جەزمەن تېببىي خادىملارغا بولغان قوغداش، كۆيۈنۈش، ئاسراشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تېببىي خادىملارنىڭ سىجىل ساغلام بولۇپ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش كۈرىشىگە ئاتلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

日期:2020年02月20日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

جەزمەن تېببىي خادىملارغا بولغان قوغداش، كۆيۈنۈش، ئاسراشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تېببىي خادىملارنىڭ سىجىل ساغلام بولۇپ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش كۈرىشىگە ئاتلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتنىشىۋاتقان تېببىي خادىملارغا كۆيۈنۈش ۋە ئۇلارنى ئاسراش توغرىسىدا مەخسۇس مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تېببىي خادىملار يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىكى تايانچ كۈچ، جەزمەن ئۇلارغا بولغان قوغداش، كۆيۈنۈش، ئاسراشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرقايسى جەھەتتىن قوللاپ، كاپالەت بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنى باشتىن - ئاخىر قۇدرەتلىك جەڭگىۋارلىق، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى، ئۇرغۇپ تۇرغان زېھنىي كۈچنى ساقلاپ، سىجىل ساغلام بولۇپ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش كۈرىشىگە ئاتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قوماندانلىق قىلىش - تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇش، ئارقا سەپ كاپالىتى ئىلمىي، جايىدا بولۇشى، تېببىي خادىملارنىڭ بېسىمىنى يەڭگىللىتىش، تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، زۆرۈر بولغان دەم ئالدۇرۇش، مەنىۋى ئىلھام بېرىشنى جەزمەن ۋاقتىدا كۈچەيتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چوقۇم خۇبېي(ۋۇخەن)دىكى داۋلاش قوشۇنىنىڭ خىزمەتلەرنى بىخەتەر - تەرتىپلىك، بىرتۇتاش - ماس، كۈچلۈك - ئۈنۈملۈك، ۋاقتىدا - تېز قانات يايدۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، كەڭ تېببىي خادىملار كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، ئۇدا تىرىشىپ كۈرەش قىلدى، بەزى تېببىي خادىملار بەختكە قارشى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندى، بەزىلىرى ھەتتا ھاياتىنى تەقدىم قىلىپ، تېببىي خادىملارنىڭ مېھرىبان ئالىيجاناب روھىنى نامايان قىلدى. شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم رىياسەتچىلىك قىلىپ يىغىن ئېچىپ، مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، پۈتۈن مەملىكەت، بولۇپمۇ خۇبېي ۋە ۋۇخەندىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان تېببىي خادىملارغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى. ئۇ بېيجىڭدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، كەڭ تېببىي خادىملاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ھەم ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقى ۋە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 29 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ۋە ئارمىيە سىستېمىسى 30 مىڭدىن ئارتۇق تېببىي خادىمنى خۇبېي(ۋۇخەن)غا جىددىي ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى.