مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى تەتقىق قىلغاندا قىلىنغان سۆز

日期:2020年02月16日
来源:天山网
【字体:

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى تەتقىق قىلغاندا قىلىنغان سۆز

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى2 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ بۇ يىللىق 4 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى «مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى تەتقىق قىلغاندا قىلىنغان سۆز» ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، ئىقتىساد، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشىگىمۇ مۇناسىۋەتلىك. بىز ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش تەلىپى بويىچە، خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، كېسەللىك ئالۋاستىسى بىلەن ئېلىشىپ، يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ھۆكۈمى توغرا، تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋاقتىدا بولدى، قوللانغان تەدبىرلىرىمۇ ئۈنۈملۈك بولدى. ھازىر، ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە خىزمەتلەرنى پۇختا، ئىنچىكە، ئەمەلىي تۇتۇش. ھازىر، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جەھەتتە تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇش كېرەك. بىرىنچى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە بولغان بىرتۇتاش رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر جەزمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش قوماندانلىقى، بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇشى، بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇپ، بۇيرۇققا قاتتىق ئەمەل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تېببىي دورا، سەھىيە مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى ئومۇميۈزلۈك خىزمەت، ئومۇمىي جەڭ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى قوللاش بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. ئىككىنچى، نۇقتىلىق رايونلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ نۇقتىلىق رايونلاردىكى يۇقۇمنى تىزگىنلىگەندىلا، ئاندىن پۈتۈن مەملىكەتتىكى يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى تۈپتىن تېز ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش كۈچلىرىنى رايونلار بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاشنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، قۇتقۇزۇش - داۋالاش بايلىقى ۋە ئالدىنى ئېلىش - قوغداش بايلىقىنى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملارنىڭ ۋە ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشتىكى ئېھتىياجنى ئالدى بىلەن قامداش كېرەك. يەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، مەھەللىلەر ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىرىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالا قويماي تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ قاتتىق، تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە، تېخىمۇ كارغا كېلىدىغان ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئۈچىنچى، قوبۇل قىلىپ داۋالاش نىسبىتى ۋە داۋالاپ ساقايتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقۇملىنىش نىسبىتى ۋە كېسەل بىلەن قازا قىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. بۇ، ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى گەۋدىلىك ۋەزىپە. تۆتىنچى، پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. يۇقۇملۇق كېسەلنى يېڭىش پەن - تېخنىكا تىرىكىدىن ئايرىلالمايدۇ. ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئىلمىي دەلىللەپ، يۇقۇملىنىش مەنبەسى ۋە تارقىلىش يوللىرىنى تېزدىن ئېنىقلاپ، ۋىرۇسنىڭ غەيرىي ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى يېقىندىن ئىز قوغلاپ كۆزىتىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تاكتىكىسى ۋە تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئېغىر، زور يۇقۇمغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. ھازىر، بولۇپمۇ تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. بىرىنچى، نورمال ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك. ئىككىنچى، تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش تەرتىپىنى قوغداش كېرەك. ئۈچىنچى، جەمئىيەت بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. تۆتىنچى، نورمال قاتناش تەرتىپىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: تەشۋىق - تەربىيە ۋە ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تور - تور سىرتى، دۆلەت ئىچى - خەلقئارا، چوڭ - كىچىك ئىشلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىشەنچنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، كىشىلەر قەلبىنى تېخىمۇ ئىللىتىپ، خەلق رايىنى تېخىمۇ مايىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش كېرەك. بىرىنچى، سىياسەتنىڭ ئاشكارىلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىش كېرەك. ئىككىنچى، ئاساسلىق يېتەكچىلىك قىلىپ، توردىكى ئاكتىپ كۈچلەرنى زورايتىش كېرەك. ئۈچىنچى، تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، خەلقئارا ئاممىۋى پىكىرگە ئۈنۈملۈك تەسىر كۆرسىتىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم ئايلىنىشىنى ساقلاش كېرەك. بىز يەنىلا بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ ھەممىسىنى تاماملىشىمىز كېرەك. يۇقۇم ئالاھىدە ئېغىر بولغان رايونلار زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك، باشقا رايونلار ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇشى، بولۇپمۇ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشقا چېتىشلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك، كەينىگە سۈرۈش، ساقلاپ تۇرۇش ئىدىيەسىدە بولۇشقا بولمايدۇ. «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى چۆرىدەپ، تۈرلۈك مۇرەككەپ، قىيىن ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقلىرىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. بىرىنچى، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە پائال تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىككىنچى، مۇھىم، زور تۈرلەردە ئىش باشلاپ قۇرۇلۇش قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۈچىنچى، ئاھالە ئىستېمالىنى كۈچەپ مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، دۆلەت ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بۇ قېتىمقى يۇقۇم دۆلىتىمىزنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىغا نىسبەتەن بىر قېتىملىق چوڭ سىناق، بىز چوقۇم تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك. بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا ئاشكارىلانغان كەمتۈكلۈكلەر ۋە يېتەرسىزلىكلەرگە قارىتا، دۆلەت جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.