھىم خىزمەت بىلىپ، بىخۇدلۇق قىلماي، جەڭدىن بىزار بولماي، بوشىشىپ قالماي، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمەتلىرىنى قىلچە بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، خۇبېينى قوغداش جېڭى، ۋۇخەننى قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ مەيدان كەسكىن كۈرەشتە، خۇبېيدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلدى، پۈتۈن ئۆلكىدىكى تېببىي خىزمەتچىلەر ۋە خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترەتلىرىنىڭ ئەزالىرى تولۇق قوراللىنىپ، قارشى يۆنىلىشتە جەڭگە ئاتلاندى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرى بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئالدى، كەڭ مەھەللە خىزمەتچىلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر - ساقچىلىرى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار، پىدائىيلار بوران - چاپقۇندىن قورقماي، بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇردى، كەڭ ئامما ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، بەس - بەستە قاتناشتى، تىللاردا داستان بولغۇدەك زور بىرتۈركۈم ئىلغار تىپلار ۋە تەسىرلىك ئىش ئىزلار بارلىققا كەلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ مەيدان كەسكىن كۈرەشتە، ۋۇخەن خەلقى ئومۇمىيەتنى تونۇپ، چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، قەيسەرلىك بىلەن باش ئەگمەي، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاڭلىق بويسۇنۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاتلىنىپ، مۇھىم، زور تۆھپە قوشۇپ، پۈتۈن مەملىكەتكە، پۈتۈن دۇنياغا ۋۇخەن خەلقىنىڭ ئېگىلمەس - سۇنماس، ئالىيجاناب پەزىلىتىنى نامايان قىلدى. دەل ۋۇخەن خەلقىنىڭ قۇربان بېرىشى ۋە ئۆزىنى بېغىشلىشى بولغاچقا، ۋۇخەن خەلقىنىڭ چىڭ تۇرۇشى ۋە تىرىشچانلىقى بولغاچقا، بۈگۈن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە پائال ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ھالىتى بارلىققا كەلدى. ۋۇخەن خەلقى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، جۇڭگو كۈچى، جۇڭگو روھىنى نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشتەك ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنى ئەكس ئەتتۈردى. ۋۇخەن قەھرىمان شەھەر بولۇشقا مۇناسىپ، ۋۇخەن خەلقى قەھرىمان خەلق بولۇشقا مۇناسىپ، بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە غەلىبە قىلىش ئارقىلىق جەزمەن يەنە بىر قېتىم تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ! پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق سىلەردىن تەسىرلەندى، سىلەرنى ئالقىشلىدى! پارتىيە ۋە خەلق ۋۇخەن خەلقىگە رەھمەت ئېيتىدۇ!

شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن خۇبېي ۋە ۋۇخەندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىغا سەمىمىي سالام يوللىدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر - ساقچىلىرى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار، پىدائىيلار ھەمدە ھەرقايسى تەرەپلەردىكى يولداشلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، كېسەللىك ئالۋاستىسىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئاغرىقلار ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى، بۇ مەيدان يۇقۇمدا بەختكە قارشى قازا قىلغان قېرىنداشلار، بىرىنچى سەپتە قۇربان بولغان خىزمەتچى خادىملارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ تەكشۈرۈشكە قاتناشتى.

شى جىنپىڭ خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى سۈن چۇنلەن، خۇبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يىڭ يۇڭ، خۇبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ۋۇخەن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جۇڭلىننىڭ ھەمراھلىقىدا، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ئېغىر ئاغرىقلارنى مەركەزلىك قوبۇل قىلىپ داۋالاۋاتقان خوشېنشەن دوختۇرخانىسىغا باردى.

