تېخىمۇ قەتئىي ئىشەنچ، تېخىمۇ قەيسەر ئىرادە، تېخىمۇ كەسكىن تەدبىرلەر ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

日期:2020年02月11日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ يېتەكچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

تېخىمۇ قەتئىي ئىشەنچ، تېخىمۇ قەيسەر ئىرادە، تېخىمۇ كەسكىن تەدبىرلەر ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ يېتەكچىلىك قىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ چاۋياڭ رايونى ئەنجېن كوچىسى ئەنخۇالى مەھەللىسىدە ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىنىڭ يۇقۇمنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پاڭ شىڭلېي فوتوسى)

2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ يېتەكچىلىك قىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ پايتەخت تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى بېيجىڭ دىتەن دوختۇرخانىسىنىڭ يىراق مۇساپىلىك دىياگنوز قويۇش، داۋالاش مەركىزىدە، ۋۇخەن شەھىرى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنى يىغىپ داۋالاۋاتقان جىنيىنتەن دوختۇرخانىسى، شيېخې دوختۇرخانىسى، خوشېنشەن دوختۇرخانىسىدىكىلەر بىلەن سىنلىق كۆرۈشۈپ، ئەھۋال ئىگىلىدى، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى، بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خىزمەتچىلەردىن ھال سورىدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى بېيجىڭدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ يېتەكچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر يۇقۇم ۋەزىيىتى يەنىلا ئىنتايىن كەسكىن، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش ئومۇمىي تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، باتۇرانە كۈرەش قىلىپ، تېخىمۇ قەتئىي ئىشەنچ، تېخىمۇ قەيسەر ئىرادە، تېخىمۇ كەسكىن تەدبىرلەر ئارقىلىق، خەلق ئاممىسىغا چىڭ تايىنىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش، يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشى كېرەك.

2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سەي چى ۋە شەھەر باشلىقى چېن جىنىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، مەھەللە، دوختۇرخانا، كېسەللىكنى كونترول قىلىش مەركىزىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەم خۇبېي ۋۇخەننىڭ ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئالدىنقى سېپىدىكىلەر بىلەن سىنلىق كۆرۈشۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان تېببىي خىزمەتچىلەر ۋە كەڭ كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونىنىڭ ئەنجېن كوچىسىدىكى ئەنخۇالى مەھەللىسىگە كېلىپ، ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىنىڭ يۇقۇمنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابىدا، شى جىنپىڭ ئەنجېن كوچىسى ۋە ئەنخۇالى مەھەللىسىنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى قانات يايدۇرغانلىق ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مەھەللىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى نازارەت قىلىش، تىزگىنلەشتىن ئىبارەت «ئىككىنى تولۇق قاپلاش» قاتارلىقلارنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەھەللە يۇقۇمنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپى، شۇنداقلا سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك مۇداپىئە لىنىيەسى. مەھەللىدىن ئىبارەت بۇ مۇداپىئە لىنىيەسىنى ساقلاپ قالغاندىلا، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش، يامراش يوللىرىنى ئۈنۈملۈك ئۈزۈۋەتكىلى بولىدۇ. پۈتۈن مەملىكەت مەھەللىلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى توسۇپ زەربە بېرىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈچلىرىنى مەھەللىلەرگە چۈشۈرۈپ، مەھەللىلەرنىڭ تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى كۈچەيتىپ، بارلىق مەھەللىلەرنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى مۇستەھكەم قورغانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمەت نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ ۋە كېڭەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي يېتەكچىلىك رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەھەللە ئاھالىلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ خەلق مۇداپىئە لىنىيەسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن باشلاپ، پايتەخت تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى بېيجىڭ دىتەن دوختۇرخانىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش، ئىلغاپ تەكشۈرۈش، ئايرىۋېتىش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، بېيجىڭ شەھىرىدىكى تۇنجى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالىنى قوبۇل قىلىپ داۋالاشنى باشلىغانىدى. شى جىنپىڭ دىتەن دوختۇرخانىسى ئامبۇلاتورىيە بىناسىنىڭ 1 - قەۋىتىدىكى ئايلىنىشنى نازارەت قىلىش، تىزگىنلەش مەركىزىگە كېلىپ، نازارەت قىلىش، تىزگىنلەش كۆرۈنۈشى ئارقىلىق ئاغرىقلارنىڭ كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم كېسەلخانىدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان تېببىي خادىملار بىلەن سىنلىق كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى داۋالاش لايىھەسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا داۋاملىق پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، قوبۇل قىلىپ داۋالاش نىسبىتى ۋە داۋالاپ ساقايتىش نىسبىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، يۇقۇملىنىش نىسبىتى ۋە كېسەل بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشكە ئىلھاملاندۇردى ھەم ئۇلارغا ئۆزىنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تاپىلىدى.

