جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن داغدۇغىلىق ھالدا دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى تارقىتىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

日期:2020年01月11日
来源:新疆日报
【字体:

شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم ئالىي مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر قاتارلىقلارغا مۇكاپات تارقىتىپ بەردى

لى كېچياڭ سۆز قىلدى ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى خەن جېڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، 2019 - يىللىق دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى تارقىتىش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2019 - يىللىق دۆلەت ئالىي پەن - تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن سابىق جۇڭگو كېمىسازلىق ئېغىر سانائەت گۇرۇھى شىركىتى 719 - تەتقىقات ئورنىدىكى ئاكادېمىك خۇاڭ شۈخۇا (ئوڭدا)غا ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاتموسفېرا فىزىكىسى تەتقىقات ئورنىدىكى ئاكادېمىك زېڭ چىڭسۈن(سولدا)گە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)

1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، 2019 - يىللىق دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى تارقىتىش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندىن ئىلگىرى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتارلىقلار مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)


جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ھالدا دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى تارقىتىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرىگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى. لى كېچياڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىندا سۆز قىلدى. خەن جېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن 2019 - يىللىق دۆلەت ئالىي پەن - تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن سابىق جۇڭگو كېمىسازلىق ئېغىر سانائەت گۇرۇھى شىركىتى 719 - تەتقىقات ئورنىدىكى ئاكادېمىك خۇاڭ شۈخۇا ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاتموسفېرا فىزىكىسى تەتقىقات ئورنىدىكى ئاكادېمىك زېڭ چىڭسۈنگە مېدال، گۇۋاھنامە تارقىتىپ بەردى، ئۇلار بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ تەبرىكلىدى ھەم ئۇلارنى رەئىس سەھنىسىدە ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئالىي مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بۇ ئىككىيلەن بىلەن بىللە، دۆلەت تەبىئىي پەن مۇكاپاتى، دۆلەت تېخنىكا كەشپىيات مۇكاپاتى، دۆلەت پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلقئارا پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقى مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرىگە گۇۋاھنامە تارقىتىپ بەردى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ سۆزىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بارلىق خادىملارنى قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، جۇڭگونىڭ پەن - تېخنىكا ئىشلىرىغا قاتناشقان ۋە قوللىغان چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرگە چىن قەلبىدىن سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى قاينام - تاشقىنلىققا تولدى، مۇۋەپپەقىيەتلەر شانلىق بولدى. بۇلتۇر، دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا ئىشلىرىدا يەنە ئەلا نەتىجىلەر يارىتىلىپ، خەلقئارادا ئىلغار سەۋىيەگە ئىگە بىر تۈركۈم نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش چوڭقۇرلاشتى، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى سىجىل، تېز يېتىلدى. بۇ يىل بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىمىز، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پەن - تېخنىكا بىلەن ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلاش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەيمىز.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئاساسىي تەتقىقاتتىن ئىبارەت پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بۇ ئۇلىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. مالىيە جەھەتتىن مۇقىم قوللاشنى ئاشۇرۇپ، كارخانا قاتارلىق جەمئىيەت كۈچلىرىنى سېلىنمىنى كۆپەيتىشكە يېتەكلەپ، خىراجەت كاپالىتى، نەتىجىلەرنى باھالاش ۋە ئىختىساسلىقلارنى رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، مەغلۇبىيەتكە كەڭ قورساق بولۇپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ پۈتۈن زېھنى بىلەن قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىشىنى قوللاپ، «0دىن 1گىچە» بولغان تېخىمۇ كۆپ ئىجادىي نەتىجىلەرنى يارىتىپ، «سوغۇق ئورۇندۇقتا ئون يىل ئولتۇرۇشقا رازى بولۇش»تەك كۆڭۈل قويۇپ ئىزدىنىشنى تېخىمۇ كۆپ تەقدىرلەش ۋە مۇكاپاتلاش كېرەك. ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىدىكى جىددىي ئېھتىياجنى چىڭ كۆزلەپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا ئىگىلەش كېرەك. كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. ئېغىر، چوڭ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، مۇھىتنى تۈزەش قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، تېخنىكىنى ئاممىغا يېقىنلاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىپ خەلققە بەخت يارىتىش كېرەك.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىش قاتارلىق باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ ۋە قوغداپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە ئارزۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات يۇرتى، ئورۇنلىرى، ئادەتتىكى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر يۇغۇرۇلۇپ يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش - تەتقىقات - قوللىنىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن تەتقىقاتنى باشقۇرۇشتىكى «يېشىل يول» ۋە تۈر خىراجىتىنى ئىشلىتىشتىكى «ھۆددە تۈزۈمى»نى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى كېڭەيتىش كېرەك. پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرى ۋە ئىختىساسلىقلارنى باھالاش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېشى، خىزمەت ئىستاژى، ئارقا كۆرۈنۈشى، كېلىپ چىقىشى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، قابىلىيىتىگە ئاساسەن باھا بېرىپ، ئالتۇنلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جۇلالىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىش كېرەك. ئالىملار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پەن - تەتقىقات سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ياش ئىختىساسلىقلارنىڭ ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىشىغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. خەلقئارا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەت پەن - تېخنىكا خادىملىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ئالماشتۇرۇشى، كارخانىلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ تەرەققىي قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىش روھى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەڭ روشەن تەبىئىي تالانتى، ھەرقانداق دەۋردە كەم بولسا بولمايدىغان مەنىۋى ئالاھىدىلىك. كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنى ئۈلگە قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، شەخسىي غايىسىنى ئاڭلىق تۈردە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغ ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈشى كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ خې يىغىندا «گوۋۇيۈەننىڭ 2019 - يىللىق دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى تارقىتىش توغرىسىدىكى قارارى»نى ئوقۇدى.

خۇاڭ شۈخۇا، زېڭ چىڭسۈن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بارلىق خادىملارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.

مۇكاپات تارقىتىش يىغىنى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

دىڭ شۆشياڭ، شۈ چىلياڭ، چېن شى، خۇاڭ كۇنمىڭ، سەي دافېڭ، شياۋ جيې، خې لىفېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى، ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، دۆلەت پەن - تېخنىكا رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، 2019 - يىللىق دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى ھەم ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى، پايتەخت پەن - تېخنىكا ساھەسىدىكى ۋەكىللەر ۋە ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ تەخمىنەن 3300 كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

2019 - يىللىق دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى جەمئىي 296 تۈر ۋە 12 پەن - تېخنىكا مۇتەخەسسىسنى باھالاپ چىقتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىككى كىشى دۆلەت ئالىي پەن - تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ 46 تۈر دۆلەت تەبىئىي پەن مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە بىر تۈر 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 45 تۈر 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ 65 تۈر دۆلەت تېخنىكا كەشپىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ تۈر 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 62 تۈر 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ 185 تۈر دۆلەت پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ تۈر ئالاھىدە دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 22 تۈر 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 160 تۈر 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى ئون مۇتەخەسسىسكە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلقئارا پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقى مۇكاپاتى بېرىلدى.