ئىزچىل تۈردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشتىكى چەكلىمە ۋە نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك

日期:2020年01月14日
来源:新疆日报
【字体:

شى جىنپىڭ 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى

ئىزچىل تۈردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشتىكى چەكلىمە ۋە نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك

لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى)


جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىزچىل تۈردە، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشتىكى چەكلىمە ۋە نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ ئىزچىللىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز مىسلىسىز جاسارەت ۋە ئىرادە بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تارىخىي خاراكتېرلىك، ئىجادىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر قاتلاملىق تەسىر پەيدا قىلدۇق. بىز ئۇلۇغ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر قىسىم ساھەلەردە پارتىيە رەھبەرلىكى ئاجىزلىشىش، پارتىيە قۇرۇلۇشى يېتەرسىز بولۇش، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش كۈچلۈك بولماسلىق ئەھۋالىنى قەتئىي ئۆزگەرتىپ، پارتىيەنى باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلاندۇردۇق. بىز ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى يېتەكلەش غايە - ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، خەلقنى تەربىيەلەش، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيەنى تۈزۈملەشتۈرۈش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش غايە - ئېتىقادىمىزنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتتۇق. بىز «ئىككىنى قوغداش» ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدايدىغان تۈرلۈك تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىردەك ئىرادە ۋە ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى قوغداپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئىدىيەۋى يېتەكلەش ئىقتىدارى، ئاممىنى تەشكىللەش ئىقتىدارى، ئىجتىمائىي چاقىرىق ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق. بىز ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئارقىلىق پارتىيە رايى، ئارمىيە رايى، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىكنى قەتئىي جازالاپ، ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزەپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان پاسسىپ ئامىللارنى قەتئىي تۈگىتىپ، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان، خەلققە تايىنىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان تۈرلۈك تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلقنى باشتىن - ئاخىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇردۇق.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شارائىتىدا ئۆزىمىزدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان، تارىخىي دەۋرىيلىك نىسبىتىدىن چىقىپ كېتەلەيدىغان مۇۋەپپەقىيەتلىك يولنى ئىزدىنىپ چىقىپ، بىر يۈرۈش ئۈنۈملۈك ھوقۇق نازارەتچىلىكى تۈزۈمى ۋە ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدۇق، بۇ يول، بۇ بىر يۈرۈش تۈزۈمدە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش ھەم ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە سېپى ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىي نازارەتچىلىك كاپالىتى تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «ئىككىنى قوغداش» سىياسىي ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىگە تىرەك بولىدىغان تۈپ تۈزۈم، ئاساسىي تۈزۈم، مۇھىم تۈزۈمدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بۇ يىل بولۇپمۇ دىققەتنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈشكە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، ئىشتا نەتىجە قازىنىشقا ماھىر بولۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلام پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە نازارەتچىلىكى مەۋھۇملىشىش، ئاجىزلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، مەسئۇل بولۇش، مەسئۇلىيەتتە چىڭ تۇرۇش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ھەربىر پارتىيە تەشكىلاتى، ھەربىر ئىش ئورنىدا گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ھوقۇقنىڭ توغرا يولدا يۈرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، تەدبىر بەلگىلەش ئىلمىي، ئىجرا قىلىش قەتئىي، نازارەتچىلىك كۈچلۈك بولغان ھوقۇق يۈرگۈزۈش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھوقۇقنى ئادىل ئىشلىتىش، ھوقۇقنى قانۇن بويىچە ئىشلىتىش، ھوقۇقنى پاك ئىشلىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خەلقنى مەركەز قىلغان خىزمەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش كېرەك. ئېنىق تۈزۈم يۆنىلىشى ئارقىلىق كادىرلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان پۇت - قولىنى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ ئاسارىتىدىن، «سىرتمىقى»دىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىش، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل، پاك - دۇرۇس بولۇش يېڭى ئىستىلىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مۇھىم، زور خىزمەت، مۇھىم، زور كۈرەشلەرنىڭ بىرىنچى سېپىدە كادىرلارنى يېتىشتۈرۈپ، كادىرلارنى تاۋلاپ چېنىقتۇرۇپ، ياخشى كادىرلارنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش، ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. نامرات رايونلاردىكى ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەركەزلىك ياخشى ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش داۋامىدىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى، بولۇپمۇ نامرات ناھىيەلەرنىڭ قالپىقىنى تاشلاش ئەھۋالىغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى «ئۇششاق چىرىكلىك»، قارا، رەزىل كۈچلەرنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىدىغان، قانات ئاستىغا ئالىدىغان «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان «توسالغۇ»لارنى چوڭقۇر تۈزەپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «يولۋاس»نىمۇ، «چىۋىن»نىمۇ تەڭ يوقىتىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، نەپسىنى يىغماسلىق، قولىنى تارتماسلىقتەك ئىنتىزامغا خىلاپ، قانۇنغا خىلاپ مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. بىز چىرىش ۋە چىرىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ كەسكىنلىكى، مۇرەككەپلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۈشكۈللۈكىنى تونۇپ يېتىپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، چىرىكلىكنى تۈزەش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى نەپسىنى يىغماسلىق، قولىنى تارتماسلىققا قارىتا، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشقا ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلىش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇلىغا ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزۈشتەك چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى جەزمەن قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىمىز، قاتتىق جازالىشىمىز كېرەك. تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرنىڭ ئارقىسىدىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەت بايلىقى، دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يەرلىكنىڭ قەرز خەۋپ - خەتىرىگە يوشۇرۇنغان چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىمىز كېرەك. داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىچكى - تاشقى قۇرۇلمىسىدىكى ھىيلە ئىشلىتىپ سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قىلمىشلىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىشىمىز ۋە يەنىمۇ كۈچەيتىشىمىز كېرەك. چېگرا سىرتىدىكى دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىرادىنى ساقلاپ، قىلچە يول قويماي، كونا مەسىلىلەرنىڭ قايتا يامرىشى، يېڭى مەسىلىلەرنىڭ بىخ سۈرۈشى، كىچىك مەسىلىلەرنىڭ زورىيىپ چوڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك «بىرىنچى قول»لارنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشتە ئۆزىنى چەتكە ئېلىش، قەرەللىك ھالدا ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇش، ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىش قورالىدىن ياخشى پايدىلىنىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە ئىستىلىپاكلىق قۇرۇلۇشى قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئاساسىي فاڭجېنى بولۇپلا قالماي، يەنە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر. چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇش بىر - بىرىگە بېقىنىدىغان، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ، جەزمەن بىرتۇتاش پىلانلاپ بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، ئومۇمىي ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش كېرەك. قاتتىق بولغان ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىش ئارقىلىق تۈزۈم مەزمۇتلۇقىنى كۈچەيتىپ، ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىدىغان تۈزۈم سىستېمىسى، قاتتىق ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەۋىلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ھەم «قاتتىق» بولۇشنىڭ ئاساسىي رىتىمىدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، ھەم «ئۈچنى پەرقلەندۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ماھىر بولۇش كېرەك؛ ھەم خەلق رايى، خەلق ئىرادىسىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ھەم كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، «تۆت خىل ھالەت» تەمىنلىگەن سىياسەت - تەدبىرلەرنى تولۇق قوللىنىپ، ساقلانما مىقدارنى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىش - تۈگىتىش، ئېشىش مىقدارىنى نازارەت قىلىش - توسۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق سىياسىي ئۈنۈم، ئىنتىزام، قانۇن ئۈنۈمى، جەمئىيەت ئۈنۈمىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. داۋاملىق تۈردە تۈزۈمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سىستېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىگە يۈكسەك ماسلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىغا سىڭدۈرۈپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لار ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەخسۇس مەسئۇل بولۇپ نازارەت قىلىش، پارتىيە خىزمىتى تارماقلىرى فۇنكسىيەلىك نازارەت قىلىش، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى كۈندىلىك نازارەت قىلىش، پارتىيە ئەزالىرى دېموكراتىك نازارەت قىلىش قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ يۇغۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىچكى نازارەتچىلىكىنى يېتەكچى قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىكى، دېموكراتىك نازارەتچىلىك، مەمۇرىي نازارەتچىلىك، قانۇن يۈرگۈزۈش نازارەتچىلىكى، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى، مالىيە - بوغالتىرلىق نازارەتچىلىكى، ئىستاتىستىكا نازارەتچىلىكى، ئامما نازارەتچىلىكى، ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكىنى ئورگانىك تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت نازارەتچىلىك سىستېمىسىدىكى رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: قاتتىق - ئېنىق ئىنتىزام ئارقىلىق تۈزۈمنى قوغداپ، ئىنتىزامنىڭ چەكلەش كۈچى ۋە تۈزۈم ئىجراسى كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. تولۇق قاپلىغان تۈزۈم ئىجراسىنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۈندىلىك نازارەت قىلىش ۋە مەخسۇس تۈردىكى تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. تۈزۈم ئىجراسى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، كادىرلارنىڭ تۈزۈمگە قاتتىق ئەمەل قىلغان ھالدا مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، تۈزۈمدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ ئىشلارنى پىلانلىشىغا، ئىش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئۈنۈملۈك سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق تۈزۈمنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەم ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلىتىش، ھوقۇقتىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىشتەك ۋەزىپىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش قىلمىشلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش، ھەم ھوقۇقىنى ئىشلەتمەسلىك، ھوقۇقىنى ئىشلىتىشتىن ۋاز كېچىشتەك ۋەزىپىدە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق قىلمىشلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش، ھەم بىۋاسىتە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش، ھەم مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تۈزۈمنىڭ نوپۇزىنى قوغداش، تۈزۈم ئىجراسىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باشلامچىلىق بىلەن كۈچەيتىپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشتىن ئىبارەت شەرەپلىك ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولغان، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، كۈرەش قىلىشقا ماھىر جەڭچىلەردىن بولۇشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش خىزمەت قائىدىسىنى تۈزۈپ، نازارەت قىلىش، قانۇننى ئىجرا قىلىش خىزمەت بەلگىلىمىسىنى تەستىقلىشى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىغا تۈزۈم بېكىتىپ، قائىدە ئورنىتىپ بەرگەنلىكى بولۇپ، چوقۇم كەم - كوتسىز جايىدا ئىجرا قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىغا بولغان رەھبەرلىك ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنىڭ نازارەتنى قوبۇل قىلىشىغا، چەكلىمە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئۆز - ئۆزىنى نازارەت قىلىش، ئۆزىنى چەكلەشنى كۈچەيتىشتە ئۈلگە بولۇپ، قانۇنچىللىق ئېڭى، تەرتىپ ئېڭى، دەلىل - ئىسپات ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھوقۇق چېكى، قائىدە، تەرتىپكە قاتتىق ئەمەل قىلغان ھالدا خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ قوشۇننى قۇدرەت تاپقۇزۇشى، كادىرلارنى قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قىلىشى كېرەك.

جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى چوڭقۇر يەكۈنلىنىپ، پارتىيەمىزنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت يولى، ئۈنۈملۈك تۈزۈمى چوڭقۇر ئىزاھلىنىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىشتا جەزمەن «نېمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە نېمىنى مۇستەھكەملەش، نېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە نېمىنى راۋاجلاندۇرۇش»تىن ئىبارەت مۇھىم، زور مەسىلىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. سۆزدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەندى، پۈتۈن ۋەزىيەت بىرتۇتاش ئىگىلەندى، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم، زور يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي، پۇختا بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، «قاتتىق» بولۇشتىن ئىبارەت ئاساسىي رىتىمنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىدىكى، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ھەمدە ئارمىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنى 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن كېيىن جاۋ لېجى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن «پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سېستىمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيلى» دېگەن تېمىدا خىزمەت دوكلاتى بەردى.