خوشېنشەن دوختۇرخانىسىنىڭ قوماندانلىق مەركىزىدە، شى جىنپىڭ دوختۇرخانىنىڭ قۇرۇلۇش، يۈرۈشۈش، ئاغرىقلارنى قوبۇل قىلىپ داۋالاش، تېببىي خادىملارنىڭ مۇداپىئەلىنىش كاپالىتى، پەن تەتقىقاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئارمىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر پەۋقۇلئاددە قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرىش، پەۋقۇلئاددە جەڭ قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي خۇبېي ۋە ۋۇخەنگە ئاتلىنىپ، قىلچە قورقماي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىگە كىرىشىپ، كېچە - كۈندۈز جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، پىداكارلىق كۆرسىتىپ، مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، بۇرچىغا يۈزكېلىپ، ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، كېسەللىك ئالۋاستىسى بىلەن ئېلىشىپ، ۋۇخەننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە مۇھىم تۆھپە قوشتى. ئارمىيەدىكى تېببىي خادىملار ئارمىيەمىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، چاقىرغان ھامان كېلىدىغان، كەلگەن ھامان جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان بولۇپ، پارتىيە بايرىقى، ئارمىيە بايرىقىغا شەرەپ كەلتۈردى. جىددىي پەيتتە قەھرىماننىڭ خىسلىتى نامايان بولدى. سىلەر ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىش، مېھىر - مۇھەببەتنىڭ چېكى بولماسلىقنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردۇڭلار. سىلەر يورۇقلۇق ئەلچىلىرى، ئۈمىد ئەلچىلىرى، ئەڭ گۈزەل پەرىشتىلەر، ھەقىقىي قەھرىمانلار! پارتىيە ۋە خەلق سىلەرگە رەھمەت ئېيتىدۇ!

شى جىنپىڭ يىراقتىن بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇش سۇپىسى ئارقىلىق، كېسەل رايونىدا خىزمەت قىلىۋاتقان تېببىي خادىملار ۋەكىللىرى بىلەن سىنلىق كۆرۈشۈپ خىزمەت ۋە كاپالەت ئەھۋالىنى سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملار ئەڭ جاپا چەكتى، تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز جىسمانىي ۋە روھىي بېسىمغا بەرداشلىق بەردى، نۇرغۇن يولداشنىڭ يۈزى ۋە قولى سۈركىلىشتىن قاناپ كەتتى، بۇ كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ، ئۇلار يېڭى دەۋردىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر. مەن سىلەرگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن! شى جىنپىڭ كەڭ تېببىي خادىملارغا ئۆزى مۇداپىئەلىنىشنى كۈچەيتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئارام ئېلىپ، ھەم كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىشنى، ھەم كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇشنى تاپىلىدى. ئالاقىدار تارماقلار مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى كاپالىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائاش تەمىناتى، ۋاقىتلىق مائاش ياردەم پۇلى، سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئە قوشۇمچە پۇلى تەمىناتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىش سىياسەت - تەدبىرلىرىنى تېزدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، كۆپچىلىكنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىپ، كۆپچىلىكنىڭ تولۇپ تاشقان روھىي ھالەت بىلەن خىزمەتكە ئاتلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ يەنە يۇقۇملۇق كېسەللەر بۆلۈمى كېسەلخانىسىدىكىلەر بىلەن سىنلىق كۆرۈشۈپ، داۋالىنىۋاتقان ئاغرىقلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ۋە داۋالىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئۇلارنىڭ ئۈنۈملۈك داۋالىنىشقا ئېرىشكەنلىكى، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ئۇ ناھايىتى مەمنۇن بولدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باشتىلا خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قوللانغان بارلىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىدە، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ يۇقۇملىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئەڭ زور ئىمكانىيەت بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئاغرىقنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشنى ئالدىن ئويلاشتى. پۈتۈن مەملىكەت خەلقى سىلەرگە كۆڭۈل بۆلمەكتە، دىققەت قىلماقتا. تېببىي خادىملار پۈتۈن كۈچى بىلەن كۆپچىلىكنى داۋالاپ، يۇقۇملانغان ئاممىغا ھەرقايسى جەھەتتىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ، ئاغرىقلارنى خاتىرجەم داۋالىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك. كۆپچىلىكمۇ جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇپ، ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش روھىي ھالىتىنى ساقلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە بويسۇنۇپ، داۋالاشقا ئاكتىپ ماسلىشىشى كېرەك، بۇ، كېسەللىك ئالۋاستىسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشقا پايدىلىق. شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى!