شى جىنپىڭ خۇبېي ۋە ۋۇخەندىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. دىتەن دوختۇرخانىسىنىڭ يىراق مۇساپىلىك دىياگنوز قويۇش، داۋالاش مەركىزىدە، شى جىنپىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ داۋالاۋاتقان جىنيىنتەن دوختۇرخانىسى، شيېخې دوختۇرخانىسى، خوشېنشەن دوختۇرخانىسىدىكىلەر بىلەن سىنلىق كۆرۈشۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى تېببىي خىزمەتچىلەر، كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلىدى، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىپ، ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، كېسەللىك بىلەن كۈچ سىنىشىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، كېچە - كۈندۈز جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، پارتىيەگە، خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تىركىشىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر چوقۇم چىڭ تۇرۇپ، ئالاھىدە جاپاغا چىدايدىغان، ئالاھىدە كۈرەش قىلالايدىغان روھنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇرۇش سېپىدىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا ئاتلىنىپ، ۋۇخەننى قوغداش جېڭى، خۇبېينى قوغداش جېڭىنى ياخشى قىلىشى كېرەك.

ئارقىدىن شى جىنپىڭ يىراق مۇساپىلىك دىياگنوز قويۇش، داۋالاش مەركىزىدە سىن يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى سۈن چۇنلەن، خۇبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جياڭ چاۋلياڭنىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى، خۇبېي قوماندانلىق ئىشتابىغا ۋاكالىتەن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، خۇبېيدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىغا سەمىمىي سالام يوللىدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرى ۋە ھەرقايسى سەپتىكى يولداشلارغا چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى، بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا بەختكە قارشى كېسەل بىلەن قازا قىلغان ئاممىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، كېسەل بولغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، كېسەل بىلەن قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خۇبېي، بولۇپمۇ ۋۇخەندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، چوڭ ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ، ئاڭلىق ھەرىكەت قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلدى؛ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرى بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇردى، ھەرقايسى جايلاردىن خۇبېي ۋە ۋۇخەنگە ياردەم بېرىشكە بارغان كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرى ھەم ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خادىملار قانچە جاپالىق بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەشتەك قورقماس ئىنقىلابىي روھنى جارى قىلدۇرۇپ، بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي، قۇربان بېرىشتىن قورقماي، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يەڭدى. كۆپچىلىك نۇرغۇن جاپالىق خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئۈچۈن مۇھىم، زور تۆھپە قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھەممىسى خۇبېي ۋە ۋۇخەن خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنى ۋۇخەنگە ئەۋەتكەنلىكى ھەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىنىڭ خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشكە يېتەكچىلىك قىلغانلىق، ھەم خۇبېي خەلقى ۋە ۋۇخەن خەلقى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلغانلىق. ۋۇخەن قەھرىمان شەھەر، خۇبېي خەلقى، ۋۇخەن خەلقى قەھرىمان خەلق بولۇپ، تارىختا ئەزەلدىن قىيىنچىلىق ۋە جاپا - مۇشەققەتكە باش ئەگمىگەن، يولداشلار بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە يەڭگەندىلا، بىز چوقۇم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خۇبېي ۋە ۋۇخەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە مۇھىمنىڭ مۇھىمى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان جاي. ۋۇخەن غەلىبە قىلسا خۇبېي غەلىبە قىلىدۇ، خۇبېي غەلىبە قىلسا، پۈتۈن مەملىكەت غەلىبە قىلىدۇ. ھازىر، خۇبېي ۋە ۋۇخەننىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتى يەنىلا ئىنتايىن كەسكىن بولۇپ، سالمىقى تېخىمۇ زور بولغان، تېخىمۇ كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، قەتئىي تۈردە يۇقۇمنىڭ تارقىلىش، يامراپ كېتىش ۋەزىيىتىنى توسۇش كېرەك. بىرىنچى، قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق