شى جىنپىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو، قاتار ئەمىرى تامىم بىلەن تېلېفونلاشتى

日期:2020年02月12日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسىدۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى كەچتە تەكلىپ بويىچە ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر جۇڭگو يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇھىم پەيتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ مەن بىلەن تېلېفونلاشقانلىقى ھىندونېزىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھ بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو تەرەپكە بولغان دوستلۇق مېھرى ۋە قوللىشىنى نامايان قىلدى، ھىندونېزىيەدىكى دوستلارنىڭ جۇڭگوغا ئىشەنگەنلىكى ۋە چۈشەنگەنلىكىگە رەھمەت. جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت، قول تۇتۇشۇپ چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، تېخىمۇ كۆپ رولىنى نامايان قىلىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ھىندونېزىيە بىلەن بولغان ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ئەنئەنىسىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جاكارتا - ۋەنلۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى قاتارلىق «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى نۇقتىلىق تۈرلەرنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت يارىتىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ھازىر جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بىرىنچى چوڭ ئىشى. بىز تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەڭ قاتتىق، ئەڭ تەلتۆكۈس ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، پائال نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردۇق. جۇڭخۇا مىللىتى ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن، تىز پۈكمەس مىللەت بولۇپ، قىيىنچىلىق ۋە خىرىس قانچە زور بولغانسېرى، ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقى شۇنچە كۈچىيىدۇ. بىزنىڭ ھەم يۇقۇم ئۈستىدىن تەلتۆكۈس غەلىبە قىلىشقا، ھەم بېكىتىلگەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا ئىقتىدارىمىز بار، ئىشەنچىمىز بار ھەم كۆزىمىز يېتىدۇ. ئىشىنىمەنكى جۇڭگو بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، تېخىمۇ گۈللىنىپ روناق تاپىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىز ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەم دۆلىتىمىز خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا مەسئۇل بولىمىز، ھەم يەر شارىۋى ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرىدا مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىمىز. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق ئاشكارا، ئوچۇق پوزىتسىيە بىلەن ھىندونېزىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، رايون ۋە يەر شارىۋى ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ. بىز داۋاملىق ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ پۇقرالىرىغا مۇئامىلە قىلغاندەك، ھىندونېزىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودىكى خادىملىرىغا ياخشى كۆڭۈل بۆلىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چىن مېھىر - مۇھەببەت ئېغىر كۈنلەردە بىلىنىدۇ. يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، ھىندونېزىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىزنى ھەرقايسى جەھەتتىن قىممەتلىك قوللاپ قوشنىلار ئارىسىدىكى جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشنى نامايان قىلدى. بىز رايون دۆلەتلىرىنىڭ مۇۋاپىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن بىللە، ئىككى تەرەپ ئالاقە - ھەمكارلىقىنى تىرىشىپ قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بۇ ئىككى تەرەپ ۋە بۇ رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن.

جوكو ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا ئۇچرىغانلىقىدىن ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جوكو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر جۇڭگو يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى قىيىن پەيتتە تۇرۇۋاتىدۇ، ھىندونېزىيە جۇڭگونىڭ سەمىمىي ھەمراھى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشتىن - ئاخىر جۇڭگو خەلقى بىلەن بىر سەپتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو خەلقى بىلەن ئورتاق تىرىشىپ تېزدىن يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ. ھىندونېزىيە جۇڭگو تەرەپنى بىر تۈركۈم تېببىي مۇداپىئە بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلىدى، ئەگەر جۇڭگو تەرەپ ئېھتىياجلىق بولسا، ھىندونېزىيە جۇڭگو تەرەپنى داۋاملىق زۆرۈر ياردەم بىلەن تەمىنلەشكە تەييار. ھىندونېزىيە جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ سىنىقى ئارقىلىق ھىندونېزىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسىدۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى كەچتە تەكلىپ بويىچە قاتار ئەمىرى تامىم بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، قاتار تەرەپ جۇڭگو تەرەپنى قوللايدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم بىلدۈردى ھەم قاتار ئاۋىياتسىيە تورى ئارقىلىق جۇڭگو تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇشىغا ياردەم بەردى، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىدۇ ۋە ئالقىشلايدۇ. باشقا كۈن چۈشكەندە سىنالغان چىن مېھىر - مۇھەببەت جۇڭگو خەلقىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - قاتار مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، قاتار تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور ئىشلىرىغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە داۋاملىق ئۆزئارا قوللاپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ھەرىكەتكە كېلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، ئەڭ تەلتۆكۈس، ئەڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، بىر مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشىنى ئەۋجىگە كۆتۈردى. ھازىر، بىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىمىزدە پائال نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈۋاتىدۇ. جۇڭگو خەلقىنىڭ ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىدىغان تۈزۈم ئەۋزەللىكىگە، قۇدرەتلىك ماددىي ۋە تېخنىكا ئاساسىغا، شۇنداقلا مول ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىگە تايىنىپ، بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنچى بار، ئىقتىدارى بار ھەم كۆزى يېتىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا مەسئۇل بولىدۇ، شۇنداقلا يەنە دۇنيا ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىگە ئاكتىپ تۆھپە قوشتى. جۇڭگو كۈچلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللانغانلىقى ئۈچۈن، خەلقئارادا زور كۆلەمدە تارقىلىش، يامراش كۆرۈلمىدى. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سەپەر قىلىش ۋە سەھىيە توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرىنى ۋاقتىدا چۈشىنىشى ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو تەرەپ قاتار تەرەپ بىلەن بولغان زىچ ئالاقىنى ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىپ، جۇڭگودىكى قاتار پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇشى ۋە ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ساغلاملىق بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي، ياخشى قوغداشنى خالايدۇ.

تامىم قاتار ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ جاسارەت بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرغانلىقىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بەختكە قارشى كېسەل سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن ھال سورىدى، ئاغرىقلارنىڭ تېزدىن ساقىيىشىنى تىلىدى. تامىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قاتار تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ قوللانغان كۈچلۈك تەدبىرلىرىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، مەن تامامەن ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو تەرەپنىڭ يۇقۇمنى تېزدىن يېڭىشكە ئىقتىدارى بار، كۆزى يېتىدۇ، كۆز ئالدىدىكى قىيىنچىلىقنى يېڭەلەيدۇ، جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنى تىلەيمەن. جۇڭگو خەلقى قاتار خەلقىنىڭ ياخشى دوستى، قاتار تەرەپ باشتىن - ئاخىر قەتئىي تۈردە جۇڭگو خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ. قاتار تەرەپ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ، مەن قاتار سەھىيە ئاپپاراتلىرىغا جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا يوليورۇق بېرىمەن. جۇڭگو تەرەپنىڭ ھەرقانداق ئېھتىياجى بولسا، قاتار تەرەپ جۇڭگو تەرەپكە داۋاملىق ياردەم بېرىشكە ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىدۇ. قاتار تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، قاتار - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.