جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى تەتقىق قىلدى

日期:2020年02月04日
来源:天山网
【字体:

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى تەتقىق قىلدى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، مەركەز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ، كېيىنكى قەدەمدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەتقىق قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان كەڭ كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش خادىملىرى ۋە پەن تەتقىقات خادىملىرى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرى ۋە ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خادىملارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالى يۈزبەرگەندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويدى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ئىككى قېتىم يىغىن ئېچىپ مەخسۇس تېمىدا تەتقىق قىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى. مەركەز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، مەركەز يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى خىزمەتلەرنى پائال قانات يايدۇردى. گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ماسلاشتۇرۇش - ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە يولۇققان جىددىي مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى. ئالاقىدار تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدى، ئارمىيە يەرلىكنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلىشىگە پائال ياردەم بەردى. ھەرقايسى رايونلاردا پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قوماندانلىق قىلىدىغان رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرى قۇرۇلدى. ھەرقايسى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلات ئورگانلىرى ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇن قاتارلىقلار جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن تىرىشىپ كۈرەش قىلدى، كەڭ تېببىي خادىملار شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاپ، باتۇرلۇق بىلەن تىرىشىپ كۈرەش قىلدى، كەڭ خەلق ئاممىسى ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ خەلق ئۇرۇشىنى باشلىدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئومۇمىي جېڭىنى باشلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىك قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى كۈچلۈك قانات يايدۇرۇلماقتا.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، ئىقتىساد، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشىگە مۇناسىۋەتلىك. ھازىر، ئەڭ ئاچقۇچلۇق مەسىلە ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا، ئىنچىكە تۇتۇش. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش تەلىپى بويىچە، تېزدىن پەرقلەرنى تېپىپ چىقىپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، ھەقىقىي تۈردە تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، كېسەل ئالۋاستىسى بىلەن ئېلىشىپ، يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر جەزمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش قوماندانلىقى، بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇشى، بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، بۇيرۇقنى قەتئىي ئىجرا قىلىشى كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار جەزمەن چوڭ ۋەزىيەت ئېڭى ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەركەز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ھەم گوۋۇيۈەننىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇشى كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار تەدبىر قوللىنىشتا ھەم ئۆز رايونى، ئۆز ساھەسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئېھتىياجىنى ئويلىشىشى، ھەم نۇقتىلىق رايونلارغا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلىشىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئويلىشىشى كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش پەقەت تېببىي دورا، سەھىيە مەسىلىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى ھەرتەرەپلىك خىزمەت، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى قوللاش بىلەن تەمىنلەش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىۋاتىدۇ، تۈرلۈك خىزمەتلەرمۇ ئۈزلۈكسىز يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، يېقىندىن ئىز قوغلاپ، ۋاقتىدا تەھلىل قىلىپ، تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قەتئىي، كۈچلۈك، قىلچە بوشاڭلىق قىلماي ياخشى ئىشلەش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق قىلىشقا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە قارىتىدىغان قىلىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كۈچلۈك بولمىغان، بىرتۇتاش قوماندانلىق ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشقا بويسۇنمىغان، تار مەھكىمىچىلىكى ئېغىر، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان، ئىستىلى تۇراقسىز، مەسئۇلىيەتنى بىر - بىرىگە ئىتتىرىپ قۇرۇق تالاش - تارتىش قىلغان بىۋاسىتە مەسئۇل كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشتىن سىرت، قىلمىشى ئېغىر بولسا يەنە پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنى ئىنتىزام، قانۇن بويىچە جازالاش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: نۇقتىلىق رايونلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. پەقەت كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ نۇقتىلىق رايونلاردىكى يۇقۇم ئەھۋالىنى كونترول قىلغاندىلا، ئاندىن پۈتۈن مەملىكەتتىكى يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى تۈپتىن، تېز ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش كۈچىنى رايونلار بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاشنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، قەتئىي تۈردە قۇتقۇزۇش - داۋالاش بايلىقى ۋە مۇداپىئە بايلىقىنى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىنچى سەپتىكى داۋالاش خادىملىرى ۋە ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئېھتىياجىنى ئالدىن قاندۇرۇش كېرەك. خۇبېي ئۆلكىسى، بولۇپمۇ ۋۇخەن شەھىرى يەنىلا مەملىكەت بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە مۇھىمنىڭ مۇھىمى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە كۈچەيتىپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، ئاغرىقلارنى مەركەزلىك قۇتقۇزۇپ داۋالاپ، بارلىق قويۇق ئۇچراشقان كىشىلەرنى ئۆيىدە تېببىي كۆزىتىپ، يۇقۇمنىڭ سىرتقا تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ھەرقايسى رايونلار يەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، مەھەللىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلىشىنى دائىرىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېخىمۇ ئەتراپلىق، دەل جايىدا بولغان، تېخىمۇ ئەسقاتىدىغان ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. چاغاندىن كېيىن قايتىش مەزگىلىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كىشىلەر بارغان جاي ۋە چىققان جاينىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە قاتناش قوراللىرى، مەيدان - پونكىتلارنى دېزىنفېكسىيە قىلىش، ھاۋا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، داۋالاش، مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، تىرىشىپ قوبۇل قىلىپ داۋالاش نىسبىتى ۋە ساقايتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، يۇقۇملىنىش نىسبىتى ۋە كېسەل بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. بۇ، ھازىرقى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى گەۋدىلىك ۋەزىپە. مەركەزلىك قوبۇل قىلىپ داۋالاش دوختۇرخانىسىنى تېزدىن پۈتكۈزۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، داۋاملىق ھالدا ئېھتىياجغا ئاساسەن پۈتۈن مەملىكەتتىن تېببىي خادىملارنى يۆتكەپ ۋۇخەنگە ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېببىي خادىملارنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىنى ياخشى قوغداش كېرەك. خادىملارنى تەقسىملەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئىمكانقەدەر سەرخىل، قابىل خادىملارنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېغىر كېسەل ئاغرىقلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى بىرتۇتاش ئېلىپ بېرىپ، ھەرقايسى دوختۇرخانىلاردا ئېغىر كېسەل ئاغرىقلىرىنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى ۋاقتىدا كېڭەيتىش كېرەك. نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرى، ئايرىۋېتىش ئورنى قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، داۋالاش، ئايرىۋېتىش تەرتىپىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك. پىسخىكىلىق تەسىر قىلىش ۋە يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، قاراتمىلىققا ئىگە ھالدا ئادىمىيەت جەھەتتىكى غەمخورلۇقنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. يۇقۇملۇق كېسەل ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش پەن - تېخنىكا تىرىكىدىن ئايرىلالمايدۇ. ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئىلمىي دەلىللەپ، يۇقۇم مەنبەسى ۋە تارقىلىش يوللىرىنى تېزدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى يېقىندىن ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تاكتىكىسى ۋە تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىش كېرەك. ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، كارخانا قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جەھەتتىكى پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، سەپەرۋەر قىلىپ، ئالاقىدار سانلىق مەلۇمات ۋە كېسەل مىسالى ماتېرىياللىرىنى ئوچۇق قىلىش، ئورتاقلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، ۋىرۇس مەنبەسىنى ئىزدەش، تارقىلىش كۈچى، تارقىلىش جەريانى قاتارلىق تەتقىقاتلارنى تېزلىتىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تاكتىكىسى ۋە تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئۈنۈملۈك دورا ۋە ۋاكسىنىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى كۈچەيتىپ، پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن كىلىنىكا، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەمەلىيىتىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھەقىقىي تۈردە نورمال ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، تىرىشىپ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىنى ساقلاش كېرەك. كۆكتات، گۆش، تۇخۇم، سۈت، ئاشلىق قاتارلىق ئاھالىلەرنىڭ زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «كۆك - تاق»قا شەھەر باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆكتات قاتارلىق قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىشقا پائال تەشكىللەپ، ماددىي ئەشيا تەقسىملەش ۋە بازار تەمىناتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئادەم، ئاپتوموبىللارنىڭ نورمال يۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. كۆمۈر، توك، نېفىت، گاز بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە كۆرۈلگەن تۈرلۈك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، جەمئىيەت ئامانلىقى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمدىن پايدىلىنىپ مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىش، تاۋارلارنى بېسىپ قويۇپ ھايانكەشلىك قىلىش، توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلاش