شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى جونسون بىلەن تېلېفونلاشتى

日期:2020年02月19日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسىدۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن تەكلىپ بويىچە فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، زۇڭتۇڭ ئەپەندى يەنە بىر قېتىم تېلېفون قىلىپ، جۇڭگو تەرەپتىن ھال سورايدىغانلىقىنى ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇ، جۇڭگو - فىرانسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقى ۋە جۇڭگو - فىرانسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى ھەمدە سىزنىڭ جۇڭگو ۋە جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىڭىزنى تولۇق ئىپادىلىدى، مەن بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىمەن ۋە ئالقىشلايمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو تەرەپ ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكىلەرنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشىنى قوزغىدى. جۇڭگو قۇدرەتلىك سەپەرۋەرلىك قىلىش ئىقتىدارىغا ۋە ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچكە ئىگە، ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىگە تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىسى بار، بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە چوقۇم غەلىبە قىلالايدۇ. نۆۋەتتە، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىدە پائال نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. بىز ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، تۈرلۈك كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە مەدەت بېرىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي تەمىناتنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىۋاتىمىز. يۇقۇمنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋاقىتلىق، ئىشىنىمىزكى تىرىشىش ئارقىلىق، بۇ يىل بىز بەلگىلەنگەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى يەنىلا ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: چىن مېھىر - مۇھەببەت ئېغىر كۈنلەردە بىلىنىدۇ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداپلا قالماي، دۇنيا ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىگىمۇ يۈكسەك مەسئۇل بولىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئاساسلىقى جۇڭگو خەلقىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە خەلقئارا جەمئىيەت تەمىنلىگەن ياردەمگە رەھمەت ئېيتىدۇ. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ئوچۇق - ئاشكارا پوزىتسىيە بىلەن، فىرانسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە تەرەپ بىلەن سەھىيە ساھەسىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى، رايون ۋە دۇنيا ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى ئورتاق ياخشى قوغداشنى خالايدۇ.

ماكرون جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا يەنە بىر قېتىم مەدەت بەردى، جۇڭگو تەرەپنىڭ ۋاقتىدا كۈچلۈك تەدبىر قوللانغانلىقى، يۇقىرى دەرىجىدە ئوچۇق - ئاشكارا ئىش كۆرگەنلىكىگە قايىل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ماكرون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنى بىر تۈركۈم داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى، داۋاملىق ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. فىرانسىيە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان كەسپىي پىكرىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، يۇقۇمغا بولغان ئىنكاسى ئومۇمىي جەھەتتىن ئوبيېكتىپ، نۆۋەتتە فىرانسىيەنىڭ ۋۇخەندە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى يەنىلا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىللە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ ھەم بۇنى پۇرسەت بىلىپ، سەھىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسىدۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، تەكلىپ بويىچە ئەنگلىيە باش ۋەزىرى جونسون بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ ئايال پادىشاھ ئېلزابېتⅡ ۋە جونسوننىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇۋاتقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھال سورىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەنگلىيە تەرەپ بىزنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىمىزنى ماددىي ئەشيا ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، جۇڭگو - ئەنگلىيە ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇق رىشتىنى نامايان قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى توپلاپ، ئەڭ ئومۇميۈزلۈك، ئەڭ قاتتىق، ئەڭ ئۈزۈل - كېسىل بولغان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللاندى. جاپاغا چىداپ تىرىشىش ئارقىلىق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدە ئاكتىپ ئۆزگىرىش بولۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈۋاتىدۇ. ھازىر، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كىردى. بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قەتئىي ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، يۇقۇم پەيدا قىلغان تەسىرنى تىرىشىپ ئازايتىمىز. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، ئىچكى ئېھتىياج بوشلۇقى كەڭ، كەسىپ ئاساسى تولۇق، بىزنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، بولۇپمۇ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ياخشى تۇتۇشقا ئىشەنچىمىز بار، ئىقتىدارىمىز بار.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەم دۆلىتىمىز خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا مەسئۇل بولىدۇ، ھەم دۇنيا ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرىدا مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدۇ. بىز غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يۇقۇمنىڭ دۇنيا دائىرىسىدە يامراپ كېتىشىنى ئۈنۈملۈك توستۇق. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق ئوچۇق - ئاشكارا پوزىتسىيەدە، ئەنگلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە ئوخشاشلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي كېڭەش دۆلىتى، يەر شارىۋى خىرىس كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقان ۋەزىيەتتە، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، تېخىمۇ كۆپ رولىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو - ئەنگلىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئون يىللىق سەپىرىنى قايتا باشلاشقا يېتەكلىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات چوڭ يۆنىلىشىنى ئىستراتېگىيەلىك نۇقتا ۋە سىياسىي يۈكسەكلىكتە ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش ھەمكارلىق يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور ئىشلارغا ئېتىبار بېرىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلامدىكى ھەمتۈرتكىلىكنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئىقتىساد جەھەتتىكى ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىقىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ماھىيەتلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئەنگلىيە تەرەپ بىلەن بىللە كۆپ تەرەپچىللىك ۋە ئەركىن سودىنى قوغداپ، مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

جونسون ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن جۇڭگو خەلقىدىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقى، تىزگىنلىگەنلىكى، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ئۇچۇردىن ۋاقتىدا تەڭ ئورتاقلاشقانلىقى، يۇقۇمنىڭ دۇنيا مىقياسىدا يامراپ كېتىشىنىڭ تىرىشىپ ئالدىنى ئالغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلىدى. جونسون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەنگلىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا نامايان قىلغان سۈرئىتى ۋە ئۈنۈمىگە قايىل، جۇڭگو تەرەپنى داۋاملىق مەدەت ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقى چوقۇم يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ، ھەم يۇقۇمنىڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا بولغان تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرەلەيدۇ.

جونسون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شەخسەن مەن جۇڭگونى قىزغىن سۆيىمەن، ئەنگلىيە يېڭى ھۆكۈمىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىللە، ھەرقايسى قاتلام، دەرىجىلىكلەر ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەنگلىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ «ئالتۇن دەۋرى»دە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايمەن. ئەنگلىيە جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئەنگلىيەگە كېلىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ، شۇنداقلا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش رامكىسى ئىچىدە جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ئەنگلىيە بىلەن جۇڭگو ھەر ئىككىلىسى تەسىر كۈچكە ئىگە چوڭ دۆلەت، نۇرغۇن خەلقئارالىق مەسىلىلەردىكى مەيدانى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئىككىلا تەرەپ كۆپ تەرەپچىللىكنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەركىن سودىنى قوللاپ، كۆپ تەرەپ سودا تۈزۈلمىسىنى قوغدايدۇ. ئەنگلىيە تەرەپ بۇ يىل مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدىغان «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» يىغىنى ۋە جۇڭگو تەرەپ مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدىغان «جانلىقلار كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» يىغىنى توغرىسىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.