شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن تېلېفونلاشتى

日期:2020年02月08日
来源:新疆日报
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسىدۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تەكلىپ بويىچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى پۈتۈن كۈچ بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا ئاتلاندى. بىز پۈتۈن مەملىكەت بويىچە سەپەرۋەر قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئەڭ ئومۇميۈزلۈك، ئەڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، بىر مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشىنى ئەۋجىگە كۆتۈردۇق. ئالاقىدار خىزمەتلەردە تەدرىجىي نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىۋاتىمىز، بىزنىڭ يۇقۇمنى يېڭىشكە تولۇق ئىشەنچىمىز بار، ئىقتىدارىمىز بار. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىش يۈزلىنىشى ئۆزگەرمەيدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداپلا قالماي، دۇنيا خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنىمۇ قوغدايدۇ. بىز ئاشكارا، ئوچۇق، مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە بىلەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەمدە ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىدار دۆلەت ۋە رايونلارغا ۋاقتىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدۇق ھەم دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىقلاردىكى مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنى ۋۇخەنگە بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈشكە تەكلىپ قىلدۇق. جۇڭگو بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپى. بىز ۋاقتىدا كەسكىن، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەم نۇرغۇن دۆلەتنىڭ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشتۇق.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توغرىسىدا ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى. مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ جۇڭگونىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە كۆپ قېتىم ئىجابىي باھا بەرگەنلىكىنى ئالقىشلايمەن، ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى ھەرقايسى ساھەنىڭ ماددىي ئەشيا ياردىمى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. تارقىلىشچان كېسەلگە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ تاقابىل تۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ. ھازىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى كەسپىي نۇقتىدىن بارلىق دۆلەتلەرنىڭ زىيادە ئىنكاس قايتۇرماسلىقىنى كۆپ قېتىم مۇراجىئەت قىلدى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ يۇقۇمنى سوغۇققانلىق بىلەن باھالاپ، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى مۇۋاپىق تۈزۈشى ۋە تەڭشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى تەرەپ ئالاقىنى ساقلاپ، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىرلىكتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئالسا - تىزگىنلىسە بولىدۇ.

ترامپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا جۇڭگونىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ، جۇڭگوغا مۇتەخەسسىسلەرنى ئەۋەتىشنى ھەم باشقا تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق جۇڭگو تەرەپنى ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىنتايىن قىسقا ۋاقىتتا مەخسۇس قوبۇل قىلىپ داۋالاش دوختۇرخانىسى قۇرۇپ چىققانلىقى كىشىدە ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، بۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ قالتىس تەشكىللەش ۋە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى تولۇق نامايان قىلدى. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى چوقۇم قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىشەنچىسى بار. ئامېرىكا تەرەپ يۇقۇمغا سوغۇققان پوزىتسىيەدە مۇئامىلە قىلىپ ۋە تاقابىل تۇرۇپ، ئىككى تەرەپلىك ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يولى ئارقىلىق جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئالاقە، ھەمكارلىقنى ساقلاشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى تەرەپ يېقىندا بىرىنچى باسقۇچلۇق ئىقتىساد - سودا كېلىشىمى ئىمزالىدى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ بۇنداق كېلىشىمنى ھاسىل قىلىشى جۇڭگوغا پايدىلىق، ئامېرىكىغا پايدىلىق، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، گۈللىنىشىگە پايدىلىق. بۇ شۇنى تولۇق چۈشەندۈرىدۇكى، گەرچە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا بىر قىسىم ئىختىلاپ مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن ئىككى تەرەپ باراۋەرلىك ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش روھى بىلەن، سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ئىككى تەرەپ ئۆزئارا قوبۇل قىلالايدىغان ھەل قىلىش چارىسىنى ھامان تاپالايدۇ. ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماسلىشىش، ھەمكارلىشىش، مۇقىملىق باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى بىر يىلدا توغرا يولنى بويلاپ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ترامپ مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكا جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ كېلىشىمنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ.

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى داۋاملىق تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق قويۇق ئالاقىنى ساقلاشقا قوشۇلدى.