قاتارلىق جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، ساختا، ناچار دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، تېببىي سەھىيە ماتېرىياللىرىنى ياساش، سېتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، قەتئىي تۈردە تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەشۋىق - تەربىيە ۋە ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تور، تور سىرتى، دۆلەت ئىچى، خەلقئارا، چوڭ - كىچىك ئىشلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىشەنچنى تېخىمۇ چىڭىتىش، كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىش، كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى تولۇق خەۋەر قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى تەسىرلىك ئىش ئىزلارنى جانلىق بايان قىلىپ، جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇشتەك روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى توغرىسىدىكى تەشۋىق - تەربىيەنى زورايتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنى قانۇن بويىچە ھەرىكەت قىلىشقا، قانۇن بويىچە ئىش قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. ساقلانغان مەسىلىلەرگە توغرا قاراپ، نوپۇزلۇق ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ۋاقىتچانلىق، قاراتمىلىق ۋە كەسىپچانلىقنى كۈچەيتىپ، ئاممىنى ئىشەنچنى ئاشۇرۇشقا، ئىشەنچنى چىڭىتىشقا يېتەكلەش كېرەك. قاراتمىلىق ھالدا مەنىۋى مەدەنىيلىك تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ساغلاملىق ئېڭى ۋە يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلىملىرى توغرىسىدىكى تەشۋىق - تەربىيەنى كۈچەيتىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى مەدەنىيلىك ساپاسى ۋە ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. تور، تاراتقۇلارنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، ئالاقىدار دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇم ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاقلىشىش ۋە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تاكتىكىسىنى ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر داۋاملىق ھالدا بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك. يۇقۇم ئېغىر رايونلار زېھنىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشى، باشقا رايونلار ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇشى، بولۇپمۇ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشقا چېتىشلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى يېقىندىن تەكشۈرۈپ كۆزىتىپ، دىققەتنى يۇقۇمنىڭ ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىگە ئېلىپ كەلگەن زەربىسى ۋە تەسىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى چۆرىدەپ، تۈرلۈك مۇرەككەپ، قىيىن ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ ۋە تەشكىللەپ، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئىشچى ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ياردەم بېرىلىدىغان كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېتەرلىك پايدىلىنىپ، يېڭى مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنىڭ ئىش باشلاش سالمىقىنى زورايتىپ، قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەرنى پائال ئالغا سىلجىتىش كېرەك. سېلىنما قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ئەلالاشتۇرۇپ، مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنمىنى ئالدى بىلەن يۇقۇم ئېغىر بولغان ئاپەت رايونلىرىنىڭ جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئەسلىھەلىرى، ئايرىۋېتىش ئەسلىھەلىرى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاشتىكى جىددىي ئېھتىياجلىق تۈرلەرگە مايىللاشتۇرۇش كېرەك. دىققەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدىكى ئەڭ ئاخىرقى قورغاننى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئالغا سىلجىتىشقا بىرلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كىرىش نۇقتىسى قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ۋە ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمالىنى كۈچەپ مۇقىملاشتۇرۇپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى تېز قويۇپ بېرىپ، ئاھالىلەرنىڭ ساغلام تۇرمۇش ئىستېمال ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى يەنىمۇ يېتىلدۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ قېتىمقى يۇقۇم دۆلىتىمىزنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىغا بولغان بىر قېتىملىق چوڭ سىناق، بىز چوقۇم تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىشىمىز، ساۋاق ئېلىشىمىز كېرەك. بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا ئاشكارىلانغان كەمتۈكلۈكلەر ۋە يېتەرسىزلىكلەرگە قارىتا، دۆلەتنىڭ جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاممىۋى سەھىيە مۇھىتىنى ئۈزۈل - كېسىل رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، تۈزەپ، ئاممىۋى سەھىيەدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش كېرەك. بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇنسىز ياۋايى ھايۋانلار بازىرى ۋە سودىسىنى قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ۋە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئېغىر، زور ئاممىۋى سەھىيە خەۋپ - خەتىرىنى مەنبەدىن كونترول قىلىش كېرەك. قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى سەھىيە قانۇنچىللىق كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەتنىڭ زاپاس ساقلاش سىستېمىسىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى سىستېمىلىق رەتلەپ، زاپاس ساقلاش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق ماددىي ئەشيا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.