قوبۇل قىلىشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مەنبەدىن تىزگىنلەش، تارقىلىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلاش يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى. تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ كېسەل كارىۋىتىنى تېزدىن كۆپەيتىپ، چاسا بۆلمە دوختۇرخانىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مېھمانساراي، تەربىيەلەش مەركىزى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئايرىۋېتىش كېسەل كارىۋىتىنى كۆپەيتىپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئاغرىقلارنى قوبۇل قىلىپ داۋالاش كېرەك. ئىككىنچى، پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئاغرىقلارنى مەركەزلەشتۈرۈش، مۇتەخەسسىسلەرنى مەركەزلەشتۈرۈش، بايلىقلارنى مەركەزلەشتۈرۈش، قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى مەركەزلەشتۈرۈش پىرىنسىپى بويىچە، دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش لايىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، كىلىنىكىلىق داۋالاشتا ئۈنۈمى بىرقەدەر ياخشى دورىلارنى تاللاپ تەتقىق قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. ئۈچىنچى، جەمئىيەت باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك. جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش داۋامىدا كۆرۈلۈشى مۇمكىن بولغان تۈرلۈك مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئەتراپلىق، ئىنچىكە بولۇپ، تۇرمۇش كاپالىتى، داۋالاش - قۇتقۇزۇش، پىسخىكىلىق تەسىر كۆرسىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى جايىدا ئىشلەپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. تۆتىنچى، ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىك خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، خۇبېي ۋە ۋۇخەنگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىشتەك ئۇلۇغ سۆيگۈ روھىنى تەشۋىق قىلىپ، بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملار، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، پىدائىيلار قاتارلىقلارنىڭ تەسىرلىك ئىش ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىشەنچىنى قەتئىي چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇشتەك كۈچلۈك ئىرادىسىنى نامايان قىلىش كېرەك. نوپۇزلۇق ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلگەنگە ئاشكارا، ئېنىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئاممىۋى پىكىر ئارقىلىق يېتەكلەشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىنى ئاشۇرۇش كېرەك. يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى ۋە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلىملىرى تەشۋىقات - تەربىيەسىنى زورايتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنى قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە يېتەكلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆزى مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بەشىنچى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. مەركەز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇشى، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ماسلاشتۇرۇش - ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ۋۇخەن قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئالدىن كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مەركەز يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى خۇبېي ۋە ۋۇخەننىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە ھەم يېتەكچىلىك قىلىشى، ھەم نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك. خۇبېي ۋە ۋۇخەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ھازىرقى 1 - دەرىجىلىك مۇھىم ئىش قىلىپ، ھەرقايسى شەھەر، ئوبلاست ھەم ناھىيە، يېزىلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ كۈچەيتىپ، قوماندانلىق سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشى، ئىنكاسى كەسكىن، تېز بولۇشى، ئايلىنىشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تەرتىپلىك بولۇشى، ئىجرا قىلىشى قەتئىي، كۈچلۈك بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كەڭ تېببىي خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىش كېرەك، ئۇلار كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، ئۇدا جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ئىنتايىن جاپا تارتتى، بەزى تېببىي خادىملار بەختكە قارشى ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ، بەزىلىرى ھەتتا ھاياتىنى تەقدىم قىلىپ، مېھرىبان دوختۇر بولۇشتەك ئالىيجاناب روھنى نامايان قىلدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، مۇنەۋۋەر تىپلارنى ۋە ئىلغار ئىش ئىزلارنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرى ۋە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، تۇرمۇش، بىخەتەرلىك، ئادىمىيەت غەمخورلۇقىنىڭ ھەممىسىگە جايىدا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىر مەيدان خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداشتىكى كەسكىن كۈرەش. