شى جىنپىڭ كىرودىيەنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن زۇڭتۇڭىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

日期:2020年02月19日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ زوران. مىرانوۋىچقا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ كىرودىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو - كىرودىيە ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى مۇستەھكەم، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش نەتىجىلىرى مول، جۇڭگو − ئوتتۇرا - شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق رامكىسى ئىچىدە ياخشى ھەمكارلىق قانات يايدۇرۇلماقتا. كىرودىيە جۇڭگونىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ياخشى دوستى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى نۆۋەت بىلەن ئۆتەۋاتىدۇ. مەن جۇڭگو - كىرودىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ مىرانوۋىچ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ دوستلۇقى ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا - شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى ۋە جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.