دوختۇرخانىنىڭ ئىشخانا بىناسى سىرتىدىكى مەيداندا، شى جىنپىڭ خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ يەرلىكتىكى ۋە ئارمىيەدىكى تېببىي خادىملار، باشقا جايدىن خۇبېي ئۆلكىسىگە ياردەم بېرىشكە كەلگەن تېببىي خادىملار ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خۇبېي ۋە ۋۇخەن خەلقى يۇقۇمنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر باش ئەگمەي، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاپ، تېببىي خىزمەتچىلەرنىڭ مېھرىبان قەلبىدىن ئىبارەت ئالىيجاناب روھنى نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى تېببىي خىزمەتچىلەرنىڭ ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگونى تەسىرلەندۈردى، دۇنيانى تەسىرلەندۈردى. ھازىر، يۇقۇمنىڭ يامراش، كېڭىيىش ۋەزىيىتى ئاساسىي جەھەتتىن توسۇلدى، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى تەدرىجىي ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى. بۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، سىلەر ئەڭ چوڭ تۆھپىكار، پارتىيە ۋە خەلق سىلەرگە بىرىنچى دەرىجىلىك تۆھپە يازىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ھەرقايسى تەرەپلەر ئىلگىرىكىدەكلا زور كۈچ بىلەن خۇبېي ۋە ۋۇخەننىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى قوللايدۇ، ئىلگىرىكىدەكلا پۈتۈن كۈچ بىلەن داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى ياردىمى بېرىدۇ، ئىلگىرىكىدەكلا كۆپچىلىكنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقى مەڭگۈ سىلەر بىلەن بىللە، مەڭگۈ سىلەرنىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكىڭلار! يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشى ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كىردى، تولۇق غەيرەتكە كېلىشكە بولىدۇكى، بەل قويۇۋېتىشكە بولمايدۇ. بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، چىشنى چىڭ چىشلەپ، ئاخىرغىچە چىڭ تۇرۇپ، بەرداشلىق بېرىپ، چىڭ ساقلاش كېرەك، ئەجىرنى يوققا چىقىرىۋېتىشكە بولمايدۇ. تېببىي خادىملارنىڭ ساغلاملىقى يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. نۇرغۇن يولداشنىڭ بۇ يەردە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقىنىغا بىر ئايدىن ئاشتى، ناھايىتى جاپا تارتتى، ناھايىتى چارچىدى، سىلەرنىڭ ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىپ، ئوزۇقلۇققا كاپالەتلىك قىلىپ، سالامەتلىكىڭلارنى ئاسرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئالاقىدار تەرەپلەر كۆپچىلىكنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، تۈرلۈك مۇداپىئەلىنىش كاپالىتى تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۆۋەت بىلەن ئالماشتۇرۇش ۋە دەم ئالدۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملارنىڭ ساغلاملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

خوشېنشەن دوختۇرخانىسىدىن ئايرىلىپ، شى جىنپىڭ دۇڭخۇ شىنچېڭ مەھەللىسىگە كېلىپ، مەھەللە سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئەسى، مەھەللە مۇلازىمىتى، ئاممىنىڭ تۇرمۇش كاپالىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى. يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، مەھەللە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان جەمئىي 32 ئاغرىقنى يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ۋە دائىرىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، يېرىم ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان يېڭىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى كۆرۈلمەسلىكتەك ھالەتنى ساقلىدى. باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆيدە ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان ئاھالىلەر بەس - بەستە بالكوندىن ۋە دېرىزىدىن باش شۇجىغا قول ئىشارىسى قىلىپ يۇقىرى ئاۋازدا سالاملاشتى، شى جىنپىڭ كەينى - كەينىدىن كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، ھال سورىدى.

مەھەللە تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى مەركەزلىك تەقسىملەپ يەتكۈزۈش نۇقتىسىدا، شى جىنپىڭ گۈرۈچ، ئۇن، ياغ ۋە يېڭى كۆكتات، مېۋە - چېۋە قاتارلىق تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىش ۋە تەمىنلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر بىلەن ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى ياخشى كاپالەتلەندۈرۈشنى تەكىتلىدى. مەھەللە ساقچى ئىشخانىسى، سەھىيە مۇلازىمەت پونكىتى، مۈلۈك مەركىزى قاتارلىقلارنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مەھەللىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى، ئامما مۇلازىمەت مەركىزىگە كېلىپ، مەھەللىنىڭ دائىرىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشنى يولغا قويۇش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

مەھەللىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى، ئامما مۇلازىمەت مەركىزىدە، شى جىنپىڭ مەھەللە خىزمەتچىلىرى، ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىلىرى، سەھىيە مۇلازىمەت پونكىتى دوختۇرلىرى، تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار، پىدائىيلار قاتارلىقلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەھەللە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى ئەڭ ئالدىنقى سەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپىسى ئىنتايىن ئېغىر، مەھەللىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتناشقان يولداشلارنىڭ خىزمىتى ئىنتايىن جاپالىق. كۆپچىلىك كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، جاپادىن باش تارتماي، ئۈن - تىنسىز بەدەل تۆلەپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئامما ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش، يامرىشىنى توسۇش، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، ۋۇخەندىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ قۇربان بېرىشتىن قورقمايدىغان، مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئالىدىغان، چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزلەيدىغان، ئۆزىنى بېغىشلايدىغان روھىنى نامايان قىلدى. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا ئىككى بازا بار، بىرى دوختۇرخانىدىن ئىبارەت ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىدىغان بازا، بىرى مەھەللىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بازىسى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى مەھەللىگە تايىنىش. مەھەللىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈچلىرىنى مەھەللىلەرگە چۈشۈرۈپ، مەھەللىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەممە مەھەللىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى كۈچلۈك قورغانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىشتا خەلققە زىچ تايىنىش كېرەك. ئامما خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنى قوزغىتىپ، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشنىڭ خەلق مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلىپ يىغىن ئېچىپ، مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى، خۇبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خۇبېي ۋە ۋۇخەننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى نۇقتىلىق قوللاپ، ئەڭ ئومۇميۈزلۈك، ئەڭ قاتتىق، ئەڭ ئۈزۈل - كېسىل ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش، يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توستى. خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر زور كۈچ بىلەن ھەمدەم بولۇپ، تېز سۈرئەتتە ياردەم بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ئەۋجگە كۆتۈردى. جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، خۇبېي ۋە ۋۇخەننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدە ئاكتىپ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ئۆزگىرىشى كۆرۈلۈپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇش، ۋەزىيەتتە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىش نىشانى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ھازىر، خۇبېي ۋە ۋۇخەننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل، ئېغىر. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، تېخىمۇ قاتتىق ئىستىل، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىر ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تېببىي داۋالاش - قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئىلمىي دەل جايىدا قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەڭ زور چەكتە داۋالاپ ساقايتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. «تۆتنى مەركەزلەشتۈرۈش» تەدبىرىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەۋزەل داۋالاش بايلىقى ۋە تېخنىكا كۈچلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش، تەتقىق قىلىپ ئېچىلغان ۋە تاللانغان ئۈنۈملۈك دورىلارنى تېزدىن ئومۇملاشتۇرۇپ، قوللىنىپ، قۇتقۇزۇش - داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تېببىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، تەقسىملەشنى كۈچەيتىپ، دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىقلارنىڭ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە داۋالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. دوختۇر، سېسترالار كۈچى ۋە داۋالاش بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، باشقا ئاغرىقلارنىڭ كۈندىلىك داۋالىنىش ئېھتىياجىغىمۇ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، نورمال داۋالاش تەرتىپىنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى «ئالدىنى ئېلىش»تا. ھازىر ئاچقۇچلۇق پەيتكە كەلدى، جەزمەن چىشنى چىڭ چىشلەپ قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. خەلق ئاممىسىغا يېقىندىن تايىنىپ، خەلق ئاممىسىنى تولۇق قوزغىتىپ، ئاممىنىڭ ئۆزىگە مۇلازىمەت قىلىش، ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كىرىپ - چىققان خادىملارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تارقىلىشچان كېسەل ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئىچكى جەھەتتە كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تاشقى جەھەتتە سىرتقا تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتەك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىستراتېگىيەسىنى ساقلاش، شۇنىڭ بىلەن بىللە ساغلاملىقنى باشقۇرۇش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، «نۇقتىدىن نۇقتىغا بولۇش، بىر كۆزنەكلىك بولۇش» چارىسىنى قوللىنىپ، ئىشلەمچىلەرنى مەركەزلىك دەل جايىدا، بىخەتەر ئىش ئورنىغا قايتۇرۇپ كېلىش، باشقا جايلاردىن كېلىپ خۇبېيدا تۇرۇپ قالغان كىشىلەرنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك يۇرتىغا قايتىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: داۋالاش كۈچى ئاجىز شەھەر، ئوبلاستلارنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئۆمەكلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سەييارە دىياگنوز قويۇش، داۋالاش، يىراق مۇساپىلىك بىرلەشمە دىياگنوز قويۇش قاتارلىق ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېزىلارنىڭ داۋالاش - سەھىيە شارائىتىنى ياخشىلاپ، يېزىلاردىكى تېببىي خادىملار ۋە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، زۆرۈر مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئاممىنى قوزغىتىپ مۇھىت تازىلىقىنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنى ياخشى بولغان تازىلىق ئادىتى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈشكە تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق تۇرمۇشى مۇقىم بولسا، كىشىلەرنىڭ كۆڭلى مۇقىم بولىدۇ، جەمئىيەت مۇقىم بولىدۇ. خۇبېي ۋە ۋۇخەن قاتارلىق يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر جايلاردىكى ئاممىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئايرىلىپ تۇرغىنىغا شۇنچە ئۇزاق ۋاقىت بولدى، بەزىلەرنىڭ كەيپىياتىنىڭ تۇراقسىزلىشىپ دەرد تۆكۈشىنى توغرا چۈشىنىپ، ئۇلارغا كەڭ قورساق بولۇپ، ئەپۇچان بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەت سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىش كېرەك. ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تولۇق ئويلىشىپ، بازارنىڭ تەمىنلەش - ئېھتىياج ۋە باھا ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، گۆش، ئۆي قۇشلىرى، تۇخۇم، سۈت قاتارلىق زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سەۋەبىدىن ئۆيدە ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان ئىگە - چاقىسىز ياشانغانلار، قىيىنچىلىقى بار بالىلار، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر، مېيىپلەر قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا قارىتا ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلەشكۈچىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زىيارەت قىلىش، يوقلاشنى كۈچەيتىپ، ۋاقتىدا زۆرۈر ياردەم بىلەن تەمىنلەش كېرەك. پىسخىكىلىق يېتەكلەش ۋە پىسخىكىلىق ئارىلىشىشنى كۈچەيتىش، بولۇپمۇ ئاغرىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى قاتارلىقلارغا بولغان پىسخىكىلىق يېتەكلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىدىغان، قەلبنى ئىللىتىدىغان، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەيدىغان ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتى يارىتىش كېرەك. قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت دائىرىسىدىن باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جەريانىدا كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان تۈرلۈك مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى يۇقۇم قىسقا مۇددەت ئىچىدە خۇبېينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ، لېكىن ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشتەك ئاساسىي ئەھۋالىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، پەرقلىق تاكتىكا قوللىنىپ، رايونغا ئايرىش، دەرىجىگە ئايرىشنى، تۈرگە ئايرىش، ۋاقىتقا ئايرىشنى، شارائىتى بارلار ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مۇۋاپىق ۋاقىتتا قوزغىتىش كېرەك. دۆلەت ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار قوللاش سىياسەتلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارغا ياردەم بېرىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قاراتمىلىق ھالدا قانات يايدۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» تەدبىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى، دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قەتئىي ياخشى تۇتۇش كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنىدىكى ھەرقايسى مىنىستىرلىق، كومىتېتلار خۇبېينى قوللاش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، خۇبېينىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقى ۋە كونكرېت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، بالدۇرراق ئومۇميۈزلۈك نورمال يولغا كىرىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىغا بولغان بىر قېتىملىق چوڭ سىناق بولۇپ، ھەم تەجرىبە بار، ھەم ساۋاقمۇ بار. كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، تەجرىبە - ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى كەمتۈكلۈك ۋە ئاجىز تۈرلەرنى تېزدىن تولۇقلاپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۈزۈم مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. شەھەر ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە شەھەر - يېزا ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «تولۇق دەۋرىيلىك باشقۇرۇش» ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، پەۋقۇلئاددە چوڭ شەھەرنىڭ زامانىۋى ئىدارە قىلىش يېڭى يولى ئۈستىدە تىرىشىپ ئىزدىنىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەمىز ئىچكى ئەنسىزلىك - تاشقى پاراكەندىچىلىك ئىچىدە دۇنياغا كەلگەن، جاپا - مۇشەققەت ۋە ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا قۇدرەت تاپقان. كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ روشەن سىياسىي خىسلىتى، شۇنداقلا بىزنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىمىز. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، سىناققا بەرداشلىق بېرىپ، بۇ قېتىمقى چوڭ سىناقتا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش جاسارىتى، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەقىل - پاراسىتى، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش تەدبىرى، تەشكىللەپ يولغا قويۇش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا چارە - تەدبىرلىك بولۇش كېرەك. شەكىلۋازلىققا، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تېخىمۇ كۆپ زېھنىي كۈچىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە قاراتقۇزۇش كېرەك. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى خەتەرلىك پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، چوڭ جەڭ داۋامىدا ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، چوڭ سىناقتا لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، خۇبېي ئۆلكىسىدىكى 13 شەھەر، ئوبلاست ۋە ئۆلكىگە بىۋاسىتە قاراشلىق تۆت ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورۇنلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى، ھەرقايسى جايلاردىكى پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار تارماقلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ۋە باشقا جايلارنىڭ ھەرقايسى شەھەر، ئوبلاستلارغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترەتلىرىنىڭ يېتەكچىلىرى قاتناشتى.

دىڭ شۆشياڭ، جاڭ يوۋشيا ۋە ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.