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئىنچىكە تۇتۇشى، ئەمەلىي تۇتۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرى ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىرىنچى سەپنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، زېھنىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن ھەربىر تۈرلۈك خىزمەتنى، ھەربىر ھالقىنى جايىدا قىلىشى كېرەك. ئېغىر، زور سىناق ئالدىدا، كادىرلارنى تېخىمۇ تەكشۈرۈپ پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ. ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغانلارنى تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش، دادىل ئىشلىتىش كېرەك؛ ئىستىلى تۇراقسىز، ئەپلەپ - سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋەتكەن، مەسئۇلىيەتنى بىر - بىرىگە ئىتتىرىپ قۇرۇق تالاش - تارتىش قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. ئاممىنى كەڭ دائىرىدە سەپەرۋەر قىلىپ ۋە ئۇلارغا تايىنىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشىدا قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

دىتەن دوختۇرخانىسىدىن ئايرىلىپ، شى جىنپىڭ چاۋياڭ رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، چاۋياڭ رايونىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى يۇقۇم پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركەزلىرىنىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا نىسبەتەن بىر قېتىملىق چوڭ سىناق. بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشى ھەم ياخشى روھىي ھالەت ۋە كۆرۈنەرلىك تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى، ھەم نۇرغۇن يېتەرسىزلىكلەرنى ئاشكارىلاپ بەردى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېما قۇرۇلۇشىنى بىر تۈرلۈك تۈپ قۇرۇلۇش سۈپىتىدە تۇتۇپ، ھەر دەرىجىلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىختىساسلىقلىرى، پەن تەتقىقات كۈچلىرى، قانۇن چىقىرىش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى كۈچەيتىپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ يىغىن زالىدا، شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلىپ يىغىن ئېچىپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بېيجىڭ پايتەخت بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش مەسئۇلىيىتى ئېغىر، زور، قەتئىي قىلچە بوشاڭلىق قىلىشقا بولمايدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىككى چوڭ ھالقىنى قەتئىي ياخشى تۇتۇپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يۇقۇم مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يۇقۇمنىڭ تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسىنى كونترول قىلىش كېرەك. ھازىرقى جىددىي ۋەزىپە چاغاندىن كېيىن بېيجىڭغا قايتىپ كېلىدىغان كىشىلەرنىڭ تەدرىجىي كۆپىيىش، يۇقۇمنىڭ يامراش خەۋپ - خەتىرىنىڭ تېز كۈچىيىپ كېتىش ۋەزىيىتىگە قارىتا، قاراتمىلىق ھالدا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقىشتىن ئىبارەت. بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاشتا چىڭ تۇرۇپ، قويۇق ئۇچراشقانلارنى ئىمكانقەدەر بىرتۇتاش مەركەزلەشتۈرۈپ تېببىي كۆزىتىش كېرەك. مەھەللە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسىلىنى بايقىغان ھامان دەرھال دوكلات قىلىش كېرەك. چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، يۇقۇم مەنبەسىنى تەكشۈرۈش ۋە كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئورۇنلىرىدىكى خادىملار ۋە ماددىي ئەشيالارنىڭ ھەممىسىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى يۆتكەپ تەقسىم قىلىشنى قوللىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى كۈچەيتىپ، نەتىجىلەرنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەۋزەل داۋالاش كۈچلىرىنى تەشكىللەپ، يۇقۇملىنىش نىسبىتى ۋە كېسەل بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشتە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك داۋالاش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. دەرىجىگە ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش، قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى يولغا قويۇپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلاردىن قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى قوبۇل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېغىر، خەتەرلىك كېسەللىك مىساللىرىنى مەركەزلىك قۇتقۇزۇش، داۋالاش، پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش، داۋالاش كېرەك، بولۇپمۇ ھامىلىدارلار، تۇغۇتلۇق ئاياللار، بوۋاقلار، بالىلار قاتارلىق كېسەللىك مىساللىرىغا يېقىندىن دىققەت قىلىش كېرەك. يۈزبېرىش ئېھتىمالى بار ناھايىتى ئېغىر ئەھۋاللارغا قارىتا تولۇق تەييارلىق كۆرۈپ، دوختۇرخانىلارنى كېڭەيتىش، ئۆزگەرتىش، كېسەل كارىۋىتىنى كۆپەيتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، قوبۇل قىلىپ داۋالاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات يۇرتلىرى ۋە ئورۇنلىرى، كارخانىلارنى پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا تەشكىللەپ، ئالاقىدار تەجرىبە دورىسى، ۋاكسىنا، دورىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، بالدۇرراق بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، ھەممە بىر نىيەتتە يۇقۇمغا توسۇپ زەربە بېرىش ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتى بەرپا قىلىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىشنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. ئىلمىي مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى كەڭ ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاممىنى يۇقۇمغا توغرا ئىدراكىي مۇئامىلە قىلىشقا يېتەكلەپ، ئۆزى مۇداپىئە قىلىش ئېڭى ۋە مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلار ۋە ئاممىۋى پىكىر دىققەت نۇقتىسىغا ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك. سۇ، توك، گاز، ئىسسىقلىق قاتارلىق شەھەر «ھاياتلىق لىنىيەسى»نى قوغداشنى كۈچەيتىپ، شەھەرنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىش، تاۋارلارنى بېسىپ قويۇپ ھايانكەشلىك قىلىش، توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلاش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قەتئىي زەربە بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە كۆرۈلگەن تۈرلۈك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىش ئاساسىي تەرىپىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكى، يۇقۇم زەربىسىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈش كېرەك، مەسىلە ۋە قىيىنچىلىقتىن قورقۇپ كەتمەسلىك كېرەك. ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يۇقۇمنىڭ ئىقتىسادقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى تۆۋەنلىتىپ، بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ تاماملاش كېرەك. قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەردە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە يېڭى تۈرلەردە ئىش باشلاشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئاھالە ئىستېمالىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تور ئىستېمالىنى راۋاجلاندۇرۇپ ساغلاملىق تۈرىدىكى ئىستېمالنى كېڭەيتىش كېرەك. كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە پائال تۈرتكە بولۇپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە چوڭراق ئۇچرىغان كارخانىلارنى پۇل مۇئامىلە، ئادەم ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىن قوللاش سالمىنى زورايتىپ، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. يۇقۇم قانچە يۈز بەرگەنسېرى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە شۇنچە دىققەت قىلىش، بولۇپمۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خادىملارنى كەڭ كۆلەمدە قىسقارتىشنىڭ كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار، بېيجىڭدىكى ھەرقايسى مەركەز كارخانىلىرى ۋە قىسىملار پايتەختنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى پائال قوللىشى، ماسلىشىشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، تەڭشەش - تەقسىملەشنى كۈچەيتىپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئېھتىياجىغا ئاساسەن ماددىي ئەشيالارنى ۋاقتىدا تارقىتىپ تولۇقلىشى كېرەك. بېيجىڭدىكى داۋالاش بايلىقلىرى، داۋالاش كۈچلىرىمۇ بىرتۇتاش پىلانلاش مېخانىزمى ئورنىتىشى، بېيجىڭدىكى مەركەز ئورۇنلىرى ئۆزلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، شياۋ جيې، جاۋ كېجى ۋە دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.