شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىلەن تېلېفونلاشتى

日期:2020年02月07日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كېلىشكىنى بويىچە سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، پادىشاھ ئالىيلىرى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپنىڭ كۆپ قېتىم جۇڭگو تەرەپنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى جۇڭگو - سەئۇدى ئەرەبىستان ئىككى دۆلەتنىڭ سەمىمىي دوستلۇقى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، مەن بۇنىڭغا چوڭقۇر ئاپىرىن ئوقۇيمەن. جۇڭگو تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپ بىلەن بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلىرىنى ئۆزئارا قوللاپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو تەرەپ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ھەرىكەتكە كېلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، ئەڭ تەلتۆكۈس، ئەڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشىنى قوزغىدى. ھازىر بىز ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە پائال نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈۋاتىمىز. جۇڭگو قۇدرەتلىك سەپەرۋەرلىك قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىگە تاقابىل تۇرۇشتا مول تەجرىبىگە ئىگە، بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئىشەنچى بار، ئىقتىدارى بار. جۇڭگو تەرەپنىڭ كۈچلۈك تەدبىر قوللانغانلىقى جۇڭگو خەلقىنىڭ ساغلاملىقىغا مەسئۇل بولغانلىق بولۇپلا قالماي، يەنە دۇنيانىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىكىگە غايەت زور تۆھپە قوشقانلىق. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سەپەرگە چىقىش ۋە سەھىيەگە ئائىت يېتەكچى پىكرىنى ۋاقتىدا ئىگىلىشى ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگودىكى سەئۇدى ئەرەبىستانلىقلار قاتارلىق بارلىق چەت ئەل پۇقرالىرىنىڭ ساغلاملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، داۋاملىق ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق ئاشكارا، ئېنىق بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىللە، يۇقۇمغا بىرلىكتە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيا ۋە رايوننىڭ ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ.

سالمان سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن جۇڭگونىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، يۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيان مۇناسىۋىتى بىلەن دوستانە جۇڭگو خەلقىدىن ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سالمان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا قوللانغان كۈچلۈك تەدبىرلىرىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا چوقۇم غەلىبە قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھەرقانداق ئەھۋالدا جۇڭگو تەرەپ بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرىدۇ. ھازىر جۇڭگو قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن پەيتتە، سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپ پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى قوللايدۇ ۋە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.